مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1148|ئىنكاس: 7

جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدىغان سەككىز خىل كىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 06:51:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدىغان سەككىز خىل كىشى

1. سەككىز سائەت سىرتىدا ئۆگىنىش قىلمايدىغان كىشى
ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى سەككىز سائەتنىڭ سىرتىدىكى ۋاقىتنى قانداق ئىشلىتىشتە. ۋاقتى بار كىشلەر مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ، ۋاقتى ئالدىراش كىشلەرلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ. سەككىز سائەت ۋاقىت ھازىرنى بەلگىلەيدۇ، سەككىز سائەتنىڭ سىرتى كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. قانداق ئوي بولسا شۇنداق ياشايدۇ، ئۆگەنگەندە تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ، بىلىم بولمىسا ساۋاق ئېلىش كېرەك، ساۋاق بولمىسا دەرسخانىغا كىرىش كېرەك. جەمىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتمايدۇ، بىزنىڭ تەپەككۇر ئىنكاسىمىز بەك ئاستا. نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ تەپەككۇر ئنكاسىمىز ئاستا، بىز ئۆگىنىشكە يىتىشەلمىدۇق. كىشلىك ھاياتتا ئىككى چوڭ ئازاب بار: نىكاھدىن كېيىن قايتا مۇھەببەتلەشمەسلىك، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتا ئۆگەنمەسلىك.
ئۆگىنىشنى رەت قىلىشنىڭ ئۆزى دەل ئۆسۈپ يىتىلىشنى رەت قىلىشتۇر. ئاتا-ئانىلار ئۆگەنمىسە بالىلار بىلەن ئارىلىقتا ھاڭ پەيدا بولىدۇ. ئەر-ئايال بىر تەرەپ ئۆگەنمىسە ئازارىلىق پەيدا بولىدۇ، ئۆگىنىۋاتقان ئادەم خۇددى ئوخشاش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان دەرەخكە ئوخشايدۇ، تەبئىيلا ئېگىزلەيدۇ. بىر ئادەم ئۆگەنمىسە جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يىتىشەلمەيدۇ، ئادەم ئۆزى 21- ئەسىردە ياشايدۇ، ئەمما تەپەككۇرى 20- ئەسىردە قالىدۇ. زادى نېمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان تېخنىكىنى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىقتىدارنى ئۆگىنىش كېرەك.
ئىدىيە 40%+ كىشلىك مۇناسىۋەت 40%+ كەسپىي ئىقتىدار 20% = مۇۋاپىقىيەت، بۇ مۇۋاپىقىيەتتىن ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىڭىزنى تېپىۋېلىڭ، نىمە كەم نىمىنى تولۇقلاش كېرەك، جەمىيەتتە نىمە كەم بولسا سىز شۇنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، ئۆگىنىش قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي جەمىيەتكە پايدىلىق، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا پايدىلىق.
ئۆگەنمەيدىغانلار 21-ئەسىردە جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدىن سەككىز خىل كىشىنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى خىل كىشى.
2.يېڭى شەيئى، ئىش-ھادىسلەرگە قارىتا ئىنكاسى ئاستا كىشى
ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى غايەت زور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر مەزگىللىك قارشى تۇرۇش، گۇمانلىنىش، رەت قىلىش ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. 21-ئەسىردىكى يېڭى شەيئىلەر چوقۇم جەمىيەت يۈزلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يۈزلىنىشنى كۆز بىلەن كۆرۈپ ئەمەس، بەلكى ئەقىل پاراسىتىمىز بىلەن ھۆكۈم قىلىمىز. كىم يۈزلىنىشنى تۇتالىسا شۇ كىشى كەلگۈسىنى تۇتالايدۇ. ئۆگەنمىگەندە كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ، يېڭى شەيئىگە نىسبەتەن سەل قارايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.
3. خۇسۇسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ يالغۇز كۈرەش قىلىدىغان كىشى
21-ئەسىر قەھرىمانلارنى كوللىكتىپتىن سىقىپ چىقىرىدىغان دەۋر، ئىتتىپاقلىشىش 21-ئەسىرنىڭ يۈزلىنىشى، كىم كوللىكتىپقا ئىگە بولسا شۇ كىشى بازارغا ئىگە بولىدۇ. 1+1=2 ماتىماتىكا، 1+1=11 ئىقتىساد ئىلىمى، بىر چوكىنى سۇندۇرغىلى بولىدۇ، ئون تال چوكىنى سۇندۇرغىلى بولمايدۇ.

4. پىسخىكىسى ئاجىز، ئاسانلا زەربە يەيدىغان كىشى
ئىش-ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەكىسچە سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىز، كۆز-قارىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. ئىش-ۋەقەنىڭ ئۆزى سىزنى ئازابلىمايدۇ، ئەكىسچە سىزنىڭ ئوي-خىيالىڭىز سىزنى ئازابلايدۇ.
5. تېخنىكىسى بىرخىللا ئالاھىدىلىكى يوق كىشى
مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش، مۈشۈك: « ھازىر قايسى دەۋر، بىر خىللا تېخنىكا بىلەن ياشىغىلى بولامدۇ؟» ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىچە، 2015-يىلى جۇڭگودىكى 50 كەسىپ شاللىنىپ كېتىدىكەن. كىرزىس بولماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىرزىس، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىش بولسا ئەڭ چوڭ توزاق. ئادەم چوقۇم ئۆزىگە بىر چېكىنىش يولى قالدۇرۇش كېرەك، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغاندا چىقىش يولى ئىزدىمەسلىك كېرەك.
6. كۆز ئالدىدىكى شەيئىنى تونۇشى ۋە تەھلىل قىلىشى ناھايىتى يۈزەكى كىشى
كۆز ئالدىدىكىگە سەل قارىغاندا كەلگۈسىنى يوقىتىدۇ، ئاز پۇلغا سەل قارىغاندا كۆپ پۇلدىن ئايرىلىدۇ. يىراققا نەزەر سېلىش بولمىغاندا چوقۇم يېقىنغا نەزەر سېلىش كېرەك. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش، ئەڭ خەتىرى يوق مەبلەغ سېلىش بولسا ئۆگىنىشكە مەبلەغ سېلىش، ئۆگەنگەندە كىشى يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ئۆگەنگەندە ئاندىن كەلگۈسى يۈزلىنىشنى بىلەلەيدۇ.
7. EQ ھېسىيات كۆرسەتكۈچى تۆۋەن كىشى
نۇرغۇن كىشلەرنىڭ يۈز ئۆرۈشى كىتاب بېتىنى ئۆرۈشتىن تېز. بۇرۇنقىلار كىچىك ئىشقا چىدىيالمىغانلار چوڭ ئىشتىن گۇمان قىلىدۇ دېگەن. IQ ئەقلى بۆلۈنمىسى يۇقىرى كىشلەر بىر ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ، EQ ھېسىيات كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشلەر كەلگۈسىنى تاپالايدۇ، AQ ئوڭۇشسىزلىق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشلەر چوققىغا چىققۇچى كىشىگە ئايلىنالايدۇ.
دۇنيادىكى 80% قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ئۆزىنى چەتكە ئالغان كىشى ھېچئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.
دۇنيادىكى 15% قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ھەل قىلىشقا تىرىشقان كىشى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ. دۇنيادىكى 15% كىشى قىيىنچىلىقنى ئىزدەيدىغان كىشى بولۇپ، بۇ خىل ھېسىيات كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشى چوققىغا چىققۇچىغا ئايلىنالايدۇ.
8. كۆز-قارىشى قالاق، بىلىمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن كىشى
ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكنى يىيىشكە بولمايدۇ، ۋاقتى ئۆتكەن كۆز-قاراشنىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 21-ئەسىردىكى مۇۋەپپىقىيەت سىز قانچىلىك كىشىدىن غالىپ كەلگەنلىكىڭىزدە ئەمەس، سىزنىڭ قانچىلىك كىشىگە ياردەم قىلغانلىقىڭىزغا باغلىق.
مەنبە:نۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 11:01 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 11:11:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
EQ ھېسىيات كۆرسەتكۈچى تۆۋەن كىشى دىگنىمىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3641 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 11:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ناھايىتى تېتىملىق يازمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 11:53:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 11:11 AM
EQ ھېسىيات كۆرسەتكۈچى تۆۋەن كىشى دىگنىمىز ؟

EQدېگىنىمىز كەيپىياتىنى ئەقلىي ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدىكەن,

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 02:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىلىق ياراتمىساق ۋەيران بولىمىز .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 10:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا دەۋىرنىڭ خىلىلا كەينىدە قالغان ئوخشايمىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 10:31:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شاللىنىپ قالامدىم

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 11:50:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ئەنئەنىۋى كەسىپ قىلىدىغانلار نۇرغۇن.يەنە ھازىرقى دەۋىردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ كىچىكرەك زاۋۇت قۇرۋالغانلارنىمۇ ئۇچىرتالايمىز.بۇ كەسىپلەرمۇ كىيىن ۋەيران بولىدىغان كەسىپلەر تۈرىدە بار دىمەكچىمۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش