مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1977|ئىنكاس: 11

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2233 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 03:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر



بىلگەجان تەرجىمىسى



ئىلاۋە: نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بىر قەدەر كەمچىللىكى تۈپەيلى، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ۋە ئېغىر كېسەللەرنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋالاشنى تاللاش بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى (يەنى ۋىتامىنلار، ئاقسىللار، قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى... دېگەندەك ساغلاملىق يېمەكلىرى ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان دورا يېمەكلىكلەر، تولۇقلىمىلار) ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولۇپ، دورىلار مەلۇم ئېنىق بىر كېسەلنى داۋالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن بازارغا سېلىنىدۇ؛ ساغلاملىق يېمەكلىرى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ياكى مەلۇم ماددا كەمچىللىكى تۈپەيلى كۆرۈلگەن بىنورماللىقلارنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلىنىدۇ ۋە كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بولۇشى ناتايىن ياكى شۇنداق ئۈنۈمى ئىسپاتلانمىسىمۇ بازارغا سېلىنسا بولىۋىرىدۇ. بۇ ماقالە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن دەپ قاراپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. ئەسلى تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.cancer.org/treatment/treatmentsandsideeffects/complementaryandalternativemedicine/dietarysupplements/dietary-supplements-misconceptions

1. كۆپ مېقداردا ئىستىمال قىلىش: «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى» ئەپسانىسى

نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دوختۇرنىڭ رىتسىپى بولمىسىمۇ سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسىمۇ بىخەتەر دەپ قارايدۇ. 1990-يىللاردا ئامېرىكىدا ۋىتامىن C، بىتا كاروتىن ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلارنى مىگامىقداردا (ناھايىتى زور مىقداردا) ئىستىمال قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. گەرچە ھېچقانداق تەتقىقات نەتىجىسى ۋىتامىن C نىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ھازىرمۇ بەزى ساغلاملىق يېمەكلىرىنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان  تەشۋىقاتلارنى كۆرىمىز، ئەمما بۇ خىل يەكۈنلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.

ئەمەلىيەتتە زور مىقداردا ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ خەتەرلىك، ھەتتا زەھەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ھەدىدىن زىيادە كۆپ ۋىتامىن C بەدەننىڭ مىس سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. كۆپ مىقداردىكى فوسفور بەدەننى كالتىسىي سۈمۈرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئادەم بەدىنى زور مىقداردىكى ۋىتامىن A, D, K لەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ، كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق» ئەپسانىسى

ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر ئاساسەن سۈنئىي ياسالغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى، تەبئىي ھالىتىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى قوللىمايدۇ. ئەمما «پۈتۈنلەي تەبئىي» دەپ ئاتالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىم پىششىقلاشتىن ئۆتكەن ياكى سۈنئىي سېنتىزلەنگەن ماددىدىن ياخشى بولۇسىمۇ ناتايىن.

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈز زەھەرلىك ماددىلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەبئىي ماددىلاردۇر. مەسىلەن، زەھەرلىك موگۇ پۈتۈنلەي تەبئىي، ئەمما ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۆتكۈز زەھەرلىك. نۇرغۇنلىغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەر ياكى ماددىلارمۇ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك خېمىيىلىك تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن ۋە ئىنسان ھەزىم قىلسا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇنلىغان بوتانىكىلىق تولۇقلىمىلار (مەسىلەن، سامساق، زەنجىۋىل ۋە باشقىلار) ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن بولغاچقا، تەبئىي مەھسۇلات دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۆسۈملۈكلەر خېمىيىلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. بۇ خېمىيىلىك ماددىلار ئىچىدە بەزىلىرى پايدىلىق بولسا يەنە بەزىلىرى زىيانلىق ۋە ئىنسانلاردا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت پايدىلىق بولۇشى ناتايىن چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق خېمىيىلىك تەركىبلەر چىقىرىپ تاشلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلار ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى، گۈلى، يوپۇرمىقى، چىڭى ياكى شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ بىر نەچچە خىلى ياكى ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئۆسۈملۈكنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، مامكاپ يىلتىزى چوڭ ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، ئەمما مامكاپ يوپۇرمىقى ئىچى سۈرگۈچى خېميىلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى زادى قايسى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بەدەنگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ، بولمىسا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى زادى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تەسىرىنى ئېنىق سوراڭ.

شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىخەتەرلىك بىلەن مىقدار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك. كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقى ئاز مىقداردا چاي (چاي دورا) ئورنىدا بىخەتەر ئىستىمال قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۇيۇقلۇق ياكى تابلىت سۈپىتىدە سېتىلغان قويۇقلاشتۇرۇلغان ئاجراتمىلار بىخەتەر بولغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خېمىيىلىك تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار» ئەپسانىسى

ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ئاممىباپ ياكى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا مىڭ يىللار ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ بىلىپ قويۇش پايدىلىق، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى بارلىقى ياكى بىخەتەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى بولالمايدۇ. ئەگەر ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك دورىسى دەرھال ئازاپلىق ياكى ھاياتقا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. ئەمما ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىسىدا يۈز يىل ياكى مىڭ يىللار ئىلگىرى دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەكىس تەسىرىنى تەكشۈرىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار يوق ئىدى. شۇڭا، ئەگەر بىر ئۆسۈملۈك قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈملۈكتەك قىلغان بىلەن، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۋەتسە (مەسىلەن، راك كېسىلى، يۈرەك ئاجىزلىقى ياكى بۆرەك زەئىبلىشىش) بۇنى ئەنئەنىۋى مىدىتسىنادا بايقىغىلى بولمايتتى. يەنە كىلىپ، ئەگەر بىمارنىڭ سالامەتلىكى شۇ ئۆسۈملۈك دورىسىنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۆلۈپ كېتىشمۇ ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى، ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغىنى ھەر خىل ياشتىكى بىمارلار ھازىر پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا بەزى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىلىرىدا، چاي دورىلار ئىچ سۈرگۈزۈش ياكى قۇستۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. بۇ خىل تەسىرلەر  بۇنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاشنى ئويلاشقاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم چاي دورىلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ئۇسۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتىش ياكى بىمارنى ياخشىراق ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ. بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئەلۋەتتە ساقىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بار بىمارلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئاقىۋىىتنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى. ئىشەنچلىك ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زامانىمىزدىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىلار كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:


1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار

2) ئورۇقلاش، مۇسكۇل چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار

3) سىتىروئىدلىق ھورمۇنلارغا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە ھورمۇنسىز مەھسۇلات دېيىلگەنلىرى


ئەسكەرتىش: مەن (بىلگەجان) يازغان بارلىق ماقالىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋال شەخسىي بىلوگىمدا (بىلگە بىلوگى) ئېلان قىلىنىدۇ. مەن يازغان ماقالىلارغا قىزىققۇچىلارنىڭ بىلوگىمغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمەن. ئەگەر مەن يازغان ماقالىلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بوسىڭىز بىلگە بىلوگىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 04:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 05:01:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awal   ukup   qikay

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 05:12:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرندىشىم !  ئولۇغ ئاللاھ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن . بۈگۈن يەنە بىز ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى يوقىرى بولغان تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز. يازمىڭىزغا چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر.  

سىزدىن بىر مەسلنى سورغىم كەپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارمىزدا (يەنى جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپلەردە) ئەمىۋاي،ئورفىلەم قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتىدغانلار كۆپۈيىشكە باشلىدى ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدكى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان بولساق (بولۇپمۇ ئەمۋايچىلارنىڭ)  بۇلارنىڭ ساغلامىلق مەھسۇلاتلىرى ھەرقانداق كىسەلگە شىپاھ، ئورۇقلارنى سەمىرتىدۇ، سىمىزلەرنى ئورۇقلىتىدۇ، بۇلارنى مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەنلەر كىسەل بولمايدۇ، بۇ مەھسۇلات شۇنداق تەبئى ، شۈبىھتىن خالى ، مۇسۇلمانچە،ئامرىكىدا مانچە مىڭ گىكتار قىلچىمۇ خېمىۋي ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن تەبئى ئورگانىك ئېتىزلارغا تېرغان زىرائەتلەردىن ئايرىۋېلىنغان ، ھېچقانداق خېمىيۋى تەركىپ ئارلاشمىغان... ۋەھاكازالار.  دىگەندەك ماختاشلار ئىچىدە،  ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ سېتىۋاتىدۇ. ئەمدى سورايدىغىنىم ! مۇشۇ ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى شۇنداق ياخشىمۇ؟  ياخشى بولسا نىمە ئۈچۈن ئەمىۋاينىڭ ھەرخىل ۋىتامىنلىرنى دوختۇرخانىلار ، دورىخانلاردا ئىشلەتمەيدۇ ھەم ساتمايدۇ؟ ھەمدە بۇلارنىڭ ھېلقى ماي قۇيماي سەي قورۇيدىغان قازىنى شۇنداق ياخشىمۇ؟ شۇ ماي قۇيماي سەي قورۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟  مۇشۇ سولىمغا ئېنىقراق قىلىپ بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 05:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەۋسىيەلەركەن،ئەجرىڭىزگە رەخمەت!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11505
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 06:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2) ئورۇقلاش، مۇسكۇل چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار


بۇ بىر جۈملە سۆز مۇنبەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ۋە ۋاقتىنى تېجەيدۇ .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7400
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7752 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 07:06:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كوللاگىنىلىق پېپتتىد دەيدىغان بىر نەرسىنى ئىستىمال قىلىش بەكلا ئەۋجىگە چىقتى. بۇ نەرسە راستىنلا ئادەمگە پايدا قىلامدىغاندۇ ؟!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 750
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 07:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمما ما ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق مەسھۇلاتلىرىنى ئىككىلەنمەي سېتۋاللى ماخما ،
قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن مىللى تىبابەت دۇرىلىرىنى ساغلاملىق مەسھۇلات دەپ ئەنگە ئېلىپ چىقىرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار دارا  دەپ سالسا ئىش با ..................
يەنە تالاي رەسمىيەت  .   

ماۋۇ كەسىپتىكىلە ئۆزەڭلا بىنەرسە دەڭلا  مەن مۇشۇنچىلىك تەرىپىڭلىنى قىپ قويدام ئەينا
بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كەتمىسۇن دەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 10:14:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرندىشىم !  ئولۇغ ئاللاھ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن . بۈگۈن يەنە بىز ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى يوقىرى بولغان تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز. يازمىڭىزغا چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر.  

سىزدىن بىر مەسلنى سورغىم كەپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارمىزدا (يەنى جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپلەردە) ئەمىۋاي،ئورفىلەم قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتىدغانلار كۆپۈيىشكە باشلىدى ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدكى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان بولساق (بولۇپمۇ ئەمۋايچىلارنىڭ)  بۇلارنىڭ ساغلامىلق مەھسۇلاتلىرى ھەرقانداق كىسەلگە شىپاھ، ئورۇقلارنى سەمىرتىدۇ، سىمىزلەرنى ئورۇقلىتىدۇ، بۇلارنى مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەنلەر كىسەل بولمايدۇ، بۇ مەھسۇلات شۇنداق تەبئى ، شۈبىھتىن خالى ، مۇسۇلمانچە،ئامرىكىدا مانچە مىڭ گىكتار قىلچىمۇ خېمىۋي ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن تەبئى ئورگانىك ئېتىزلارغا تېرغان زىرائەتلەردىن ئايرىۋېلىنغان ، ھېچقانداق خېمىيۋى تەركىپ ئارلاشمىغان... ۋەھاكازالار.  دىگەندەك ماختاشلار ئىچىدە،  ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ سېتىۋاتىدۇ. ئەمدى سورايدىغىنىم ! مۇشۇ ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى شۇنداق ياخشىمۇ؟  ياخشى بولسا نىمە ئۈچۈن ئەمىۋاينىڭ ھەرخىل ۋىتامىنلىرنى دوختۇرخانىلار ، دورىخانلاردا ئىشلەتمەيدۇ ھەم ساتمايدۇ؟ ھەمدە بۇلارنىڭ ھېلقى ماي قۇيماي سەي قورۇيدىغان قازىنى شۇنداق ياخشىمۇ؟ شۇ ماي قۇيماي سەي قورۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟  مۇشۇ سولىمغا ئېنىقراق قىلىپ بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15152
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 10:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizyaxa يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 07:06 PM
ئەمما ما ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق مەسھۇلاتلىرىنى ئىك ...

نەچچەيىللار بۇرۇن دورائىجازەتنامىسنى ئۆلكە -ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك سەھىيەتارماقلىرى بېرەلەيدىغان چاغدا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلرىنى ئىشلەپچىقرىدىغان كارخانىلىرىمىز بەك ئاز ئىدى ،بارلىرىمۇ  تەستىق ئېلىشقا سەل قاراپ  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇلماي قالدۇق ، بىزنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ  زاڭزۇ تىبابىتى دورىلىرى  ئىجازەتنامىنى ئېلىۋاپتىكەن پايدىسنى كۆرۈۋاتىدۇ.
دۆلەت دوار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،ئىجازەتنامنى برىش ھوقۇقى مەركەزدىلا قالدى .ئەمدى رەسمىيەت تەلەپنىڭ يۇقىرلىقىدا ئىجازەتنامە ئالاي دىسمۇ تەسلشىپ كەتتى ،مېنىڭ بىلىشىمچىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر تىبابەت  دورا مەھسۇلاتلىرى كارخانا-شىركەتلىرى رەسمىيەتنىڭ تەسلكىدىن دورا ئىشلەپچىقىرش ئىجازەتنامىسى ئېلىشتىن قېچىپ ،يەرلىك يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارسى ياكى سۈپەت -تېخنىكا نازارەتچىلكى ئىدارىسدا يىمەكلىك ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرش ئىجازەتنامىسى ئېلىۋاتدۇ ،بۇنىڭ بىلەن چوڭ دورىخانىلاردىن ئورۇن ئاللالماي ،تاللا بازارلىرى ياكى كچىك شەخسىي دورىخانىلاردا ،تېۋپلارنىڭ دۇكانلىرىدىلا سېتىلىۋاتىدۇ .
يىراقنى كۆزلىگەندە ،يېتەرلىك ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ئاساسىنى ھازرلىغان بىرقەدەر كۆلەملەشكەن ئۇيغۇر تىبابەت كارخانىلرى رەسمىيەتنىڭ تەسلكىدىن قاچماي ۋاقتىدا دورا  ئىجازەتنامسى ئېلۋالغىنى ياخشى ،بولمىسا باشقلار بىزدىن چاققان چقىپ كېتىپ پاتنىت -ئىجازەتنامىلەرنى  ئېلىۋالسا ئارماندا قالىدىغان گەپ .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 10:55:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقايسى تور بىكەتلەردىكى ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كاتالوگى:
http://www.biltap.com/?b=tur&id=8

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش