مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 22

غەزەللىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78814
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 03:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران كۈيى


مەلىكە مۇھەممەت


ئېلىپ كەتكىن ئازابىڭنى يۈرەكتىن شوخ كۈلەي بىر رەت،

ئۇچۇپ كەتكەن پىراقلارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەي بىر رەت.


دىلىمغا ياغسا ھىجرىڭدىن تالاي ھەسرەت نادامەتلەر،

بۇ دەرتنىڭ باغرىدا چاڭقاپ ئازارىڭدىن ئۆلەي بىر رەت.

قۇياشتەك مېھرىلىك مۇزسەن،مېنىڭدىن ئۆزگىگە نۇرلۇق،

تامايىم يوقھارارەتتىن ۋىسال پەيزى سۈرەي بىر رەت.

رەشىكنىڭ ئوتلىرى قىينار گۈزەللەر ئىشقىدا يانساڭ،

غېرىپ كۈي ئەۋجىدىن تارتقىن بۇ كۈلپەتتىن مۆكەي بىر رەت.


دىلىڭغا كىرمىكىم تەھرىم،سۆزۈمگە كۆنمىكىڭ ئەركىڭ،

سېنىڭسىز كۈنلىرىم مەجرۇھ كۆرۈپ شەپقەت يۈرەي بىر رەت.

ۋىسالسىز باغلىرىم قاقشال،سېنىڭ مېھرىڭگە بولدۇم زار،

يۈرەكنىڭ تېۋىشىن ئاڭلا ئۆزۈم ئىزھار ئېتەي بىر رەت.


زارىقىش


ئىشىك ئالدىدا يارىم بار چىقىشقا مەندە غەيرەت يوق،
دىلىمدا ئاھۇ-زارىم بار قېچىشقا تەندە پۇرسەت يوق.

دەرىزەم سۆزلىگەي ھىجران،يېلىنجاپ چاقنىغاي ھەريان،
ئۈمىدلەر بولسىمۇ گۈلخان،يېنىشقا قىلچە رىغبەت يوق.

زارىققان سۆيگۈلەر قايدا،قەپەستىن چىقمىغان جاندا،
تىلەكلەر قالدى...ئازغاندا مېڭىشقا چۆلدە تاقەت يوق.

كۈتۈشتىن كۆل قۇرۇپ كەتتى ئېچىلماي گۈل توزۇپ كەتتى،
پەلەككە نالىلەر يەتتى،نېمىشقا كۈيدە نەپرەت يوق؟

ئۆيۈمنىڭ ئالدى لىق كۆزياش،سەۋىر ھەم بەرمىدى بەرداش،
يۈرەكلەر لەختە باغرىم«تاش»ئېرىشقا زەررە بىر رەت يوق.

ۋىسالسىز ئاقسىمۇ كۆزلەر،دىدارسىز تۇرسىمۇ يۈزلەر،
دېيىلمەي قالدى كۆپ سۆزلەر،يۇتۇشقا ئۆزگە ھەسرەت يوق.

ئۆلۈمدىن كۆپ يىراقتۇرمەن،ياشاشتىن ھەم بىزاردۇرمەن،
غېمىمنى ئازلىتىپ،بىر دەم ئېلىشقا بەلدە قۇدرەت يوق.


نىگارىمدىن سادا يوقتۇر


مۇھەببەت دەشتىنى كەزسەم سېنىڭدەك دىلرەبا يوقتۇر،

نېتەي دەردىڭگە باغلانغان مېنىڭدەك بىناۋا يوقتۇر.


قۇياشنىڭ نۇرلىرى سەندىن ئالۇر ئاتەش ھارارەتنى،

زىمىستان باغرىدا قالغان ماڭا سەندىن داۋا يوقتۇر.


كۈنۈم دەردىڭدە گىرياندۇر،تۈنۈم ھەرئاندا ھىجراندۇر،

ۋىسالىڭ مەڭگۈ ئارماندۇر ماڭا باشقا جاپا يوقتۇر.


ئىزىڭغا دەسسىدىم بىر بىر ساڭايەتمەكنى ئارزۇلاپ،

سېنىڭ سايەڭدە يۈرسەممۇ ئاڭا بىررەت سادا يوقتۇر.


يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلەر كۈتۈشلەرتاشقا ئايلاندى،

غېرىپ قەلبىمگە ۋەسلىڭدىن بۆلەك ھەرگىز راۋا يوقتۇر.


سېنىڭ ئىشقىڭغا باغلانغان ھىلالنىمجانە سەكراتتا،

بۇ ئالەمدىن كېتەر بولسام قازايىمغادۇئا يوقتۇر.


ئاشىق ئىلتىجاسى

دىدارسىز تۈندە يالغۇزمەن، نىگار ۋەسلىڭگەزار ئەتمە،
مۇھەببەتنىڭ پىراقىدا غېرىب قەلبىمنى خار ئەتمە.

يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلەر، يېشم كەلكۈنگە ئايلاندى،
كۈتۈشنىڭ دەشتىدە قېيناپ، مېنى دىۋانىۋار ئەتمە.

چېچىپ سۆيگۈمنى ئاپتاپقا، سېنىڭ دەردىڭگە قاقلاندىم،
غۇبارسىز چىن ئەقىدەمنى قارا ھىجرانغا يار ئەتمە.

قۇياشنىڭ تەپتى ھەرگىزمۇ ياماق بولمايدۇ تەپتىمگە،
قىلىپ پايخان باھارىمنى، دىلىستانىمنى قار ئەتمە.


ئوتۇڭنىڭ باغرىدا ھەردەم يىلاندەك تولغىنىپ كەلدىم،
قاناي لەھزە ۋىسالىڭغا، يۈرەكنى ئىنتىزار ئەتمە.


كۈنۈم تەشۋىش،تۈنۈم كەچمىش، ئەجەپ ھالى خاراپتۇرمەن،
جېنىم بۇ تەنگە مېھماندۇر، قەلىب تۆرىڭنى تار ئەتمە .


نىگار قەلبىڭدە بار بولسام


يولۇڭغاسۆزلىرىم سايە بىرىپ ۋەسلىڭگە يار بولسام،

كۆزۈمدەردىڭدە دىۋانە شۇدەم كۆڭلۈڭدە بار بولسام.


كىزەرمەن يەتتە ئىقلىمنى باغاشلاپ قاتمۇقات ھەسرەت،

يىقىلسام رەھمى كەلگۈچە ئاياغ ئاستىدا خار بولسام.


قېنىمنى ئوينىغاي قەترە سىلىپ كويلارغا شەيتانلار،

سېنىڭ قەلبىڭگە چۆكمەككە بىتاقەت ئىنتىزار بولسام.


تىشىپ چىققايمۇ مەڭزىمگە لىۋىمدىن پاتمىغان ئاھىم،

شەفائەت ئەيلىمەس ئۆزگە بۇ جانىمدىن بىزار بولسام.


يۈرەي ئىشقىڭدا سەرسانە مېنى كۈتكەيمۇ شاھ مەشرەپ،

غىرىپلارشەھرىدىن ئۆتسە كىلىپ مۇڭلۇق ساتار بولسام.


ھىلالنى قىينىساڭ تۈندە چۈشۈم كۈلگەيمۇ پاتمانلاپ،

كۆرۈشچۈن يارنى بىر مەرتە جېنىمغا نەچچە دار بولسام.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 08:07 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Janbar + 300 نادىر تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

دەرتكە سەۋىر،كۈنلىرىمگە كۆپ شۈكۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78814
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 08:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم خەت شەكلى نۇرمالمۇ دوستلار، بىر قالدۇرۇپ قويساڭلا خاپومماي.

دەرتكە سەۋىر،كۈنلىرىمگە كۆپ شۈكۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 08:33:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى نورمال چىقىپتۇغۇ!  .. تىلفۇندىمۇ ئوقۇغىلى بولغۇدەك!..
لېكىن كارامەت غەزەللەر ئىكەن!..

ھارمىغايسىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:10:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
malika706 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 08:23 PM
بۇ قېتىم خەت شەكلى نۇرمالمۇ دوستلار، بىر قالدۇرۇپ قويس ...

دىۋانىۋار ئەتمە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟.
چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ!.
غەزەللەرنى باشتىن ئوقۇپ چىقتىم، بەك يارىدى ماڭا!.
خۇددى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم!..
نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66918
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەللەر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز.

دىۋانىۋار _ دىۋانىگە ئوخشاش

توختىماي خەت پۈتتۈم ،تەرلەپ  پىشانەم   ئۆزۈم كەتسەم ،خېتىم قالسۇن نىشانەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66918
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:09:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەللەر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز.

دىۋانىۋار _ دىۋانىگە ئوخشاش

توختىماي خەت پۈتتۈم ،تەرلەپ  پىشانەم   ئۆزۈم كەتسەم ،خېتىم قالسۇن نىشانەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 09:26:20 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tabrizi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 10:09 PM
غەزەللەر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز.

دىۋانىۋ ...

ھە، ئەمدى بىلدىم، رەھمەت!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 11:38:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەللىرىڭىز ھەقىقىتەن ياخشى چىقىپتۇ،سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى نورمال  ئەسلى مۇنداق بولسا ھەممىنى چۇشەنگىلى بولتى ئاپىرىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78814
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 01:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 08:33 PM
خەت شەكلى نورمال چىقىپتۇغۇ!  .. تىلفۇندىمۇ ئوقۇغىلى بول ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

دەرتكە سەۋىر،كۈنلىرىمگە كۆپ شۈكۈر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش