مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1416|ئىنكاس: 22

تۇز : چۈنكى ، مەن ____________ ئادەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43758
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15972 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 02:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانام سۈتى.
«خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم ،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا، يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى ، مەن ___ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم .


تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل - چىمەننى ،
ئۆرۈلەر قىر بېشىغان سەۋر قاچام .
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان .
چۈنكى ، مەن _ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،
دىلىدىن دىلىمغا نۇر- يورۇق ئېلىپ .
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس ،
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن .
چېقىلسا قىلچە ئىززەت- ھۆرمىتىمگە ،
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن .
چۈنكى ، مەن _ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ ،
ۋە ياكى مۇتۇھەملەر پەلۋان بولسا ؛
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ئازغان ئۈچۈن _
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا .
چۈنكى ، مەن- ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ھوقۇقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


ئېتىقاد ، ئەقىدەم بار ئۆزەمگە خاس ،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ - قانات قىلغان .
ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت - ئۇچقۇن يانار ،
تەتۈرلىك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


ئادىمىي ئادەمكى مەن ئەلگە چاكار ،
لېكىن ، ھېچ بىرەرسىنىڭ  قولى ئەمەس .
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا ،
جەڭچىمەن ، ھېچ كىشىنىڭ قۇلى ئەمەس .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .


غەزەلخان خەلىقم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،
ئىلھامى ئاتا قىلغاچ خەلقم _ ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ ئۇيغۇر دېگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان .
چۈنكى ، مەن- ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غەزلىم پايىان بولسا ماڭا ماتەم .

ئاپتۇر : تاھىر تالىپ



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 02:52:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئىر ئىكەن .رەھمەت !
''
ئىلھامى ئاتا قىلغاچ خەلقم _ ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ ئۇيغۇر دېگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان .
چۈنكى ، مەن- ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غەزلىم پايىان بولسا ماڭا ماتەم .
''
مۇنۇ مىسرالار سىزنىڭ بەزى تېمىلاردىكى ئىنكاسىڭىزغا سەل زىت كىلىپ قاپتۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 02:52 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3086
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5813
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 03:33:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدا بار ئىدى ،مەن بەك ياقتۇرىمەن بۇ شېئىرنى ،قايتا يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 03:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 03:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل شىئېر كەن رەھمەت.

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 03:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شېئىر .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4084
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1157 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 03:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



      بۇ شېئىرنى تولۇق يوللىماپسىزغۇ؟

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15302
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 04:59:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hakikatan yahxi xierkan. nima disak bolar ha ?

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 05:03:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالىمدىن يېسەم دەشنام ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم.

تۇللۇقسىزدا مشۇنداق يادلايتتۇق

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 05:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 05:03 PM
مالىمدىن يېسەم دەشنام ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن ھېسىياتلى ...

بىزمۇ شۇنداق ئۆزگەرتىۋالغان  بۇ شېئىرنى .
ئەمما مەزمۇنلۇق شېئىر بۇ .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش