|
|
|
|
شېۋىتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە، بىردانە شېۋىتسارىيەدە ياسالغان قول سائەت كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سائەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە باھاسى كىشىلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.بۇ سائەتنى شېۋىتسارىيەنىڭ 175 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنياغا داڭلىق سائەت ياساش شېركىتى patek philippe ياسىغان بولۇپ، سائەت دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ موتۇرلۇق ئىكەن، لاھىيەلەش گۇرۇپپىسى جەمئىي سەككىز يىلدا ياساپ چىققان. تەتقىق قىلىش ۋە لاھىيەلەشكە ئۈچ يىل ياساشقا بەش يىل ۋاقىت كەتكەن، ئېغىرلىقى بەشيۈز گىرام، 920 زاپچاستىن تۈزۈلگەن،جەمئىي 24خىل مۇرەككەپ ئىقتىدارىغا ئىگە، ۋاقىت كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە 10مىڭ يىللىق كالېندار ۋە نېۋ يورك شەھىرىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
بۇ سائەت 1999ـ يىلى تۇنجى قېتىم نېۋ يورك دا كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىلغان، 11000000 (ئون بىر مىليون دوللار) 67مىليون يۈئەن لىك باھا بىلەن ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قاتارىدىكى بۇيۇملارنىڭ رېكوتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
بۇ قېتىم يەنە ئىستىمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، سائەتنىڭ ئىگىسى بۇ سائەتكە 12000000مىليون ياۋرو باھا قويغان(ئون ئىككى مىليون ياۋرو)يەنى:؛ 91711200 يۈئەن خەلىق پۇلى
|
|
|
|
|
|