|
|
|
|
كوچا ئابتۇبۇسىدا كېتىپ باراتتىم،بىر بىكەتتە توختىشى بىلەن بوۋىقىنى كۆتەرگەن بىر چوكان ئابتۇبۇسقا چىقتى.ئابتۇبۇستا بوش ئورۇن يوق ئىدى،چوكان بالىسىنى كۆتىرىپ ئۆرە تۇرۇپ قالدى،بوۋاق يىغلىغىلى تۇرۇپتى،چوكان بىئارام بولۇشقا باشلىدى.شۇ چاغدا 65 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى ئۆز ئورنىنى بوشىتىپ بېرىپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى،چوكان بەلكىم،ياشتا چەڭ بولۇپ قالغان كىشىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىسە كىرەك،رەھمەت ئېيتىپ ئولتۇرىشنى ماقۇل كۆرمىدى. شۇچاغدا يانا بىر ياشانغان كىشى يېنىدا ئولتۇرغان 20-21 ياشلاردىكى بىر يىگىتنى <بالام،ئاۋۇ ئايالنىڭ بالىسى باركەن،قىيلىنىپ كەتتى،ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن> دېۋىدى،يىگىت؛ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم،مەن ئورنىمنى بوشىتىپ بېرىپ،نېمىشقا ئۆرە تۇرغىدەكمەن-دەپ قىمىرلاپمۇ قويمىدى. ***************** ئىشخانىدا ئولتۇراتتۇق،مۇختەر كېرىپ،باتۇرغا؛ -سېزنى ئىدارە رەھبىرى چاقىرىۋاتىدۇ-دېدى،باتۇر؛ ئىشى بولسا ،ئۆزى كىرسۇن -دەپ گەپنى تۈگەتتى.ئارىمىزدىن بىرى،باتۇرغا؛چىقىپ باقساڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ دېيىشىگە،ئۇ-ھەممىمىزئوخشاش ئادەم ،مەن نېمىشقا ئالدىغا چىققىدەكمەن-دېدى. *************** بىر كۈنى ئىدارىدىكىلەر بىر يەرگە مېھماندارچىلىققا باردۇق،ساھىپخان بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى،دوستىخاندا ئەمدى ئولتۇرىۋىدۇق،يېنىمدا ئولتۇرغان بىر خىزمەتدىشىم ئالدىراپلا ئۇنىڭ-بۇنىڭغا قول تەككۈزۈشكە باشلىدى،مەن،خىزمەتدىشىمغا ئاستاغىنا؛ئاداش ،چوڭلار قول تەككۈزمەستىن ئالدىراپ كەتكىنىڭ بولمىدى ،دەپتىم، ئۇ؛سەنمۇ قىزىقكەنسەن،ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم،چوڭلارغا قاراشنىڭ نېمە ھاجىتى-دەپلا گەپنى ئۈزدى. مەنبە؛قەلىمىم
|
|
|
|
|
|