مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 17

سەھرايى: ئۈششۈك پەسلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 04:09:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈششۈك پەسلى

ئەلەم مامۇت سەھرايى

ئۈششۈك تەگكەچ گۈل-چېچەكلەرگە،
تىترەر ئەلەم دەستىدىن يۈرەك.
تەبىئەتنىڭ يۈزى تۇپا- چاڭ،
گۈل ئىززىتى بولدى دەپسەندە،
يېرىم- يالىڭاچ قالدى دەل- دەرەخ!..

٭٭٭
مۇڭغا چۈمگەن كوچا- بازارلار،
باشلاردا غەم، چىرايلار سۆرۈن.
يوللارمۇ ھەم شاۋقۇن- سۈرەنسىز،
دوپپا- تۇماق تالىشار ئورۇن.

٭٭٭
قېيدىماقتا پۇلسىز يانچۇقلار،
يوقسىزلىقتىن قاتتىق ئوھسىنىپ.
ئىگىسىگە قاراپ كېۋەزلەر،
مەسخىرىلىك كۈلەر ھىجىيىپ.

٭٭٭
ئوغرى ئاپتاپ ئوينار مۈكۈشمەك،
چېپىپ يۈرەر ھەر يان قۇيۇنتاز.
سوغۇق شامال چېكەر ئىشىكنى،
يۇپۇرماقلار يەرگە پايانداز..

٭٭٭
قار ئارىلاش ياققان يامغۇردا،
قىممىتىنى تاپتى ئوتۇنلار.
ھاردۇق يېتىپ، رايى ياندىمۇ،
ئىشتىن توختاپ قالدى خوتۇنلار.

٭٭٭
ئوتۇن ئۆلەر پالتا بىسىدا،
ئۇسۇل ئوينار ئوچاقتىكى ئوت.
مورا قاخشار تۈتۈن ئىسىدا،
تۈتۈن سالار كۆككە ئاتاپ دۇت.

٭٭٭
يېتىملەرنىڭ كەپىسى سوغۇق،
كېسەل بۇۋاي ياتار ھۆتىلىپ.
چۈشۈپ كەتكەن ئۈنى ئىچىگە،
قەدىناسنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ.

٭٭٭
ھەممە نەرسە پەسلىدى مانا،
پەسلەپ قالدى كۆكتە قۇياشمۇ.
كۆڭۈللەردە سۇسلاشتى مىھىر،
يىراقلاشتى تۇققان- قاياشمۇ.

٭٭٭
«كۈز، ئۆزۈڭنى تۈز» ئەي سەھرايى،
كەتكۈزمىگىن پۈرسەتنى بىكار.
بىخۇت يۈرسەڭ ئۈششۈك پەسلىدە،
قىش خەنجىرى يۈرەككە پاتار!..

٭٭٭
يوپۇغىدا يېزىلدى،
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم

2014- 11 -  ئاي


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   99sahrayi99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 07:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 04:30:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلفۇندا ئۇرغانتىم، باشقۇرغۇچىلارنىڭ رەتلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!...

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15225
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 08:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەردىڭىزنى ئاللاھقىمۇ ئېيتىشىڭىز كېرەك! رەھمەت  ياخشى يىزىپسىز يۈرەككە تەگدى!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:47:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 08:53 PM
بۇ دەردىڭىزنى ئاللاھقىمۇ ئېيتىشىڭىز كېرەك! رەھمەت  ياخ ...

سىز دېگەندەكمۇ قىلىمەن، مېنى قوللىغىنڭىزغا رەھمەت!.. سىزگە تەشەككۇر!..

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:56:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
٭٭٭
قېيدىماقتا پۇلسىز يانچۇقلار،
يوقسىزلىقتىن قاتتىق ئوھسىنىپ.
ئىگىسىگە قاراپ كېۋەزلەر،
مەسخىرىلىك كۈلەر ھىجىيىپ.


شۇ مەنزىرە كۆزۈمدىن ئۆتتى

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەدئىي ۋاستىلار ياخشى ئىادىسىنى تېپىپتۇ شېئىرىڭىزدا....

ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم...

1-كۇبلىت شېئىرنىڭ مۇقەددىمىسى بولدىمۇ ياكى قاپىيە ئەركىن ھالەتتە يېزىلدىمۇ؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:49:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.قەلەم تۇتقان شۇ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:03:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ھارمىغايسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 09:48:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 09:59 PM
بەدئىي ۋاستىلار ياخشى ئىادىسىنى تېپىپتۇ شېئىرىڭىزدا... ...

ئەركىن قاپىيە شەكلىنى قوللاندىم دېسەممۇ بولىدۇ،
كۆڭلۈمدىكى سۆز ئېشىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ شۇنداق ئالغان ئىدىم!..
مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!..

كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن سىزگە .
شۇنداق تىلى راۋان ھەم چۈشۈنىشلىك يېزىپسىز . مەزمۇنى راسلا كىشىنى ئويغا سالىدىكەن .
تۈنۈگۈن ئاڭلىسام پاختىنى كىلوسىنى بەش سومدىن سېتىپتۇ . بىر كىلو پاختىنى ئىككى سومدىن باشقىلارغا تەدۈرسە قالغان ئۈچ سوم دېھقاننىڭ سالغان مەبلىغىغا چىقىش قىلامدۇ دەيمەن ؟!

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش