مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3782|ئىنكاس: 26

سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ئۆزگىرىپ باقمىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 02:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

333.jpg




1.مۇھەببەتنىڭ كۈچى

ئوخشىمىغان شەھەرلەردىن كەلگەن ،ئىلىم مەرىپەت دەرياسىغا تەشنا بولغان نۇرغۇن ياش ئوغۇل قىزلار بىر يەرگە يىغىلىپتۇ.ئائىلىدىن تۇنجى ئايرىلغاندىكى ئىغىر ئازاپ ،يات شەھەردىكى يات  مۇھىت بۇلارنى كۈتمەكتە ئىدى .ئەمما قاتلاممۇ قاتلام ئۆتكەللەرنى بىسىپ ئۆتكەن بۇ ياش ئوغۇل قىزلارنىڭ ئىرادىسى ھەرگىزمۇ بوش ئەمەس ئىدى .ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن بۇ يات شەھەردىكى بۇ يات مۇھىتقا تىزلا كۆنۈپ كىتىپتۇ .ئۇلار تىزلا ئۆز ئارا ياخشى چىىقىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىپى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەر قايسى پەن يىتەكچىلىرى مۇشۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىپتۇ .قاپقارا چاچلىق ،يۇمىلاق يۈزلۈك ،بۇدرۇققىنا كەلگەن ،كىشىنىڭ تولىمۇ مەسىتلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئوماق قىز تىل ئەدەبىيات يىتەكچىسى بولۇپ سايلىنىپ چىقىپتۇ .بۇ قىز تاشقى گۈزەللك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرگەن قىز بولۇپ ئۆگىنىشتە تولىمۇ تىرىشچان ،خىزمەتتە تولىمۇ ئەستايىدىل قىز ئىكەن .بۇ قىز تولىمۇ خۇش چاقچاق بولۇپ شوخ تىتىك يۈرىدىكەن ،ھەممەيلەنگە ئىللق مۇئامىلە قىلىدىكەن .مۇشۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل بۇ قىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ .بۇ قىزنىڭ ئىشىق پىراقىدا ئۆرتۈنۈپ يۈرۈپتۇ .بىر مىنۇت كۆرمىسە چىداپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە يىتىپ قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغۇلنىڭ بۇ قىزغا بولغان يوشۇرۇن سۆيگۈسى باشلىنىپتۇ .بۇ يوشۇرۇن سۆيگۈ ئازابى بۇ ئوغۇلنى قىيناشقا باشلاپتۇ .بۇ ئوغۇل قىزغا ‍كۆڭلىنى ئىپادىلەشنى ئويلاپتۇ يۇ ئەمما ئىيتالماپتۇ .ئۇ تولىمۇ تىرىشچان ،ئۈگىنشتە ئالدىراش يۈرىدىغان تۇرسا، بۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرىدىغانغا ۋاقتى بارمىدۇ ؟ياق ،ياق ،،،ئۇ ھازىر  چوقۇم  بۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمەيدۇ.ئەگەر تۇيۇقسىز بۇ گەپلەرنى چىقىرىپ قالسام ئۇ چوقۇم ئازاپلىنىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈگۈنىشىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ قاراپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ .قانچىلىك ئازاپ بولسىمۇ ئىچىگە يۇتۇپ چىداپ يۈرۈپتۇ .بۇ قىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ،ئەخلاقى پەزىلىتى بۇ ئوغۇلنى تولىمۇ مەمنۇن قىىلىپتۇ.شۇڭلاشقا بۇ ئۇغۇل قىزنى تىخمۇ ھۆرمەتلەپتۇ .ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك ئىشلار بولسا ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن توختىماي ياردەم قىلىپتۇ .ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇ قىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۇ قىزغا بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزمۇ بىر ئوغۇل تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ ،ئۇنى تولىمۇ ئازاپلاپ يۈرگەنلىكىنى سەزمەپتۇ .بۇ ئىككەيلەن يەنە شۇ ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇپ يۈرۈۋىرىپتۇ .سىنىپتىكى ھىچقانداق بىرسى ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەپتۇ ،ئۇقىزغا كۆيۈپ قالغانلىقىنى بايقىيالماپتۇ ،ئەمما ئوغۇل قىزنىڭ ئىشىق پىراقىدا ئازاپلىنىپلا يۈرىدىكەن ،يەنىلا شۇ قىزنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئازابىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىپتۇ .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چىداش كىرەك ،ئاخىرى بىر كۈنى چوقۇم ياخشى پۇرسەت چىقىدۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ئەسلىدە بۇ ئوغۇلنىڭ ئۆگىنىش قىزغىلىقى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ سىنىپتىا ئوتتۇردىكى قاتاردا ماڭىدىكەن ،ئەمما قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن باشلاپ ،قىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىلىقى ئوغۇلغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ .مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭ ھورۇن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ،ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى دەھشەت ئاشۇرۇپتۇ ،ئەتتىگەندە ھۇرۇنلۇق قىلىپ سەھەر تۇرالمايدىغان بۇ ئوغۇل مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ ،سەھەر تۇرۇپ ئۈگىنىش قىلىدىغان ،دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن كىتاپ كۆرىدىغان ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈپتۇ ،قىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىپتۇ ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئوغۇلنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ .ھەممەيلەن بۇ ئوغۇلنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ھەيران بوپيۇ،قانداق كۈچ ئۇنى شۇنچىۋالا ئۆزگەرتكەندۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ئەسلىدە ئوغۇلدا يوشۇرۇن بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ھىچكىم ئويلاپ يىتەلمەپتۇ ،بۇ زادى قانداق    كۈچتۇر ،ئەلۋەتتە بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىدى ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى نىمانداق زور ھە !

2.  ئوغۇلنىڭ قىزغا خەت يىزىشى

بىر كۈنى سىنىپتا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بىرىپتۇ ،ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بۇ قىز بىر دوستى تەرىپىدىن قاتتىق ئازار يەپتۇ ،ئوغۇل قىزنىڭ ئازاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ بەكرەك ئازاپلىنىپتۇ ،بۇ ئازاپقا چىداپ تۇرالماپتۇ ، بۇ ئىش تۈپەيلى دوستى بىلەنمۇ ئازراق ئادارلىشىپ قاپتۇ ،شۇ ئىشتىن كىيىن ئوغۇلنىڭ بۇ قىزغا بولغان غەمخورلىقى ،دىققەت ئىتىبارى تىخمۇ كۈچۈيىپتۇ ،يوشۇرۇن سۆيگۈ ئازابى ئوغۇلنى تولىمۇ قىيناپتۇ ،ئەمما تا ھازىرغچە ھىچنىمىنى سەزمەپتۇ ،ھەي ،قانداق قىلىش كىرەك ،نىمە ئازاپ بۇ ،ئەجىبا مۇھەببەتنىڭ ئازابى مۇشۇنداق زورمىدۇ ،ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىز ھار قىىلىشىم كىرەك ،يا....... ق چىداش كىرەك ،ھامان بىر كۈنى ياخشى پۇرسەت كىلدۇ دەپ ئويلاپتۇ ،بۇ ئوغۇل ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىكەن .ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىز ئازار يىگەن كۈنى كەچتە بۇ ئوغۇل خاتىرنى قولغا قىزغا بىر پارچە خەت يىزىپتۇ ،بۇ ئاددىلا يىزىلغان بىر پارچە خەت بولۇپ ئۇنىڭغا تالاي قىتىم دىيىشكە ئۇرۇنغان ،ئەمما دىيەلمىگەن شىرىن گەپ سۆزلەر يەنىلا يىزىلمىغان ئىدى ،ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى تىخى ئىز ھار قىلىنمىغان ئىدى ،ئوغۇل خەتنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن چوڭقۇر خىيالغا پىتىپ كىتىپتۇ ،مەن بۇ خەتنى ئۇنىڭغا قانداق بىرەرمەن ،مەن بۇ خەتنى ئۇنىڭغا بەرسەم مىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقمنى بىلىپ قىلىپ ئازاپلىنىپ كىتەرمۇ ،بىزنىڭ بۇرۇنقى دوستلىقىمىز بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋاقىت توشۇشقا ئاز قاپتۇ ،بۇ ئوغۇل ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ بۇ خەتنى ئۇنىڭغا بىرىش قارارىغا كەپتۇ قوڭغۇراق چىلىنىپتۇ ،بىر كۈنلۈك دەرس ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن كىتاپلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ياتاققا قاراپ مىڭىپتۇ ئوغۇلمۇ ھاپىلا –شاپىلا كىتاپلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بىنادىن چۈشۈپ قىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ،بۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ يۈرىكى تولىمۇ سىلىپ كىتىپتۇ ،قىز بىنادىن چۈشۈپتۇ ،ئۇغول دەرھال ئىسىنى يىغىپ تىتىرگەن ئاۋازى بىلەن قىزنى توۋلاپتۇ

ئوماقگۈل توختاپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى ،قىز تىتىرگەن ئاۋاز  بىلەن ئيتىلغان بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قاپتۇ ،كۆڭلىدە ئۇ ئادەتتە گەپ قىلسا بۇنداق          جىددىلەشمەييتتىغۇ،ئەجەپ بۈگۈن نىمە بولغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ھەم ياندۇرۇپ سوراپتۇ :

ھە ،دەڭە نىمە گىپڭىز بار ئىدى

مەيدان ئايلانغاچ پاراڭلاشساق بولارمۇ ؟

قىز كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .قىز قوشۇلغاندىن كىيىن ئوغۇل ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ كىتىپتۇ ،   يۈرۈك سوقۇشى نورماللشىپ ، جىددىچىلىكىمۇ ئازراق يوقاپتۇ ،ئوغۇل ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىپتۇ . بۇ ئىككەيلەننڭ تۇنجى قىتىم ئايرىم ئۇچىرشىشى ئىدى باھارنىڭ ئىللق شامىلى قاپقارا ئۇزۇن چاچلارنى يەلپۈپ ،دومىلاق يۈزلەرنى يىنىكلا سىيپاپ ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى ،ئاي بولسا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۇچراشقىنىغا خۇشال بولسا كىرەك ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.ئۇلار ئادەتتكى پاراڭلارنى سىلىپ بىر مەيدان ئايلاندى .ۋاقىتمۇ بىر يەرلەرگە بىرىپ قالغان ئىدى .ئۇلار ئايلىنىشتىن توختاپ قالدى .

قىز يەنىلا شۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سوراپتۇ :سىزگە دەيدىغان گىپىم بار دىگەن ئىدىڭىز ،قايسى گە پ ئىدى ئۇ ،مەن ئەجەپ بىلەلمىدىمغۇ ؟

ئوغۇل دەرھال كىتاپلار ئارىسىدىن بىر پارچە خەتنى ئىلىپ قىزغا سۇنۇپتۇ ،قىز تولىمۇ ھەيران قاپتۇ ،

بىرپارچە خەت ؟؟؟؟؟؟

شۇنداق بىر پارچە خەت ،مەن سىزنى مۇشۇنى بىرىشكە چاقىرتقان ئىدىم .

ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان بولغاچقا قىز خەتنى ئلىپلا ياتىقىغا قاراپ يۈگرەپ كىرىپ كىتىپتۇ ،ياتىقىغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كاللىسىنى ھەر خىل خىياللار چىرماپتۇ .

بۇ زادى نىمە خەتتۇ ؟مۇھەببەت خىتى ،ياق ئۇنداق ئەمەس ،ئەخمەت ئالدىراش يۈرسە مۇھەببەت ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرەرمۇ ؟چوقۇم ئۇنداق ئەمەس دىگەنلەرنى خىيال قىپتۇ .ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن كارىۋاتقا چىقىپ ھىلىقى خەتنى قولىغا ئاپتۇ ،خەت ئىچىلىپتۇ .

ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك ساۋاقداش ئوماقگۈل ،ھازىر كۆڭلىڭىز بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالدىمۇ مەن بىلىمەن ،بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار سىزگە ناھايتمۇ ئىغىر ئازاپ ئىلىپ كەلدى ،ئەمدى بولدى قىلىڭ ئازاپلانماڭ ،ئەنە شۇ سىزنىڭ ئازابىڭىزغا ،خۇشاللققىڭىزغا بىللە جۆر بولىدىغان قەدىناس دوسىتلىرىڭىزنىڭ تىخمۇ ئازاپلانماسلىقى ئۈچۈن ئازاپلانماڭ ،بۇگۈنكىدەك بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئازاپلىنىپ يۈرۈشىڭىزگە قەتتى ئەرزىمەيدۇ ،بۇ ئاددى ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىپ روھى ھالىتىڭىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ نىرۋىلىرىڭىزنى چارچىتىۋەتمەڭ .بۇنداق   ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىش ھاياتڭىزنى خورىتىپ ۋاقتڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ خالاس . قىز خەتنى ئوقۇپ مۇشۇ  يەرلەرگە كەلگەندە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئىقىپ خەتنى ھۆل قىلىۋىتىپتۇ .ئوغۇلنىڭ مۇشۇ يازغانلىرىدىن  تەسىرلەندىمۇ ياكى كۆڭلى تىخمۇ يىرىم بولدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم قىز بىر خەتنى سىقىمدىغان ،كۆزلىرىدىن  ياش ئەگىگەن پىتى ئۇيقۇغا كىتىپتۇ ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتۇ .

3.قىزنىڭ مۇھەببەتلىك چۈشى

غەلىتىلا بىر ئىش ،تا ھازىرغىچە مۇھەببەت ،سۆيگۈ توغرۇرلۇق گەپ سۆزلەرنى ئىغىزدا دىيىش ئەمەس بەلكى كۆڭلىدە ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايدىغان بۇ قىز بۇ كىچىسى قولىدىكى خەتنى بەرگەن ھىلىقى ئوغۇلنى چۈشىەپتۇ .

ئوغۇل :ئوماقگۈل سىز نىمانداق چىرايلىق ،ئەخلاقى پەزىلەتلىك قىز ،سىز مىنى ئۆزىڭزگە مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز ،مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،مەن سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايمەن ،سىز ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغۇدەك ،قىز خىجىل بولۇپ  تارتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ يۇ ،ئەمما ئاجىرتالماپتۇ ،قىزغىمۇ ئازراق مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرى تۇتاشدىمۇ قانداق ،ئەمدى سىلكىنمەپتۇ ،ئوغۇل قىز بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ ،قىزمۇ ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بىرىپتۇ ،ئوغۇل قىزنى يىنىك قۇچاقلاپتۇ ،قىز بۇ ۋاقىتتا خىجىل بولۇپ ئۆزىنى تارتىۋاپتۇ دە ،شىرىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ ،ئاللاھقا شۈكرى ،ئەسلىدە بۇ مىنىڭ چۈشۈم ئىكەندە دەپ ئۇھ تارتىپتۇ .ئۇرۇندىن تۇرسا قولدا بىر پارچە خەت بارلىقىنى بايقاپتۇ ،بۇ ۋاقىتتا قىز ئۇيقۇدىن تولۇق ئويغىنىپ بولالمىغان بولسا كىرەك ،قولىدا بىر پارچە خەت تۇرغانلىقىغا تولىمىۇ ھەيران قاپتۇ .خەتكە قايتا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاخشامقى كۆرگەن چۈشى يەنە ئىسىگە كىلىۋاپتۇ ،ئويلىماي دىسىمۇ كاللىسىدا يەنە ئەكىس ئىتىپ تۇرغۇدەك .

توۋا ،مەن قانداق چۈش كۆردۈم ،مەن نىمىلەرنى ئويلاۋاتىمەن ،مەن زادى نىمە بولدۇم دەپ دەرھال خەتنى تاشلاپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ .ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىغا قاراپ مىڭىپتۇ ،ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىشىگە ئەخمەت ئاشخانىدىن چىقىپتۇ ،قىزنىڭ ئىسىگە يەنە ئاخشامقى كۆرگەن چۈشلىرى كىلىۋاپتۇ .قىز يۈگرەپلا ئاشخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ ،ئەخمەتمۇ ھىچنىمە دىيەلمەستىن يولىنى راۋان قىپتۇ ،شۇنڭدىن باشلاپ قىز ئوغۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ،ئەخمەت بىلە ن ئانچە گەپ قىلىشمايدىغان بولۇپ قاپتۇ ،ئوغۇل بۇنى بايقاپ تىخمۇ ئازاپلىنىپتۇ .ئوغۇل ئىچىدە :ئەجىبا قىز مىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بايقاپ قالغانمىدۇ ؟ئەگە ر بىلىپ قالغان بولسا خىجىل بولۇپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇۋاتامدىغاندۇ ؟ئەجىبا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلش گۇناھمىدۇ ؟ئەجبا مەن مۇھەببەت گۇناھكارىمۇ ؟ئەگەردە ئۇنى ياخشى كۆرۈش گۇناپ بۇلغان تەغدىردىمۇ مەن ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپتۇ ،مانا مۇھەببەت ئىشىق ئوتىنىڭ كۈچى دە..........

4. قىزنىڭ ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشى

ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتىشى بىلەن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلارنىڭ ئىلىش ۋاقتىمۇ يىتىپ كەپتۇ .مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىردىن ناخشا ئۈگۈنۈپ كىلىشىنى ،ئىمتىھاندا چوقۇم ئىيتىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ .ناخشا ئۇسۇلدىن ھىچقانداق خەۋىرى يوق بۇ ئوغۇل قانداقمۇ قىلار ،ئەمما بۇ ئوغۇلمۇ بوش كەلمەپتۇ ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭغا زور جۈرھەت ئاتا قىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا ئاتاپ بىر ناخشا ئىيتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر ناخشا ئۈگۈنۈپتۇ .ئمتىھان ۋاقتىمۇ تىزلا يىتىىپ كەپتۇ .

ئوقۇغۇچىلار بىردىن ئوتتۇرغا چىقىپ ناخشا ئيتىپتۇ ،ئەخمەتجان بۇ ۋاقىتتا خىيال دىڭىزىغا غەرق بوپتۇ ،ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتۇ .ئەخمەتجان ساڭا نۆۋەت كەلدى دەپ ئوقۇتقۇچى توۋلاپتۇ ،ئەخمەتجان دەرھال ئورنىدىدىن تۇرۇپ ،نىمە ئىش مۇئەللم دەپ قايتلاپ سوراپتۇ .سىنىپ ئىچى پاراق-پاراق كۈلكگە توشۇپتۇ .ئەخمەت تولىمۇ جىدىدىلىشىپتۇ ،ئەمما دەرھال ئىسىنى يىغىپ ئۆزىنى ئوڭشاپتۇ ئالدىرماي ئوتتۇرغا چىقىپ ناخشىسىنى باشلاپتۇ .

ياشلىق مۇھەببەت

بىر ئوت يالقۇنى

قەدرىگە يىتەر

چۈشەنگەن كىشى

ھەقىقى يارغا ،ئاسىيلىق قىلش

يۈسىز ۋىجدانسىز ،نامەرتنىڭ ئىشى

مۇشۇ ئۆمرۈمدە ساڭا كۆيگەنتم

ئەقىدەم بىلەن سىنى سۆيگەنتىم

ئىشىنسەم يايرىم ،ئاچاي قەلبىمنى

سىنىڭدىن باشقا سۆيگەنىممۇ يوق

بۇ ھاياتمدا ئۆتسەم سەن بىلەن

تاكى ئاخرى تىنىق ،تىنىقلارغىچە

ئۆمۈرلۈك يايرىم ئىسىڭدە بولسۇن

بىز ئۇچراشقان شۇ ئايدىڭ كىچە .

ناخشا تامان بوپتۇ ،چاۋاك ئۈزۈلمەپتۇ ،ھەممەيلەن ئۇنىڭ جۈرئىتىگە قايىل بوپتۇ ،قىز ئوغۇلنىڭ بۇ ناخشىسىنى ئاڭلاۋىتىپ ھىلىقى چۈشىنى ئەسلەپتۇ ،شۇنداقلا ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاز چۈشەنگەندەك بوپتۇ . قىزمۇ ئوغۇلنىڭ ئازابىنى ئاخرى چۈشىنىپ يىتىپتۇ .قىزغا مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرى ئاخرى تۇتۇشۇپتۇ.ئوغۇلنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى كۆڭلىدە ئىتراپ قىپتۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان ،ئىشلار بولسا بىللە مەسلەھەتلىشىپ مۇزاكىرلىشىدىغان بوپتۇ .ئوغۇلمۇ قىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بوپتۇ .بۇ ئىككەيلەن تىرىشىپ ياخشى ئۈگۈنۈپ سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇننى قولدىن كەتتۈرۈپ قويماپتۇ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ .ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار ،ئوقۇغۇچىلار ھازىر مۇھەببەتلەشسە ئۈگىنىشىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ قاراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى چەكلەيدىغان ئىكەنتۇق ،ئەمما بۇ ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەن تەغدىردىمۇ ئۈگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىگەن بولغاچقا ئانچە كارى بولماپتۇ .سىنىپتىكى ھەممەيلەن بۇ ئىككەيلەنگە تولىمۇ ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بوپتۇ .

5.قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كىلىشگە ئاز قاپتۇ ،ئوغۇل قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە نىمە سوۋغات ئىلىش ئۈستىدە قاتتق ئويلىنىپ قاپتۇ ،تا ھازىرغىچە بىرەرسىگە سوۋغات ئىلىپ باقمىغان بولغاچقا بۇنداق ئىشلاردىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن .ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ،ئاخرى قىزغا ئاتاپ شىئىر يىزىش قارارىغا كەپتۇ .ئۇ ياخشى بىر خاتىرنى تەييارلاپ مۇنداق بىر شىئىر يىزىپتۇ

سۆيۈملۈك قىزچاق ئوماقگۈل

تۇغۇلغان كۈنىڭڭە مۇبارەك بولسۇن.

تەبرىكلەيمەن تۇغۇلغان كۈنىڭنى،

خۇشاللق سىزگە مەڭڭۈ يار بولسۇن.

يىغلاپ تۇغۇلدۇڭ كۈلۈپ ياشىغىن ،

دۈشمەنلەر ئالدىدا ئەگمە بوينۇڭنى .

قىيىنچلىق ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمە ،

قەتئلىك بىلەن باغلاپ بىلىڭنى ،

بولدى بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،

تەبرىكلەيمەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى .

مەن ساڭا ئيتاي سۆيۇملۈك قىزچاق ،

ھەر ۋاقىت ساقلىغىن قىزلىق غورۇرنى.

ئەلۋەتتە قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىڭى يىلنىڭ بىشى بولغاچقا ئوغۇل قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە قىزنىڭ يىڭى يىلىغا بەخىت سائادەت تىلەپتۇ .شۇنداقلا قىزدىن كۈتۈدىغان ئارزۇ ئۈمۈدلىرىنى قوشۇپ قويۇپتۇ. قىز تۇغۇلغان كۈنلۈك سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ ناھايتىمۇ  خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ .چۈنكى ئۇمۇ تۇغۇلغان كۈنىدە باشقىلاردىن تۇنجى قىتىم سوۋغات قوبۇل قىلىشى ئىدى .

دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا ئوغۇل ئۆزىنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىپتۇ

6.ئىچىنىشلىق ئايرىلىش ئازابى

ئەلۋەتتە ۋاقىتتەك رەھىمسىز نەرسە يوق ،ۋاقىتنىڭ سۇدەك تىز ئۆتىشى بىلەن بۇلارنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلىشىشىقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ .دەل مۇشۇ كۈنلەردە قىچىپ قوتۇلغىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ .ئارزۇ تولدۇرۇش ،قانداق تولدۇرۇش كىرەك ،بىر شەھەرگە ،بىر مەكتەپكە بار غىلى بولارمۇ ؟ناۋادا ئىككى جايغا كىتىپ قالساق قانداقمۇ قىلارمىز،دەپ ئەنسىرەپتۇ .

ئۇلار ئەنسىرگەن ئىش دەرۋەقە يۈز بىرىپتۇ ،ئوغۇل ئالى مەكتەپ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئىلىپ دەرھال قىزغا تىلفۇن قىپتۇ .قىزدىن ئوقۇپتىكى ، ئوخشاش بىر شەھەردىن كەلمىگەنلىكىنى بايقاپتۇ ،ئەڭ يامىنى بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارلىقى ناھايتىمۇ يىراقكەن،بىرسى جو◆ڭگۇنىڭ شىمالىدا  يەنە بىرسى بولسا جو◆ڭگونىڭ جەنۇبىدا،ئەمما ھىچقىسى يوق ،ئارلىق يىراق بولغان بىلەن كۆ◆ڭۈل يىقىن ئەمەسمۇ ؟بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا ئىشەنىچە بولىسا بۇ ئارلىق مەسىلىسى ھىچنىمە ئەمەس  .چۈنكى ئىشەنىچ ئىككەيلەننىڭ قەلبىنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك ئەمەسمۇ؟شۇنداق بولسىمۇ   بۇ بىر جۈپلەر قانداقمۇ  بىر-بىردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيسۇن .بىر قىتىملىق ئىمتىھان ئۇلارنى   ئىككى شەھەرگە ئايرىپ قويۇپتۇ .بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇلاردىن ئالغان بىر قىتىملىق سىنىقىدۇر بەلكىم . ئۆزئارا بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز دىگەن ۋەدىلەرنى بىرىپ ئايرلىپتۇ .ئالي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ھەر كۈنى تىلفۇندا كۆرۈشمىسە چىدىيالماپتۇ ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇلارنى قىيناپتۇ .ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپتۇ ،تەتىلنى تەتلگە ئاران تەستە ئۇلاپتۇ .ئۇلار تەتىل ۋاقىتلاردا ئۇچىرىشىپ قىزغىن پاراڭلىشىپتۇ

7.قىزنى شەيتان ئازدۇرىشى

.

كۈنلە ر مانا مۇشۇنداق سىغىنىش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ .كىم بىلسۇن ، كىيىن يگىت تىلفۇن قىلسا قىزنىڭ تىلفۇنى ئىتىگلىك ياكى بولمىسا ئۈزۈۋىتىلىپتۇ .ئۇچۇر يازسا قايتۇرماپتۇ .يىگىت كۆڭلىدە قىزنىڭ ئۈگۈنىشى بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ ،ئۈگۈنۈشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن تىىلفۇننى ئىلىشقا ،ئۇچۇرنى قايتۇرۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپتۇ شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئازلاشقا باشلاپتۇ ،ئەمما يىگىت ئەجەپلەنمەپتۇ ،چۈنكى يىگىت قىزغا چەكسىز ئىشىندىكەن .ئۇ قەتتى باشقىچە يوللارغا ماڭمايدۇ ،بىزنىڭ ۋەدىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىدۇ ،ئۇ چوقۇم ئۈگۈش تەتقىقاتى ئۈستىدە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ .قىزدىن قەتتى گۇمانلانماپتۇ .چۈنكى ئىشەنىچ ئىككى يۈرەكنى باغلاپ تۇرغۇچى كۆۋرۈك ئەمەسمۇ ؟قىز تىلفۇننى ئالمىغان ۋاقىتلاردا قىزغا ئۇچۇر يىزىپ ئۆزىنى بەك چارچىتىۋەتمەسلىكىنى  ،ئۈگۈنۈش بىلەن ئارام ئىلشنى بىرلەشتۈرۈشنى ،سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تولا ئەسكەرتىپتۇ .قىز ماقۇل دىگەندىن باشقا ئنكاس قايتۇرماپتۇ .كىيىنكى كۈنلەردە قىزنىڭ تىلفۇنى تولۇق توختاپ قاپتۇ ،سۈرۈشتە قىلسا قىزنىڭ تىلفۇن كارتىسىىنى ئالماشتۇرۋەتكەنلىكى ئاشكارلىنىپتۇ .يىگت قاتتىق ئەجەپلنىپتۇ ،تىلفۇن كارتىسىىنى ئالماشتۇرغان ئادەم ماڭا  نىمىشكە ئيتىپ قويمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ .قىزدىن بىر ئاز ئۈمىدسىزلىنىپتۇ .قىزنىڭ مەقسەتلىك كارتا ئالماشتۇرغانلىقى يىگىتنىڭ چۈشىگە كىرىپ قويمايدۇ ئەلۋەتتە.يىگىت قىزغا چەكسىز ئىشىنىدىغان تۇرسا قانداقمۇ قىزدىن گۇمانلانسۇن .باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ يىڭى كارتىسىنىڭ نۇمرىنى ئۇقۇپتۇ ،دەرھال تىلفۇن قىپتۇ .قارشى تەرەپ تىلفۇننى قوبۇل قىپتۇيۇ ئەمما جاۋاپ قايتۇرماپتۇ .يىگىت توختىماستىن ؛ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم سىز ئوماقگۈلمۇ؟ ،گەپ قىلىڭ دەپ قايتا قايتا سوراپتۇ .ئەمما قارشى تەرەپنىڭ جاۋابىغا ئىرىشەلمەپتۇ .يىگىت بىر ئاز جىدىدىلىشىپتۇ ،ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغاندۇ ياكى بۇ نۇمۇر خاتامىدۇ دەپ ئويلاپ باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىپتۇ .نۇمۇر خاتا ئەمەس بولۇپ چىقىپتۇ .كىيىن تىلفۇن قىلسا يەنە ئوخشاشلا جاۋاپقا ئىرىشەلمەپتۇ .يىگتنىڭ روھى ھالىتى تولىمۇ چۈشكنلىشىپتۇ ،تولىمۇ ئازاپلىنىپتۇ .يىگىت باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلق قىزنىڭ ياتاقدىشىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى بىلىۋاپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشىغا تىلفۇن قىلىپ  قىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى يىگتتىن تۇيۇقسىز سوراپ قاپتۇ

سىز ئۇنىڭ ساۋاقدىشىما

يىگىت :مەن ئۇنڭ ئوغۇل دوستى دەپتۇ .يىگىت قىز بىلەن بولغان قىزنىڭ ياتاقدىشىغا دەپ بىرىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى بۇ گەپلەرنى تىخمۇ چۆچۆپ كىتىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى قىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى يىگىتكە تولۇق ئىيتىپ بىرىپتۇ .يىگىت بۇلارنى ئاڭلاپ تىلفۇن قولىدىن چۈشۈك كىتىپتۇدە ،بىشى قىيىپ ئايلىنىپ قاپتۇ .

ئەمدى گەپنى  قىزدىن ئاڭلايلى .قىز ئالي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن تونۇشلىرى ناھايتى ئازبولغاچقا ھەر كۈنى تىلفۇننى قولدىن چۈشۈرمەي يىگت بىلەن سۆزلىشىپتۇ .قىز ئوغۇل ساۋاقداشلار بىلەن تىزلا تونۇشۇپ ئالي مەكتەپ ھاياتغا ناھايتى تىزلا كۆنۈپ قاپتۇ .ئالي مەكتەپتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلار ناھايتى كۆپ بولغاچقا بۇ قىز ناھايتى خۇشال بوپتۇ .قىز كۆڭلىدە مەن تولۇق ئوتتۇردا تىرىشىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئارام ئىلشقا ،ئويناشقا ۋاقتىم چىقمىدى ،مۇشۇنداق تالاي ۋاقتىم تۇرسا ئوينىۋىلىپ ئاندىن ئۈگەنسەممۇ كىچىكمەيمەن دەپ ئويلاپتۇ .يىگىت ئۈگۈنۈش تەتقىقاتى ئۈستىدە ئالدىراش يۈرىدۇ دەپ ئويليغان بۇ قىز دەل ئەكىسچە ئويۇن تاماششا دۇنياسىغا غەرق بوپ كىتىپتۇ .ئالي مەكتەپ تۇرمۇشى ئۇنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ .ئىلگرى يىگىت بىلەن دىيىشكەن بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز ،بىز مەڭگۈ بىر بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ ئۆتىمز دىگەن ۋەدىلىرىنى بار-بارا ئۇنتۇپ قاپتۇ .يىگىت تىلفۇن قىلسا ئالماپتۇ .ئۇ ئاخرى يىگىتتىن بىزار بولۇپ تىلفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ .دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىللە ئويناپ يۈرگەن بىر ئوغۇل بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ.ئالي مەكتەپ بۇ قىزنى يىگىت تونۇيالماس قىلىۋىتىپتۇ .يىگىت ئىسىگە كىلىپ باياتتىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى ياكى ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .يىگىت تىلفۇننى قولغا ئىلىپ نۇرغۇن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايقاپتۇ .ئەسلىدە قىزنىڭ ياتاقدىشى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يىگىتنىڭ تىلفۇنى ئۈزۈلۈپ قالغان .شۇنىڭ بىلەن گەپنىڭ ئاخىرىنى يىگىتكە ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتكەن .يىگىت ئۇچۇرنى كۆرۈپ تىخمۇ ئازاپلىپتۇ .ئۆزىنىڭ كۆرگەن ،ئاڭلىغانلىرىغا قەتئى ئىشەنمەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئاپتۇ .قىزنىڭ مەكتىپىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزغا تىلفۇن قىپتۇ ،قىز تىلفۇننى قوبۇل قىلماپتۇ .يىگىت ئاخرى قىزنىڭ ھىلىقى ياتاقدىشىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى  ئىيتىپتۇ .قىزنڭ ياتاقدىشى قىزنى چاقىرتىپ كەپتۇ .قىز بىر ئوغۇل بىلەن كىلۋاتقۇدەك ،يىگىت كۆڭلىدە ئۇ قىزنىڭ ساۋاقدىشى ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ .يىگىت قىزنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال      بوپتۇ ۋە قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ .قىزنىڭ يىنىدىكى ھىلىقى ئوغۇل  سەن نىمە ئىش             قىلىۋاتىسەن؟قىز دوستۇمغا چىقىلما  دەپ  يىگىتنى ئىتتىرۋىتىپتۇ .يىگىت نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپ قاپتۇ.بۇ  زادى نىمە ئىش دەپ بۇ ئەمەلىيەتكە ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ ،ئەجىبا  يىگىتنىڭ ئىلگىرى ئاڭلىغانلرى راستمىدۇ ؟ئەجىبا بۇ قىز راستىنلا بۇ ئوغۇل بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بولغانمىدۇ ؟يىگىتنىڭ كالىلىسىدىن تالاي سۇئاللار كىچىپتۇ .يىگىتنىڭ     بىشى قىيىشقا كۆز تۈۋى قاراڭغۇلىشىشقا باشلاپتۇ .ئەمما بۇ ۋاقىتتا يىگىت ئۆزىنى قايتىدىن بىر تۈزەپ قىزغا  قاراپتۇ ،قىز بىر ئاز بولسىمۇ خىجىل بولدىمۇ قانداق يەرگە قارىۋاپتۇ .يىگىت    ئەستايىدىللىق بىلەن قىزدىن سوراپتۇ :سىز راستىنلا مەندىن ۋاز كەچتىڭىزمۇ ؟سىز تىزلا مۇشۇنداق تىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىزمۇ ؟ئىلگىرى بىزنىڭ ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ بىرىشكەن ،بىز     مەڭگۈ   بىللە بولىمىز ،بىز ھەرگىز ئايرىلمايمىز ،بىز چوقۇم توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلە     قۇرۇپ چىقىمىز دىگەن     ۋەدىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ئەمدى نىمىشقا ھازىر ئۆزگىرىپ قالدىڭىز ؟ئەجىبا مەندىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىڭىزمۇ  ؟ئەمدى مىنى ياخشى كۆرمەمسىز ؟

قىز جاۋابەن       بىشىنى لىڭىشتىپ  بۇ يىگىتنى ئەمدى ياخشى     كۆرمەيدىغانلىقىنى ھازىر باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىيتىپتۇ .بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يىگىتنىڭ ئىچىدە    يىغا قاينىغان بولسىمۇ  ئەمما  يەنىلا ئۆزىنىڭ قەيسەر روھى ھالىتىنى ساقلاپ تەمكىن تۇرۇپتۇ ،ۋە قىزغا     :مۇھەببەتتە مەجبۇرلاش بولمايدۇ ،مەجبۇرلانغان مۇھەببەتتە بەخىت نىمە     قىلسۇن ،سىز ئاللىقاچان مەندىن ۋاز كىچىپ بۇ قارازنى چىقىرىپ بولغان بولسىڭىز بۇمۇ سىزنىڭ كىشلىك ھاياتىڭىزدىكى بىر تاللىشىڭىزدۇر ،مەن سىزنىڭ بۇ تاللىغانلىرىڭىزغا كىيىنكى كۈنلەردە   ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭىزنى ،ھازىرقى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوغۇل بىلان       بەختىڭىزنى تىپىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،سىز بەختلىك بولسىڭزى ،سىز خۇشال بولسىڭىز مەنمۇ خۇشال بولىمەن  دەپتۇ .ۋە قىزنىڭ يىنىدىكى ئوغۇلنىڭ قولىنى  چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ بۇ     ئوغۇلغا ؛سەن بۇ قىزغا چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلغىن ،مەن سىلەرگە چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن ،بەختلىك بولۇڭلار دەپتۇ .ۋە بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا ئاستا ھەم يوغان قەدەملەر بىلەن بۇلارنىڭ يىنىدىن ئايرىلىپتۇ .

8. قىز دوستىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىنكى يىگىتنىڭ  ئازاپلىك كۈنلىرى

گەرچە بۇ گەپلەرنى ئۆزى ئىغىزى بىلەن دىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئوتنىڭ كۈلىدەك پۇچىلانغان ئىدى ،ئەمما بۇ پۇچىلانغان قەلپنى بۇ قىز چۈشۈنۈپ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن .بۇ يىگىت مەكتىپىگە قايتىپ كەپتۇ .مەكتىۋىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەمدى ئۇنتۇپ كىتىشكە ،پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىنى ئوقۇشقا         قارىتىشقا تىرىشىپتۇ .نەدىمۇ   بۇنداق ئاسان ئىش بار دەيسىز ،بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇش ھەقىقەتەنمۇ تەس بولىدىكەن .      پۇچىلانغان قەلپنىڭ ساقىيىشى ئاسان ئىش ئەمەس دە .

ئەگەر بۇ چۈش بولۇپ قالغان بولسا ،چۈشىدىن ئويغانسا قىز يىگىتنىڭ تىلفۇنىنى قوبۇل قىلغان ،يەنىلا شۇ ئاللاھ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتىدىن تەكرارلاپ قىزغىن پاراڭلارنى سىلىپ بىر -بىرىگە ياخشى بولغان ئۇتۇقلارنى تىلەشكەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە ،ئىنتايىن ئەپسۇس بۇ بىر  رەھىمسىز ئەمەليەت ئىدى ،  بەزى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا نىمانداق رەھىمسىز ھە ،ئادەمنىڭ ئاچقان يىرىگە پەقەتلا بارمايدۇ .ئەگەر شۇنداق بىر پۇرسەت كەلسە ئىدىكى بۇ يىگىت چۈشىدىن ئويغانماي ،بۇ رەھىمسىز ئەمەليەتكە يۈزلەنمەي شۇ چۈش ئىچىدە شۇ سۆيگەن يارى بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە بولۇشقا رازى ئىدى ،چۈنكى يىگىت بۇ قىزنى ناھايتىمۇ بەك ياخىشى كۆرەتتى ،چۈنكى بۇ قىز يىگىتنىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگەن مۇھەببىتى ئىدى .لىكىن نىمە ئامال دەيسىز ،بىز يەنىلا بىز بەزى ئىشلاردا شۇ تەغدىرگە تەن بەرمىسەك بولمايدۇ ،بىز تەغدىر ئالدىدا         ئىنتايىن ئاجىز بىر بەندە ،تەغدىر شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانكەن بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق .بۇلارنى چۈشۈنۈپ يەتكەن يىگىت ئاخىرى تەغدىرگە تەن بىرىپتۇ ،يىگىت بۇ قىزنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋىتىپ ئۆزىنىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى قايتىدىن بىر تەرتىپكە سىلىپ چىقىشقا باشلاپتۇ ،بۇ جەريانىدا يىنىدا نۇرغۇن ياخشى قىزلارنىڭ ئۇچراتقان بولسىمۇ لىكىن يىگىتنىڭ ئۇ قىزلارغا پەقەتلا كۆڭلى چۈشمەپتۇ ،ھەر دائىم يالغۇز يۈرىدىغان ،باشقىلار بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ ،ھەر كۈنى قارىسا شۇ كۈتۈپخانىدىلا يۈرۈپتۇ ،يىگىتنىڭ بار-بارا ياداپ كىتىۋاتقان بۇ ھالىتىنى كۆرگەن دوستلىرى يىگىتنى ئىزدەپ كەپتۇ ،ئەمدى نىمە ئىش بولغانلىقى سوراپتۇ ،ئەمما يىگىت ھىچ ئىش بولمىغانلىقىنى ،پەقەتلا يىقىندىن بۇيان شۇ ئۈگۈنۈش كىلىپ بولالماي سەل چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ دوستلىرنى يولغا سىلىپ قويۇپتۇ .يىگىتنىڭ بۇ تىرىشچانلىق روھىدىن تەسىرلەنگەن نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ ،نىمىشقىدۇر بۇ يىگىت بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلەشمەيدىغنالىقىنى ،ھازىر ئۈگۈنۈش قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ نۇرغۇن قىزلارنى قەلىپلىرىنى ئازاپقا سىلىپ قويۇپتۇ .كۈنلىرى مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆرتۈنۈش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ ،ئەمما تىرىششىنى ،ئىزدىنىشنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ   قويماپتۇ .

9.                 3 يىلدىن كىيىن                  

يىگىت قىزدىن ئايرىلىپ ھەش پەش دىگۈچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ . 3 يىلدىن كىيىن بۇ يىگىت ئامىركىدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا مىڭىشقا تەييارلىنىپتۇ .بۇ يىگىتنىڭ تىرىشچانلىقىلىرى ،جاپا مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشلىرى ھەرگىزمۇ بىكارغا كەتمەپتۇ ،ئۇ ئاخرى  ئىلگىرى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن مەكتەپكە ئوقۇشقا بارىدىغان پۇرسەتكە ئىرىشىپتۇ .بۇ      يىگىت قىز دوستىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن تەغدىرگە تەن بىرىپ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تىخمۇ تىرىشىپ ئۈگەنگەن ،توختىماي ئىزدەنگەن ،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرنىڭ ،ساۋاقداشلىرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ،ھۆرمىتىگە سازاۋەر  بولغان .مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ يىگىتنىڭ  تىرىشچانقىنى ،ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە  كۆزدە تۇتۇپ ئامىركىغا  بىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى بەرگەن .بۇ يىگىت بۇ پۇرسەتكە ئىرىشىپ ناھايتىمۇ بەك خۇشال بولغان ،بۇ خۇشال بولغان ۋاقىتلاردا يەنە شۇ قىزنى ئەسلەپ  كۆڭلى يەنە يىرىم بولغان .ئەسلىگەنسىرى بۇ قىزنى بەكلا كۆرگىسى كەلگەن ،يۈرىكى بەكلا ئىچىشقان ،ھەم ئامىركىغا مىڭىشتىن بۇرۇن ئۇ قىز بىلەن بىر كۆرۈشۈۋىلىشنى ئويلاشقان ،شۇنداق دوستلىرىدىن سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ ئۇ قىزنىڭ ئالاقىلىشىىش ئۇسۇلىنى بىلەلمىگەن ،ئازابى تىخمۇ كۈچەيگەن ،مەن ئۇ ئۇ قىزنى بىر كۆرۈۋالساملا بولاتتى دەپ ئويلىغان ،ئەپسۇس ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان .ئامىركىغا يولغا چىقىدىغان ۋاقىتمۇ بارغانسىرى قىستاپ كىلىۋاتقان ئىدى ،ئەمما بۇ يگىتنىڭ ئازابى تىخمۇ كۈچىيۋاتقان ئىدى ،زادى قانداق قىلىش كىرەك ،مەن ئۇ قىز بىلەن قانداق كۆرۈششۈم كىرەك دىگەنلەر ئۈستىدە توختىماستىن ئويلىناتتى ،ئەمما بۇ سۇئاللار جاۋاپسىز قىلىۋاتاتتى .يولغا چىقدىغان كۈنمۇ يىتىپ كەلدى ،ئەمما بۇ ۋاقىتقىچە قىزنىڭ دىرىكىنى ئالالمىغان ئىدى ،ئۇنىڭ يولغا چىقققۇسى كەلمىدى ،ئەمما ئۆزىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئارزۇلاپ ئىرىشىشىنى ئويلىشىپ  كىلىۋاتقان ھەم ئاران تەستە ئىرىشكەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدى ،ئۇ نەرسە كىرەكلىرى يىغىشتۇرۇپ ئايرۇپىلان ئىستانسىغا كىردى ،ئۇ قەدەمدە بىر كەينىگە قاراپ   كىتىۋاتاتتى ،ئۇنىڭدا  خۇددى ئۇ قىز بۇ يىگىتنى    ئۇزىتىپ قويغىلى كىلىدىغاندەك ئۇنى ھازىرلا كۆرۈدىغاندەك  تۇيغۇ بار ئىدى ،ۋاقىت يەنە بىر مىنۇت بىر سىكۇنىتتىن ئۆتمەكتە ئىدى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى   ناھايتىمۇ تىز بولماقتا ،يىگىت كەينىگە كۆزىنى ئۈزۈلدۈرمەي قاراپ تۇراتتى .تۇيۇقسىز يولۇچىلار دىققەت ،يولۇچىلار دىققەت ،ھازىر ئۈرۈمچىدىن بىيجىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان 526نۆۋەتلىك ئايرۇپىلان قوزغىلىشقا بەش مىنۇت ۋاقىت قالدى ،يولۇچىلار تىزدىن ئايرۇپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىڭلار دىگەن ئەسكەرتىش ئاڭلاندى ،ئۇ يەنە يەنە قاراپ بىر توپ ئادەملەر ئىچىدىن شۇ قىزنى ئىزدەيتتى ئەمما بۇ يىگىت ئىزدىگە ن قىز كۆرۈنمەيتتى ،   ،ئۇ ۋاقتنىڭ بىردەم بولسىمۇ توختاپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى ،ئەمما ۋاقىت توختىىمايتتى .ئۇنىڭغا قولىدىكى  سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى بارغانسىرى ئۈنلۈك ئاڭلىنىشقا باشلىدى ،ئۇ بىر ئارقىغا قارايتتى ،بىر ئالدىغا قارايتتى ،ۋاقىتمۇ توشاي دەپ قالغان ،بۇ ۋاقىتتا ئۇنى تالاي سۇئاللار ،تالاي ئىككىلىنىشلەر ئۇنى قىينايتتى،ئۇنىڭ ھازىرقى ئارزۇسى قىزنى بىر قىتىم كۆرۈۋالسا بولاتتى .ھەي قىز سەن نەلەردە يۈرۈيدىغانسەن ،سەن ئۈچۈن بىر يىگىتنىڭ مۇشۇنداق ئازاپلىنىشى بىلىپ تۇرۇۋاتارسەنمۇ ؟يىگىت مۇشۇ ۋاقىتتا  ئىچىدە قىزنى قاتتىق بىر تىللىغۇسى كىلىپ كەتتى ،ئەمما ئۇنىڭغا

بولغان سىغىنىش ،ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىش ئۇنى تىللاشقا يول قويمايتتى ،بەزىدە ئادەمنىڭ بۇ يىگىتكە قاراپ تۇرۇپ ئىچى  ئاغرىپمۇ قالاتتى ،بەزىدە بۇ يىگىتنى راسلا بىر ساراڭكەن دىگۈسى كىلەتتى ،چۈنكى ئاللىقاچان ئۆزىنى ئاللاھ ئالدىدا قىلغان ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ يىگىتنى تاشلاپ كەتكەن تۇرسا ،يىگىتنىڭ بۇ قىزنى يەنە ئەسلىشىنىڭ ،يەنە شۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ساقلاپ كىتىشىنىڭ نىمە ھاجىتى بار ،ناھايتىمۇ بەك ئەخمەق بالىكەن دىگۈسى كىلەتتى ،ئەمما مۇھەببەتىكى بۇ خىل كۈچنى ھازىر بۇ يىگىتتىن باشقا ھىچكىم ھىس قىلىپ كىتەلمەيتتى .بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى بۇ يىگىتنى ئايرۇپىلانغا چىققىلى قويماسمۇ ياكى ئامىركىدا ئوقۇش ئارزۇسى بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى يىڭىپ ئۇنى ئايرۇپىلانغا ئىلىپ چىقىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرامۇ ؟ۋاقىت ئۇنى قىستىماقتا ،بۇ ئىككى خىل كۈچ بىر- بىرى بىلەن ئۆز ئارا تىركىشىپ ئىلىشماقتا ،زادى قايسى كۈچ يىڭىپ چىقار؟




داۋامى ئىنكاس  شەكىلدە يوللىنىدۇ ................




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 02:07 PM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 02:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

333.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 02:16 PM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 03:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما سافا ماڭا قاپتۇ،ھەقىچان مەكتىپىڭىزدە ئۆزىڭىز باشتىن كە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 03:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سافا ماڭا قاپتۇ،دىسەم دىمىسەم مەكتىپىڭىزدە ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن ئىش ھە بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 04:27:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى چاپسانراق داۋامىنى يېزىڭ...

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 05:43:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستنلا بىر ئەمىلىي كەچۇرمىشتەك قىلىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 05:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستنلا بىر ئەمىلىي كەچۇرمىشتەك قىلىدۇ.....

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1843 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 06:22:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     كونا مۇقام   ئوخشىمىغان  كەچۈرمىش..  ئوخشاش نەتىجە....     


ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 892
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:17:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرامدىكىن.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 11:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،داۋامىغا تەشنامىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش