گــۈل - غۇنـچىلارغـا سـۆزۈم بـار
ئايزۆھرە ئابدۇمىجىت ( سۈزۈك ئاي)
ئاياللار بىر نەچچىنى تۇغۇپ قويغانغىلا دۇنيانىڭ ئانىسى ئەمەس ، بەلكى ئادەمىيلىكنى پەرزەنت ۋۇجۇدىدا گۈل قىلىپ ئېچىلدۇرالىغان ئاياللارلا دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئانىسدۇر .
ئايال بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس . قىز دېمەك ، ئانا دېمەك . ئانا دېمەك دۇنيا دېمەكتۇر . . . ئاياللار بىر نەچچىنى تۇغۇپ قويغانغىلا دۇنيانىڭ ئانىسى ئەمەس ، بەلكى ئادەمىيلىكنى پەرزەنت ۋۇجۇدىدا گۈل قىلىپ ئېچىلدۇرالىغان ئاياللارلا دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئانىسدۇر . ئىنسانىيەت دۇنياسى ئايال ۋە ئەردىن ئىبارەت ئىككى جىنىستىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپئىجتىمائي كىشلىك مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان . ئەي ، دۇنيانىڭ ئانىسى ئاياللارنىڭ
يېرىم دۇنيالىق ئورنى كۈندىن -كۈنگە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قىز ۋە ئاياللىق ئوبرازىڭىزغا قانداق دىققەت قىلىۋاتىسز ياكى ئۇنىڭغا قانداق
يۈزلىنىۋاتىسىز ؟ ئايالنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس ، بەلكى ئىچكى
دۇنيارىنىڭ گۈزەل بولۇشىدا . سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان مۇشۇ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي
بايقىيالىدىڭىزمۇ ؟ مۇشۇ گۈزەللىكنى تۇنۇپ يىتەلىدىڭىزمۇ ؟ سىزدە قانچىلىك
گۈزەللىكنىڭ يۇشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ ؟ ئەشۇ گۈزەللىك ئىچىدە
تۇرۇپ باشقىلارغا قانچىلىك تەسىر قىلالىدىڭىز ؟ مانا مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدە كۆپ
ئويلاندىم . ئەڭ كىچىك ھالقىمۇ سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى ياكى قەلب دۇنيارىڭىزنىڭ
قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرەلەيدىكەن .
1- ئولتۇرغاندا ، گەپ -سۆز قىلغاندا نازاكەتلىك
بولۇڭ
ئولتۇرۇش ، سۆز قىلىشمۇ بىر ئايال بولغىچىنىڭ قانچىلىك
گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ كىچىك ھالقا . ئولتۇرغاندا قانچە رۇس
ئولتۇرسىڭىز شۇنچە روھلۇق كۆرىنىسىز ، سۆز قىلغاندا مۇلايىم ئەدەپ بىلەن ، ئاز
سۆزلەش سىزنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتىپلا قالماي ، ئىچىكى دۇنيارىڭىزنى باشقىلارغا
ئېچىپ بېرىدۇ . ئاز سۆزلەش ، ئاز كۈلۈش سىزنى نازاكەتلىك كۆرسىتىدۇ . كونىلاردا :«
ئاز سۆزلەش كۈمۈشكە تەڭ ، سۆزلىمەسلىك ئالتۇنغا تەڭ » دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ .
2- باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە
سېلىشتۇرماڭ
ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىدا
ياشاڭ ، باشقىلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ھەركىمنىڭ ئۆزى بىر دۇنيا.
3-ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ، ئۆزىڭىزگە
ئىشنىڭ
ئادەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتىن
بۇرۇن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. باشقىلار بىلەن كۈرۈشىشكە چىققاندا
رەتلىك ، پاكىز چىقىش ، ئاز تولا سۇس گىرىم قىلىش ئۆزى ۋە قارشى تەرەپنى ھۆرمەت
قىلغانلىق ، ئەلۋەتتە. ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئۈمىدۋار بولۇڭ ، ئالدىرماڭ ...
ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ ئۆزىلا مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئاچقۇچى .
4-ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ ، ئۆزىڭىزگە تاينىڭ
ئۆزىنى سۆيەلىگەن ئادەم باشقىلارنىمۇ سۆيەلەيدۇ. سىزدە بىر
چېلاك سۇ بولغاندىلا باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرەلەيسىز ئەمەسمۇ ؟ ھەر ئىش
قىلغاندا ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ ، باشقىلارنى ئاز ئاۋارە قىلىڭ بۇ پەقەت ئامالسىز
ئەھۋالدا بولسۇن .
يۇقارقى دېگەنلىرىم بىر ئاياللىق نازاكەت يىتىلدۈرۈشتىكى
مۇھىم ھالقىلا ، بۇ ھالقىلارنى ئەستىن چىقارماڭ . چۈنكى كىچىككىنە ئىشلارمۇ بىر
ئادەمنىڭ قانچىلىك ساپاسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىشىك چىكىشتىنمۇ بىر ئادەمنىڭ
قانچىلىك ساپاسى بارلىقىنى بىلۋالغانغا ئوخشاش. . .
مەڭگۈلۈك قۇربانلىق بېرىدىغان بىردىنبىر ئىنسان __ ئانا
بىر قىز توي قىلىدۇ ، ئۇ قىز
چاغلىرىدا شۇنچە لاتاپەتلىك ۋە گۈزەل ، سۆيۈملۈك ئىدى . ئۇ توي قىلىپ بالىلىق
بولغاندىن كېيىن ئۆز جىسمىنى ۋە بارلىق مېھرى مۇھەببىتىنى يولدىشى ۋە ئېرىگە
بېرىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاددىيسى ئەڭ پاكىز يوتقانلاردا ياتمايدۇ ، ئۇ مېھمانلارغا
تەييارلانغان ، ئەڭ گۆشلغك ، تەملىك تاماقلارنى بالىلىرىغا بېرىدۇ ، چۈنكى ئۇلار
يېسە ئانا يىگەنگە ئوخشاش . ئۇ كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ۋايسىمايدۇ ، دوختۇرخانىغا
بارمايدۇ ، چۈنكى ئۇ ئىككى كۈن ئارام ئېلىۋالسىلا ساقىپ قالىمەن دەپ ئامال بار مۇشۇ
ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن پۇلنى ئايايدۇ . ئۇ شۇنداق ئىنسان مەڭگۈ دۇنياغا
قۇربالىق ئۈچۈن تۇغۇلغان ...
جەننەت __ ئانىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا
ئەشۇنداق مىننەتسىز قۇربالىقنى بەرگەن ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق
ۋە ئانىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلغان ئۇلۇغ ئىنسانلارغا جەننەت ئۇچۇق . ئەشۇ
مېھرىبان ئىنسانلارغا ئازار بەرمەڭ ئۇنى قەدىرلەڭ . . .
جەننەتكە لايىق ئانا بولالىدىممۇ ؟
جەننەتكە لايىق ئانا بولالىدىممۇ ؟ مۇشۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزگە
قۇيۇڭ ... بالىلارنى توختىماي « تىرىش ، تىرىش » دەيمەن-يۇ ، ئۆزۈم بىرەر قېتىم
بىرەر پارچە كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ بىر ۋاراقىنى ۋاراقلاپ ئۆزۈمنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈپ باقتىمۇ ؟ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ياكى كۈندە تېلۋىزىزۇر ئالدىدا كىنوغا بەنت
بولۇپ ، تۈركىيە فىلىملىرى ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىۋاتامسىز ؟
بالىڭىزنىڭ
قەلبىگە ئاتىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ قەلبىدە
يولدىشىڭىزنىڭ ئورنى قانچىلىك ؟
«ئەر
رازى ، خۇدا رازى »
ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە
سىز قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە . كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلە ئىشلىرى ۋە بالىلار
توغۇرلۇق ھەركۈنى يولدىشىڭىز بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرامسىز ؟ ئانىلىق ۋە ئاياللىق
مەجبۇرىيەتلەر ئائىلىڭىزدە ئۆز قىممىتىنى تېپىۋاتامدۇ ؟ ئەرنى رازى قىلغان ئايال
راھەتتـە ، جەننەتتـە ... ئۆز ئائىلىڭىزدىن رازى بولماي ، ئېرىم بولۇمسىز دەپ
ئۇنىڭدىن ئاغىرنىپ ياشاۋاتامسىز ؟ سىزگە شۇنى دەي ، ئەرلەر بەزىدە كىچىك بالىغا
ئوخشايدۇ . ئۇنى كىچىك بالىدەك بەزلىمەي ، كۆڭلىدىكىنى تۇلۇق چۈشەنمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ
قەلبىنى چۈنىشكە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىقا تىرىشىڭ ... كىچىك ۋەتىنىڭىز بولغان ئائىلىڭىز
ئۈچۈن تىرىشىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ .
بارلىق خانىم _
قىزلارغا ئامەت ۋە تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن .