نامەرت تېمىسىدىكى روبائىلار
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
نامەرتلەر خۇيىدۇر ياراڭنى تاتىلاش ،
خىسلىتى ئۈزۈمسىز باراڭنى ماختاش .
ھەق ناھەق ئارلاشقان دۇنيا ئالدىدا ،
كەلمەيدۇ قولىدىن ھەقىقەت ياقىلاش .
نامەتلەر تاپىدۇ ئىشىڭىدىن پۇتاق ،
قەۋمىنى ساتىدۇ تويغۇزۇپ قۇرساق .
نامەرتتىن يىراق تۇر بەرمىگىن مىھىر ،
نامەرتلەر قوينىدا يۇشۇرار پىچاق .
نامەرتلەر چىھرىدە بولمايدۇ كۈلكە ،
ھەركىتى بەئەينى ھىلىگەر تۈلكە .
ئالدىراپ سىرىڭنى بەرسەڭ ئەگەردە ،
ياش ئاققان كۆزۈڭنى كۆپتۈرەر كۆلگە .
نامەرتلەر قىش دەيدۇ ھەتتا يېزىڭنى ،
تىكەنگە ئورغۇسى كىلەر بېغىڭنى .
ئەگەردە نەپ يەتسە نامەرتكە سەندىن ،
چىگىشتىن يانمايدۇ ئىشتانبېغىڭنى .
نامەرتكە يارىماس بۇلبۇل ناۋاسى ،
يارايدۇ ئۇلارغا پۇلنىڭ ئاۋازى .
مەنپئەتنىڭ ئالدىدا ئىتتەك سوكۇلداپ ،
تەمەدە ياشايدۇ ئۆلۈپ ساپاسى .
نامەرتكە يولۇقساڭ ئىشىڭ ئاقسايدۇ ،
باپلاشتىن سەل بۇرۇن راسا ماختايدۇ .
سۈتى بار دەپ قويساڭ توخۇنى ئەگەر ،
تۇخۇمدىن چىققۇچە چۈجە ساقلايدۇ .
نامەرتتە بولمايدۇ ئەركەك زىننىتى ،
قېنىدا ئاقىدۇ داۋراڭ مىننىتى .
نامەرتتىن بولغاچقا بارچە ئەل بىزار ،
نامەرتلەر شەيتاننىڭ ئەزىز مېھمىنى .
نامەرتكە ئامال بار يېقىن يولىما ،
ئېزىقساڭ ھەتتاكى يولمۇ سورىما .
ھاياتلىق قانچىلىك قىينىسۇن سېنى ،
نامەرتىنىڭ ئىزىنى ھەرگىز بويلىما .
نامەرتتىن تېپىلماس ئىنسانى غورۇر ،
نامەرتىنىڭ نىشانى سۈرۈشتۇر ھوزۇر .
ھاياتىڭ بېغىدا ئېچىلسا گۈللەر ،
نامەرتلەر تىكەن دەپ تاپىدۇ قۇسۇر .
نامەرتلەر گوياكى سايىسىز تېرەك ،
نامەرتكە مال دۇنيا خۇشامەت كېرەك .
نامەرتتىن ياخشىدۇر بەتپۇي بولسىمۇ ،
زىرائەت ئاستىغا تۆكۈلگەن تېزەك .
نامەرتلەر ئەزەلدىن كېلەر تېگى پەس ،
بىخەستە بولساڭلار قىلار ساڭا قەس .
ئالدىراپ ئىشەنمە شىرىن سۆزىگە ،
نامەرتلەر ۋاپادار مىھرىبان ئەمەس .
نامەرتنىڭ ھىلىسى قىلتىقى تۇلا ،
نامەرتكە لەنەت ھەم ساتىرا دورا .
كۈندەشلىك قىلىدۇ كۆكتىكى ئايغا ،
سېخى ئاي بارچىغا چاچقاچقا شولا .
نامەرتتە بولمايدۇ ئىنسانى مىھىر ،
ۋەلىكىن ئاقىدۇ قېنىدا كىبىر .
نامەرتكە تىل سېلىپ گەپ تالاشقۇچە ،
تىلىگەن ياخشىدۇر ئاللاھدىن سەبىر .
نامەرتلەر ياشايدۇ خەقنىڭ ئەجرىدە ،
باغلايدۇ تېنىنى ئىللەت كەمرىدە .
ئەجىرسىز شەرەپنى راھەت دەپ بىلىپ ،
ياشاشنى ئويلايدۇ شاھلىق قەسرىدە .
نامەرتنىڭ دىلىدىن شۈملۇق تۆكۈلەر ،
نامەرتنىڭ تىلىدا ياخشى سۆكۈلەر .
نامەرتلەر گاھىدا تۆت پۇتلۇق بولۇپ ،
ھايۋاندىن خۇي ئېلىپ ئىتتەك ئۆمۈلەر .
نامەرتلەر ئەل ئۈچۈن ئاپەتتۇر - ئاپەت ،
نامەرتكە مۇھتاجلار ئامەتتۇر - ئامەت .
ئالدىدىن ئەركىلەپ كەينىدىن چىشلەش ،
نامەرتلەر توپىغا ئادەتتۇر - ئادەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-10 12:25 PM