|
|
|
|
1.نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا بىر تويغا كەچلىك ۋىچىركىغا قاتنىشىپ قالدىمدە . يۇمۇلاق جوزىنى بويلاپ پاراڭلىشىپ ئولتاردۇق . بۇنداق يىغىلىشلاردا جاھاننىڭ ھەننىۋا پارىڭى سېلىنىدىغان بولۇپ سىز بەزىدە بۇ يەردىكى پاراڭلاردىن ھەيران قالىسىز ، بۇگۇنمۇ يۇمۇلاق جوزىنىڭ توشۇشىغا ئەگشىپ پاراڭلار شۇنچە قىزىپ كەتتى .پاراڭلاردا ھېلى ئۇ ھېلى بۇ ئىشلار سۆزلىنىپ ئاخىرى يىمەكلىك پارىڭىغا كۆچتى .
2. بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى .بىز كىلىش مەنبەسىگە ئىشەنىچ قىلالمىغان ماينى تەرىك ئەتكىلى ، دىدى ئۇزۇنتۇرا يىگىت .مۇشۇ گېزىت جۇرنال تور ، تېلۋۇزۇرلاردا ئەخلەت ماي ،ئازگال ماي دىگەندەك مايلارنى پاش قىلىۋاتىدۇ .بىر كۇنى مۇندا ئايلىنىپ بىر بازارغا بارسام بىر نەچچە چوڭ تۇڭدا پارچە ساتىدىغان ئەرزان ماينى ئۇچۇرتۇپ قالدىم .ۋە سېتىۋاتقانغا چاقچاق قىلىپ دىدىم :-كىم يەيدۇ سېنىڭ بۇ ئەخلەت مېيىڭنى ؟ - بۇ ئەخلەت ماينى سىلەر ئۇيغۇرلار يەيسىلەر ،قانداقسىگە قانداق قىلىپ ، ئشىقىلىپ نەزىر چىراق ئۇچۇن مەندىنلا ماي ئالىدىغان ئۇيغۇرلار ساماندەك . بۇ پەقەت ئۇزۇنتۇرا يىگىتنىڭ سورۇننى قىزىتىش ئۇچۇن سالغان پارىڭى بولىسمۇ ،مەنگە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلدى .
3.بۇ گەپنىڭ قانچىلىك راست قانچىلىك يالغانلىقىنى قويۇپ تۇرايلى ، ئەمما بۇ ئاي بۇ كۇندە نەزىر قىلىشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس خېلى تەييارلىق كىتىدۇ .ئاللاھ تائالا ئىگەم قوبۇل قىلسۇن ، رەھمەتلىكلەرنىڭ گۆرىگە چىراق بولۇپ قالسۇن دەپ قىلۋاتقان نەزىر بولغاندىن كىيىن ، بولسا جامائەت نەزىرگە ئىشلىتىدىغان مايغا ناھايىتى دىققەت قىلساق . يالغان مەسھولاتلارنى ، ئازگال ميېى قارا ئۇۋىلىرىنى ھۆكۆمەت تۇتىۋاتىدۇ ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلۋاتىدۇ ، ئەمما لېكىن ماينى ئىشەنىچلىك يەرلەردىن ئېلىپ نەزىرى چىراقلىرىمىز نى شۇبىھىدىن خالى كۆڭۇلدىكىدەك قىلساق . يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى دىگەندەك يەنىلا ئۆز يۇرتىمىزدىكى تۆمۇر ھاشىر دەيمىز ، ۋە باشقا ئۆزىمىزدىن بولغانلارنىڭ ياغ زاۋۇتلىرى باغۇ . ئايدا يىلدا بىر ئىككى قېتىم نەزىر بولغاندىن كىيىن ،نەزىر ئىگىلىرىنىڭ جامائەتنى ھۆرمەتلىگەن ، ئايىغان ئاساستا ھەر بىر نەزىرلىك خۇرۇچلارغا بەك بەك دىققەت قىلىشنى ئۇمۇت قىلىپ قالدىم .
4.ئەلۋەتتە نەزىردىن باشقا توي تۆكۇنلىرىمىز بار ،سۇننەت ئىدەرلىرىمىز بار ، موشۇنداق جامائەت يىغىلىدىغان ، دۇئا يىغىلىدىغان بەركەتلىك سورۇنلىرىمىزنىڭ يىمەكلىك خۇرۇچلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق .ئاخىرىدا ھەممىمىزنىڭ قىلغان ۋە بۇندىن كىيىن قىلماقچى بولغان ياخشى ئىشلىرىمىزنىڭ دەرگاھى ھەقتە قوبۇل بولىشىنى چىن قەلبىمىدىن تىلەيمەن .
5.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گىنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق دىگەن بىر گەپمۇ ئاۋۇپ قالدى ھازىر ،ھەيۋەت يەرلەردىن باھاسى چۇشۇپتۇ دەپ سۇپسۇزۇك دەپ ئەپ كەلگىنىمىز بىلەن بۇ تەرەپلىرىنىمۇ ئويلۇشۇپ باقساق . |
|
|
|
|
|
|