خورلىمىغىن ئانامنى
رەخمىدىن قاسىم (ئۆچمىتىڭ)
كېلىن بولساڭ،تۈزۈك بول خورلىمىغىن ئانامنى،
ئېغىزىغا تىتىماس تائامغا،زورلىمىغىن ئانامنى.
ياخشى كېلىن بولۇر دەپ،شۇڭا ئالغان مەن سىنى،
مىنىڭ ئالدىمدا كۆز بوياپ،گولىمىغىن ئانامنى.
سىنىڭ بىلەن دۇنيادىن،چوڭ كۆرىمەن ئانامنى،
بىرلا سۆيمەن مەن سىنى،مىڭنى سۆيمەن ئانامنى.
ئۆزۈمنىڭمۇ ئانسىدەك تەڭ كۆرىمەن ئاناڭنى،
گويا مەندەك تەڭ كۆرۈپ خورلىمىغىن ئانامنى.
ئىككىمىزنىڭ ۋەسلىگە يەتكۈزگەنمۇ شۇ ئانام،
بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىگە يەتكۈزگەنمۇ شۇ ئانام.
روناق تىپىشغا ئىشىمىزنىڭ دۇئا قىلىپ ھەر كۈنى،
ئائىلىمىزدە بىرنى،ئىككى ئەتكۈزگەنمۇ شۇ ئانام.
ئاناڭ كەلسە ئۆيمىزگە،سېلىپ قويشىڭ يىكەنداز،
ئۆز ئاناڭنىڭ ئالدىغا،سالاركەنسەن پايانداز.
ئۆز ئاناڭنىڭ ئۆيمىزگە كىلىش خەۋرى ئاڭلانسا،
سۈپرىپ تازلاپ ھويلىنى،داغدام ئىچلار ھەم دەرۋاز.
ئۆز ئۆيىدە بىر نانغا زارلىمىغىن ئانامنى،
ئاپشاركىدەك كەينىدىن پايلىمىغىن ئانامنى.
ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تۇرۋالسۇن ئەركىنرەك،
ئەمدىلىكتە بولدى قىلىپ،خورلىمىغىن ئانامنى.
2014-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى ئۈرۈمچى
ئەسكەرتىش:بۇ تىما كېلىن ۋە قېيىنئانا ناملىق ئەسەرگە قارتىلىپ يىزىلغان ئاپتۇرنىڭ ئائىلسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق........