|
|
|
|
مىسرانىم تۇرىدا 1-يۇرۇش خەلق پۇلى ھەققىدە يازمامنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يىغىپ ساقلاشقا قىزىقىدىغان دوسلار تېلىفۇن قىلىپ 1-يۇرۇش خەلق پۇلى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى چۇشەنچە بېرىش ھەققىدە ئۆتۈندى ،كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ھەر خىل پۇللارنى يىغىپ ساقلىسىمۇ ئۇنىڭ قىممىتى ۋە ئۇرنىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەن، مەيلى مەن بىلەن تېلفۇندا ئالاقە قىلغان بولسۇن ياكى ئەتراپىمدىكى باشقا يىغىپ ساقلاشقا قىزىقىدىغان دوسلار بولسۇن پۇللارنى سېستىمىلىق يىغىپ ساقلاشقا ياكى ئۇنى قانداق يەرگە قۇيۇپ ساقلاشنىڭ چارە تەدبىرلىرىنى بىلىپ كەتمەيدىكەن،ئادەتتە كۇنا پۇلنى ساقلىغاندا پۇلنىڭ يېڭى ۋە پاكىزلىغىغا ئەھمىيەت بېرىمىز،ھەتتا پۇلنى قۇل بىلەنمۇ تۇتمايمىز،ئۇنى مەخسۇس قىسقۇچ بىلەن يالتىراق خالتىغا سېلىپ قەغەز بىلەن ياسالغان ساندۇق ياكى كارۇپكىدا ساقلايمىز،ھاۋا ئۇتۇشۇپ تۇرىدىغان نەمدىن خالى رايونغا قويۇمىز،ئەگەر قاتلانسا ياكى مەينەت بولسا ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاساسەن يۇقىتىپ قۇيۇمىز،شۇڭا بۇ نۇقتا ئىتايىن مۇھىم،خۇش ،ئەمسە ئاساسلىق گەپكە كېلەيلى:
1-يۇرۇش خەلق پۇلى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى قۇرۇلغان خەلق بانكىسىنىڭ باش بانكسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىردىن بىر قانۇنلۇق پۇل بولۇپ 12خىل پۇل بىرلىگى 62نۇسخا بۇيىچە تارقىلتىغان،1يۇەنلىك بېلەتتىن 2خىل،5يۇەنلىكتىن توت خىل،10يۇەنلىكتىن توت خىل 20يۇەنلىكتىن 7خىل،50يۇەنلىكتىن 7خىل ،يۇز يۇەنلىكتىن 10خىل،200يۇەنلىكتىن 5خىل،500يۇەنلىكتىن 6خىل،1000يۇەنلىكتىن 6خىل،5000يۇەنلىكتىن 5خىل 10000يۇەنلىكتىن4خىل،50000يۇەنلىكتىن 2خىل تارقىلتىغان،باسىمىسىنى ئاساسەن ئازات رايونلاردىكى پۇل زاۋۇتلىرىدا بېسىپ چىققان،بۇ پۇللار شۇ تارىخى شارائىتتا تەيۋەن ۋە شىزاڭدىن باشقا رايونلاردا قانۇنلىق بىردىن بىر پۇل ئۇرنىدا ئىشلىتىلگەن،
مەملىكىتىمىز ھازىرغىچە 5 يۇرۇش خەلق پۇلىنى تارقاتقان بولۇپ 1-2-3-يۇرۇش پۇللار ئۇبرۇتتىن چېكىنگەن،بولۇپمۇ 1-يۇرۇش خەلق پۇلى 1948-يىلى تارقىتىلىپ 1955-يىلى بۇيرۇق بويىچە 100 كۈن ئىچىدە ئۇبرۇتتىن يىغۋېلىنغان،ئاڭلاشقارغا قارىغاندا شۇ ۋەزىيەت شۇ ماكان زامان شارائىتىدا 98%پۇل ئاساسەن مەركىزى بانكىغا يىغىپ ئەكىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان،بۇ كېيىنكى دەۋردە 1-يۇرۇش پۇلنىڭ جوڭگۇ ھەتتا چەتەللەردە يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى تەسىرى چوڭ پۇل بولۇپ قېلىشىغا تۇرتكە بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن 1-يۇرۇش پۇل لاھىلىنىپ تەكشۇرۇش ۋە تەستىققا يۇللانغاندا رەئىس ماۋجۇشىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان،ماۋجۇشى پۇل ھوكىمەت تەرەپتىن تارقىتىلىدۇ،مەن پارتىيە رەئىسى ،ھوكىمەت رەئىسى شۇڭا پۇلدىكى مېنىڭ رەسىمىمنى چىقىرۋېتىڭلار دەپ يۇل يۇرۇق بەرگەنلىكتىن،شۇ ۋاقتتىكى جۇڭگۇنىڭ ئىشلەپچىقىش ،خەلق ئىجتىمائى تۇرمۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك ،تۇقۇلما،قاتناش قاتارلىق تېمىلارنى پۇل يۇزىگە چۇشۇرۇپ تارقىتىشقا سۇنۇلغان،بۇ پۇللارنىڭ باسما تېخنىكسى تۆۋەن،قەغەز سۇپىتى ناچار ۋە بۇيرۇق بىلەن ئۇبرۇتتىن ئاساسەن يىغۋىلىنغان تەرەپلىرى تۈپەيلىدىن، بازاردا ئىنتايىن ئاز قالغان،مەملىكەت ۋە چەتئەلدىكى كىم ئارتۇق سۇدا سۇپىلىرىدا ھەسسىلەپ ئۈسۇپ ھازىر 4-5مىليون ئەتراپىغىچە باھا بېكىتىلمەكتە،بۇنىڭ ئىچىدىكى يادرۇلۇپ پۇللار بىلەن تۇنۇشۇپ باقايلى:
10000يۇەنلىك ئات پادىسى پۇلى 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىچكى مۇڭغۇلدا تارقىتىلغان بۇلۇپ سانى ئىتايىن ئاز بولغانلىغى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايۇنى ئۇچۇن تارقىتىلغان ئالاھىدە تارىخى ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە بولغانلىق سەۋەپ بىلەن داڭ چىقارغان،نۆۋەتتە بۇ پۇل 1.5مىليوندىن 2مىليۇن ئەتراپقىچە بولماقتا:
شۇ يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت 500 1000 5000 10000يۇەن قىممىتىدە پۇل تارقاتقان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 10000يۇەنلىك كارۋان ئەترىتى پۇلى ھازىر 1-يۇرۇش پۇل ئىچىدىكى داڭلىق پۇلغا ئايلاندى:بازار باھاسى 200مىڭ ئەتراپتا:
5000يۇەنلىك جەندې شەھىرى راۋىقىمۇ پۇل پۇللار ئىچىدىكى سەركە پۇل بۇلۇپ ھازىر 500مىڭ ئەتراپتا
يۇقارقىلار 1-يۇرۇش ھەققىدە بېرىلگەن دەسلەپكى ئۇقۇم بولۇپ،كېينچە تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان تەپسىلاتىنى يۇللاشقا تىرىشىپ باقاي،
ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە 2يۇرۇش خەلق پۇلىمۇ 450مىڭ يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ 1-يۇرۇش خەلق پۇلى بىلەن تەڭ ماس قەدەمدە يىغىپ ساقلاش ساھەسىدە بىر مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەپ كېلىۋاتىدۇ،ھازىر 3-يۇرۇش خەلق پۇلى ئاران 2800يۇەن ئەتراپتا بولۇپ ،كەلگۈسىدىكى قىممىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ،3-يۇرۇش پۇل بىزگە بۇ باھادا تۇرمايدىغانلىغىغا نۇرغۇن سەۋەپلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا قىزىقىدىنغان دوسلار مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ،تېلفۇنۇم 13999219909
|
|
|
|
|
|