|
|
|
|
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ھەيئىتى جۇڭگو مىللەتلەر سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىلمى-تەتقىقات ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى جوڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسى مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسى ليۇ يەننىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات كومىتىتى قۇياش ئېنىرگىيەسى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، گەنسۇ تەبىئىي ئېنىرگىيەتەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇياش ئېنىرگىيەسى تەتقىقاتى ۋەتەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى ۋېنخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا سانائەت رايونى شىمالي سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ يېشىل بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تۈرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، كېڭەيتىش قىممىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى قۇياش ئېنىرگىيەسى مەركىزى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان« قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات كومىتىتى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت.
بۇ قېتىم ليۇ يەننىڭ مۇدىر ۋە شى ۋىنخۇا مۇدىرنىڭئۈرۈمچىگە كېلىشى، شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى ۋە قۇم تىزگىنلەش كەسىپلىرىنىڭئورگانىك بېرىكىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكاشىركىتى شىنجاڭدىكى ئالگا ئارقىلىق قۇمتىزگىنلەشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇقېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىلىشكە ئاساس سالدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى تۇنجى مىللىيكارخانا بولۇپ قالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-11 05:23 PM
|
|
|
|
|
|