|
|
|
|
توكۇر خىياللىرىم (نەسىر) زۇلپىيە ئەنۋەر خىزمەت تىرىكچىلىك غېمىدە ھەممىلا يۈرەك ئۆزى ئۈچۈن سوقىدۇ ئەلۋەتتە."تەقدىر پىشانەم شۇنداق ئىكەن"-دەپ ئاغرىنىپ ،بېشمنى ئىچىمگە تىقىۋېلىشنى نۇمۇس كۆردۈم.ياشاۋاتىمەن ،چوقۇم لايىقىدا بەھۇزۇر ياشايمەن.ئۇنداق بولمايدىكەن تىزراق خوشلاشقىنىم ئەۋزەل.كۆڭلۈمگە ئارزۇ-ئارمانلارنى چاقىرىپ قويۇپ،قەلىب دەرۋازامنى ھىم ئىتىۋالغىنىم تازا قاملاشمىدىمۇ نېمە؟!بىزدە جىق ئەمەس بىرلا غەم بار.بۇ دۇنيادا شۇ بىر غەم ئۈچۈن ھەرخىل يولدا،سەرخىل ئۇسۇللاردا تىركىشىدىكەنمىز.
ھەي،ھايات!سەن بىزلەرگە نېمىلەرنى ئۈگەتمىدىڭ؟نېمىلەرگە ئىشەندۈرمىدىڭ؟يەنە نېمىلەرگە زار قىلمىدىڭ؟ھويلامدىكى تۆكۈلگەن سارغىش ئېرەن يۇپۇرماقلىرىغا قاراپ ھەسرىتىم ئارتتى،ھايات نېمە دېگەن رەھىمسىز!قولۇمدىكى ئۈششۈك تەگكەن ئوسمىلارنىڭ ھال پەريادىغا قۇلاق سالدىم،ھايات نېمانچە قىسقا!مەھەللە كوچىسىدىكى يىگانە توغراقمۇ غېرىپلىق دەردىدە ئۇھسىنماقتا،ھايات ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن ئىكەن!
ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ ئۆتمۈش خاتىرەمگە كەلدى.ھايات يولۇمدىكى ئەگرى -توقايلىقلار،ھەر بىر دوقمۇشتىكى ئۈندەش ئىزنالىرى مېنى قاتتىق چۆچۈتتى.خۇش تەبەسسۇمىمغا يىغام ھەمرا ئىكەن؛راھەت -پاراغەتكە ،جاپا مۇشەققەت يانداش ئىكەن.كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار ئىكەن......ئۇزاقتىن -ئۇزاق ئويغا چۆمۈپ ئولتۇرغىنىمدا"ھاياتتا ھەممىدىن قىممەتلىك،ئەڭ نازۇك نەرسە مەندىن باشقىسى بولمىسا كېرەك"دەپ پىچىرلايتتى ،ئىشەنچ قۇلاق تۈۋۈمدە.توغرا،قىممىتىڭنى سىردىشىم سىرلىرىمنى يومۇر قىلىپ ئۆزگىلەرگە يايغاندا بىلدىم؛نازۇكلىقىڭنى يېقىنلىرىم ئۇزاپ كەتكىنىدە ھېس قىلدىم.ھەي ھايات ،سەن نېمانچە ئۆزگىرىشچان!
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زىياگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-9 04:00 PM
|
|
|
|
|
|