مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2438|ئىنكاس: 21

نىران خانىدانلىقى (ئىككىنجى بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 08:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


نىران خانىدانلىقى


                         تارىخى ھېكايە                                 


0006008p06k1g6q1p8q48p.jpg



(11)



ئەتىسى خان ئوردىسى جىددىي تۈسكە كىردى. تۈنۈگۈن ئايچىۋەر ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە ئەتە مۇھىم ئىش بارلىقىنى بىرەرسى باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ كەلمىسە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەنىدى. ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى. ئايچىۋەر شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا قولىدا خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان بار ئىدى.



تۆۋەندە بولسا ۋەزىرلەر ئىككى يانغا بۆلۈنۈپ ئايچىۋەرنى قاچان گەپ قىلىدىكىن دەپ تۇرۇشماقتا. بۈگۈن توغرۇلنىڭ كەيپىياتى باشقىچىلا توغرۇلنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ بىر-بىرى بىلەن پىچىرلىشىۋاتاتتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ئۇدۇلىدا ۋەزىرلەرنى كۈزەتكەچ ئايچىۋەرنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.



پۈتكۈل ئوردا ئەھلى، خان ئاتام ۋاپات بولغىلى خېلى كۈنلەر بولدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم مەرھۇم خان ئاتام ھايات ۋاقتىدا بىرەرسىنى تەخىت ۋارىسى قىلىپ بېكىتمىگەن. شۇڭا ئەل-ۋەتەن باشپاناھسىز قالسا بولمايدۇ. چوقۇم بىرسى خانىدانلىقنى باشقۇرۇپ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. خان ئاتام بۇ جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇن مەن بىلەن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق پاراڭلاشقان ھەمدە نىران خانىدانلىقىنىڭ خانلىق شەمشىرى كىمگە تاپشۇرۇلسا شۇ ئادەم شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلسۇن دېگەنىدى. شۇڭا مەن بۇ شەمشەرنى… ئايچىۋەر گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە ئارسلان ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى.



مەرھۇم خان ئاتام تەخىت ۋارىسىنى بەكلا توغرا تاللىغان، مانا خانلىق شەمشەرمۇ مەلىكە ئايچىۋەرنىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ. مەلىكە خان ئاتامنىڭ يالغۇز قىزى شاھلىق تەختىگە ئايچىۋەر ۋارىسلىق قىلسا ھەممە خۇشال بولىدۇ. مەلىكىنىڭ نىران خانىدانلىقىنىڭ باشپاناھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئايچىۋەر شاھ مەلىكەم ياشىسۇن! ئۇنىڭىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ــ، ئارسلان شۇنداق دېگىنىچە تىزلىنىپ شاھلارغا بېرىدىغان سالامنى بەجا كەلتۈردى.



ئوردا ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. ئارسلاننىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيرانلا قالغان ئايچىۋەر بىر نەرسە دېمەكچى بولغانىدى. ئارسلان جىم تۇرۇڭ، گەپ قىلماڭ! دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلىپ قويدى ۋە توغرۇلنى بېشى بىلەن ئىما قىلىپ قويدى. ئايچىۋەرمۇ جىمىپ قالدى.



يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ھاڭۋېقىپ قالغان ئابدۇراھمانمۇ ئېسىنى يىغىپ ئارسلاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئايچىۋەرنى مۇبارەكلەپ سالام بەردى. ھەممە ۋەزىرلەر تىزلىنىپ مەلىكىنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنى مۇبارەكلدى. ئايچىۋەر بۇ تەخىتتە ئولتۇرمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى مەرھۇم خاننىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. ئايچىۋەرنى تەبرىكلىمىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا تىزلانمىغانلاردىن توغرۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىسى ئابباس قالدى. ھەممەيلەن بۇرۇلۇپ توغرۇلغا قارىغانىدى توغرۇل ئىشنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاستا تىزلىنىپ ئايچىۋەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى.



شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇش مۇراسىمى جىمجىت ھېچقانداق خەۋىپسىز ئاخىرلاشتى. ئوردىدىن قايتقاندىن كېيىن ئايچىۋەر ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلاننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۈچەيلەن ئەتىگەنكى ئىشلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلاۋاتاتتى.



ئارسلان ئاكا، نېمىشقا مېنىڭ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېگىلى قويمايسىز. بۇ تەخىتكە سىز ۋارىسلىق قىلىشىڭىز كېرەكتى. نېمىشقا مېنى تەخىتتە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايسىز؟ــ، ئايچىۋەر ئارسلاندىن ئاغرىنغاندەك سورىدى.



سىڭلىم كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن. ھەمدە مەرھۇم خان ئاتامنىڭ ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىگە مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرگىنىدىن چەكسىز خۇشال بولدۇم. بىراق، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. توغرۇل خان ئاتام ۋاپات بولغاندىن بۇيان ئوردا ئىچىدە يۇشۇرۇنچە خېلى ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ بولدى. پەقەتلا ئازغىنە ۋەزىرلەر سىزنى قوللايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ مۇشۇنداق جىددىي پەيىتتە مەن شاھلىق تەختىگە چىقسام مېنى كىم ئېتىراپ قىلىدۇ. بىز بۇنداق قىلساق شاھلىقنى توغرۇلغا قوش قوللاپ سۇنغان بولىمىز. توغرۇل مۇشۇنداق پەيىتنى كۈتۈپ يۈرۈيدۇ. ئوردا ئىچىدە ئازراقلا سۈركىلىش بولىدىكەن. ئۇ ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنى كۈشكۈرتۈپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپلا خانلىقنى قولىغا ئالىدۇ. شۇڭا سىڭلىم بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئوتتۇرىغا چىقسىڭىز ھېچكىم سىزگە قارشىلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى سىز دېگەن ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى خان ئەۋلادى سىزگە قارشى تۇرۇشقا كىمنىڭ ھەددى؟ سىزنى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ جاپا سالىدىغان بولدۇق. خەلقىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز غەيرەت قىلىڭ. ئابدۇراھمان تاغام بىلەن مەن سىزنى ھەر ۋاقىت قوغدايمىز، ياردەمدە بولىمىز.ــ، ئارسلان سۆزىنى ئېيتىپ بولۇپ يېنىك بىر تىندى.



ئارسلان توغرا دەيدۇ قىزىم، شاھلىققا سىز ۋارىسلىق قىلمىسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلالمايمىز. سىز پەقەتلا تەختتە ئولتۇرۇپ چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بەرسىڭىز قالغان ئىشلارنى بىر قىلىمىز.ــ، بۈگۈنكى ئىشتىن بەكلا مەمنۇن بولغان ئابدۇراھماننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەنىدى.



سىلەر بۇنداق دەۋاتساڭلار مەن يەنە نېمە دېيەلەيمەن. مەن يەنىلا كىچىككەنمەن نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەر يىراقنى كۆرەلەيدىكەنسىلەر.ــ، ھۈسەيىن خان ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان كۈلۈمسىرەپ باقمىغان ئايچىۋەر بۈگۈن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى. ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى.









(12)





ئايچىۋەر ئوردىدىكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمىسمۇ ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بويىچە ھەر ھالدا ياخشى قىلىۋاتاتتى. ئايچىۋەر سەل بىكار بولۇپ قالسىلا ئارسلان ئۇنى ھەربىي مەشىقلەرنى قىلدۇراتتى. ئارسلان بىر ئەلگە پادىشاھ بولغان ئادەم ھەممە جەھەتتىن يېتىشمىسە بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئايچىۋەرنى مەشىق قىلدۇرۇشتا بەكلا قاتتىق قول ئىدى. ئايچىۋەر ھېرىپ قالدىم دېگەنگىمۇ ئۇنىماي قىيىن مەشىقلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلايتتى. توغرۇلمۇ خېلى تىنچىپ قالغاندەك ھېچقانداق سادا يوق ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئىدى. ئابدۇللا خاننىڭ نىران خانلىقىغا كۆزىنى تىكىپ خىرىس قىلىپ ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىدىغاندەك تۇرۇشى ئايچىۋەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزدى. ئايچىۋەر ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. جەڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرگەن بىر ئاي ئارلىقىدا ئارسلانمۇ ئايچىۋەرنى ياراملىق بىر چەۋەنداز قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. گەرچە ئايچىۋەر جەڭ ماھارىتىدە ئارسلان بىلەن توغرۇلغا تەڭ كېلەلمىسىمۇ يىتىشىپ قالغانىدى.ئۇزاق ئۆتمەي تەييارلىقلارمۇ پۈتۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ يولغا چىقتى.



ئايچىۋەر ئوردىنى باشقۇرۇشقا ئابدۇراھماننى قالدۇرۇپ توغرۇل، ئارسلاننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئايچىۋەر كىچىكىدىن جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆگەنگەنىدى. شۇڭا بۇ قېتىم چوڭ قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىمقى مەغلۇبىيەتنى توغرۇلنىڭ قوماندانلىقنى ياخشى قىلمىغانلىقى ۋە جەڭ ماھارىتىگە پىششىق بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىغاچقا ئارسلاننى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.



ئىككى تەرەپ جەڭنى توختاتقاندىن بۇيان ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىمۇ ئەسكەرلىرىنى تولۇقلاپ تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىۋالدى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم پۇختا تەييارلىقلار بىلەن كەلگەنىدى.



ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنىڭ بارگاھىنى كۆرگىدەك يەردە ئورۇنلاشتى. ئارسلان جەڭ قىلىش ئۇسۇلىنى بىر قاتار تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەتە ئەتىگەن جەڭنى رەسمىي باشلاش توغرۇلۇق ئايچىۋەردىن ئىجازەت سورىدى. ئايچىۋەر ماقۇللۇق بېرىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىرىغا كىرىپ كەتتى.



ئۈستىگە جەڭ كىيىمى كىيىپ تولۇق قۇراللانغان ئايچىۋەر سەپنىڭ ئالدىدا دۈشمەن سېپىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئارسلان جەڭگە ئاتلىنىش بۇيرۇقىنى بەردى. توغرۇلنىڭ قوشۇنى دۈشمەننىڭ سول تەرىپىدىن ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جەڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئارسلان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى سېزىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئىككىلا تەرەپ دەھشەتلىك جەڭگە كىرىپ كەتتى. ئۆلگەنلەر سان-ساناقسىز ئۆلۈكلەر تاغلاردەك دۆۋىلىشپ كەتكەن. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنى بەرداشلىق بېرەلمەي كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مەغلۇب بولاي دېگەنلىكىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئېتىنى دېۋىتىپلا دۈشمەن سېپىگە ئېتىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن قوغدىغۇچىلارمۇ ئەگەشتى. ئايچىۋەر دۈشمەن قوشۇنى سېپىدىن ئابدۇللا خاننىڭ ئوغلى ۋەلىنى ئىزدەيتتى. ۋەلى ئەتراپىدا قالغان نەچچە ئون ئادەملىرى بىلەن قاپسىلىپ قالغانىدى. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ ئورمانلىق تەرەپكە قاراپ قاچتى.



ئايچىۋەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ۋەلىنى قوغلاپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئورمانلىق ئىچىگە ئېتىنى چاپتۇردى. ئايچىۋەر ۋەلىنى قوغلاپ يېتىشىۋېلىشقا ئۈچ-تۆت مېتىر قېلىۋېدى ۋەلى ئېتىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئايچىۋەرگە ئوق ئۈزدى. ئايچىۋەر چاققانلىق بىلەن ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قولىدىكى نەيزە بىلەن ۋەلىنى ئۇرۇپ ئاتتىن يىقىتىۋەتتى. ۋەلى ئاتتىن دومىلىغىنىچە بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە يىقىلدى. ئايچىۋەر ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپلا شەمشىرىنى ۋەلىنىڭ گېلىغا تەڭلىدى. ئۇنىڭغىچە ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئارسلانمۇ يېتىپ كېلىپ ئايچىۋەرنى قانداق قىلاركىن دەپ قاراپ تۇردى. ئايچىۋەرنىڭ شەمشەر تۇتقان قولى تىترەيتتى.



سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋەتسەەم دەيمەن. خان ئاتامنى ئۆلتۈرگەن جازايىڭ ئۈچۈن سېنى پارچە-پارچە قىلىپ ئىتلارغا تاشلاپ بەرسەممۇ ئەرزىيدۇ. بىراق، مەن سېنى خان ئاتام ئۈچۈن ئۆلتۈرسەم سېنىڭ ئوغلۇڭ مېنى سەن ئۈچۈن ئۆلتۈرسە بۇ قىرغىنچىلىق قاچان تۈگەيدۇ؟ بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇش-جىدەل قىلماي چىرايلىقچە ئۆتسەك ھەممىمىز ئۆز مەملىكىتىمىزنى گۈللەندۈرسەك بولمامدۇ؟ بولدى كەتكىن! سېنى ئۆلتۈرۈشكە ھەرگىز قولۇم بارمايدۇ. چۈنكى سەن قىلغان رەھىمسىزلىكنى مەن قىلالمايمەن.،ــ ئايچىۋەر يىغلامسىرىغان پېتى شەمشىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ دەرەخكە يۆلىنىپ قالدى.



ۋەلى ئۆزىنى ھايات قويغانغا خۇشال بولۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا توغرۇل ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ۋەلىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇلنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.



بۇ ئىپلاس خان ئاتامنى ئۆلتۈرگەن تۇرسا ئۇنى مۇشۇنداقلا قويۇۋېتەمدۇق؟ــ، توغرۇل ئايچىۋەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلدى.



بولدى ئۇ كەتسۇن مەن بۇ جەڭنى قىرغىنچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن. ھەر ئىككى تەرەپ ئىناق ئۆتسەك دەيمەن بۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم ــ، ئايچىۋەر شەمشىرىنى سۇغۇرۇپ ۋەلى تەرەپكە ماڭغان توغرۇلنى قولى بىلەن شەرەتلەپ توختىتىپ قويدى. بۇ جەڭ نىران خانىدانلىقىنىڭ نۇسرەت قازىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئايچىۋەرنىڭ ئوغلى ۋەلىنى كەڭ قورساقلىق قىلىپ قويۇۋەتكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن ئابدۇللا خان ئايچىۋەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماي تىنىچ-خاتىرجەم ئۆتۈش توغرىسىدا سۈلھى تۈزۈپ قايتىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ئوغلانلار قۇربان بولغان بۇ دەھشەتلىك جەڭ ئاخىرلاشتى.









(13)




ئايچىۋەر بۇ جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ ئوردىدىكىلەرنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. كۆپىنچە ۋەزىرلەر ئايچىۋەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىدىن نارازى ئىدى. ئۇلارنىڭ نارازىلىقى بۇ قېتىم خېلى پەسەيدى بىراق خەۋىپ يەنىلا بار. توغرۇلنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر يەنىلا كۆپ، ھۇشيار تۇرمىسا بۇلار ھەر ۋاقىت ئاسىيلىق قىلىپ توغرۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. مانا بۇ بىر قاتار ئىشلار ئايچىۋەرنى بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى. ئايچىۋەر جەڭدىن قايىتىپ كېلىپ ئوردىدىكى كۆپىنچە ئىشلارنى ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلانغا تاپشۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى.


ئاتىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك جەڭ ئوردىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ئايچىۋەرگە بېسىم بولۇپ ئۇنى بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى. شۇڭا ئۇ سەل دەم ئېلىشنى ئويلاپ ئوردىدىكى ئىشلارنى ئابدۇراھمانغا تاپشۇرۇپ ئوردىنىڭ شەرىقى تەرىپىگە جايلاشقان كەڭرى ئورمانلىققا بىر ھەپتىلىك ئوۋغا چىقتى. ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئايچىۋەرنىڭ ئوردىدا قېلىپ ئابدۇراھمانغا ياردەملىشىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي بىللە چىقتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ئايچىۋەرگە سۈيىقەست قىلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. توغرۇلنىڭ نام-مەنپەئەت ئالدىدا قان-قېرىنداش دېمەي رەھىمسىزلەرچە ئىش قىلىدىغانلىقى ئارسلانغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

خان ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئايچىۋەر بۇنداق ئوۋلارغا تولا چىقاتتى. شۇ چاغلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئارسلان ھەمراھ بولۇپ بىللە ئوۋ ئوۋلايتتى. ئورمانلىققا كىرگەندىن كېيىن ئايچىۋەرنىڭ كەيپىياتى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئوۋلايدىغان ئولجىلارنى ئىزدىمەكتە. ئالدى تەرەپتىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن بىر كىيىكنىڭ قارىسى كۆرۈندى.

ــ بۇ كىيىكنى ئۆزۈم ئوۋلايمەن. ھېچقايسىڭلار قوغلىماڭلار ۋە ئوق ئاتماڭلار!ــ، دېگىنىچە ئايچىۋەر كىيىك تەرەپكە ئاستا ماڭدى. ئاتنىڭ تىۋىشىنى سېزىپ قالغان كىيىك دەرھال قاچتى. ئايچىۋەر ئېتىنى دىۋىتكىنىچە كىيىكنى قوغلاپ ماڭدى. ئايچىۋەر باياتىن بۇلارغا كىيىكنى ئۆزىدىن باشقىلار قوغلىماسلىق بۇيرۇقىنى بەرگەچكە ھەممىسى ئايچىۋەرنىڭ كىيىكنى ئېتىپ ئوۋلاپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

كىيىك ئايچىۋەرنىڭ ئالدىدىن بىر كۆرۈنۈپ بىر كۆرۈنمەي قاچماقتا. ئايچىۋەر بار كۈچى بىلەن ئۇنى قوغلىماقتا ئىدى. ئايچىۋەر كىيىكنى قوغلاۋېرىپ ئورمانلىققا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. ئورمانلىقتىكى بىر ساسلىققا كەلگەندە كىيىك ئايچىۋەرنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىمۇ چېپىۋېرىپ ھېرىپ ئاستا مېڭىۋاتاتتى. ئايچىۋەر كىيىكنى ئوۋلاش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئورمانلىققا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالغانىدى. قۇشلارنىڭ غەلىتە سايراشلىرى ئايچىۋەرنى سەل سۈر باسقۇزدى. ئۇ ئارسلان ۋە قوغدىغۇچىلاردىن ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەنىدى. شۇ ئەسنادا ئالدىدىكى دەرەخنىڭ كەينىدىن بىر قارا سايە غىل-پال قىلىپلا كۆرۈنگەندەك قىلدى ئايچىۋەر ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار بولسا كېرەك دەپ ئانچە ئېرەن قىلمىدى. تۇيۇقسىز ئېتىلغان بىر تال ئوق ئايچىۋەرنىڭ كۆكرىكىگە سانجىلدى. ئايچىۋەر ۋايجان دېگىنىچە كۆكرىكىنى تۇتتى ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى. ئالدى تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ كەينىدىن تۆت-بەش ئادەمنىڭ شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلىغان پېتى ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاران پەرق ئېتەلىدى. ئۇ ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاتقا قاتتىق قامچا ئۇردى. تاياقنىڭ زەربىدىن چۆچۈگەن ئات ناھايىتى تېز چېپىپ ئالدىدىكى بۇلار تەرەپكە تېزلا يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئادەملەر ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن شۇنچىلىك تېز قوغلىدىكى خۇددى يەل تاپان ئادەملەردەك يېتىشىۋالاي دەپ قالدى. ئوق تەگكەن يەردىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ئايچىۋەر ھالسىزلىنىپ ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قالدى.

بۇلار ئايچىۋەرگە يېقىنلىشىشقا ئىككى مېتىرلا ئارىلىق قالغانىدى. ئالدى تەرەپتىكى قويۇق ئورمانلىق ئىچىدىن يىگىرمە بەش ياشلاردا بار بىر يىگىت پەيدا بولدى. ئۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغان بىر قىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا ئېسىلغان شەمشىرىنى سۇغارغان پېتى ئايچىۋەر تەرەپكە يۈگۈردى. ئات ئۈستىدىكى ئايچىۋەرگە شەمشەر ئۇرۇشقا تەمشەلگەن بىرسىنىڭ بىلىكىگە شەمشەر ئۇردى. ئۇ ئادەم بىلىكىنى تۇتقان پېتى يەردە يېتىپ قالدى. باشقىلىرىمۇ تەڭلا بۇ يىگىت تەرەپكە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. يىگىتنىڭ ماھارىتى خېلى ئۈستۈن ئىدى. ھەممىسىگە تەڭلا تاقابىل تۇرۇپ بىر قولىدا ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقىنىچە كەينىگە چېكىنمەكتە. قارىماققا ئۇلارنىڭ باشلىقىدەك كۆرۈنىدىغان بىرسى يىگىتنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا ئۇنىڭغا شەمشەر سالدى شەمشەر يىگىتنىڭ ئارقا مۆرىسىنى ئازراق كېسىۋەتتى. يىگىت بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ شەمشىرىنى توسۇۋالدى. ھېلىقى كىشى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.

ــ سەنمۇ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئادىمىكەنسەنغۇ؟ ئەركىن بۇ سەنمۇ؟ــ، ھېلىقى ئادەم شەمشىرىنى پەسكە چۈشۈردى. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ ماھارىتىدىن ئۇنىڭ ھىلال ئاي مەزھىپىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانىدى.

ــ ياق! مەن ھىلال ئاي مەزھىپىنىڭ ئادىمى ئەمەس. بۇنداق مەزھەپنى بىلمەيمەن. بۇ قىزنى نېمىشقا ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟

ــ بۇ بىزگە بېرىلگەن بۇيرۇق بىز سەۋەبىنى سورىمايمىز. پەقەتلا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز. بىز چوقۇم بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشىمىز لازىم. بۇ ئاتامان بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپە.

ھېلىقى ئادەم ئايچىۋەر تەرەپكە مېڭىشقا تەمشىلىۋېدى، يىگىت ئۇنىڭغا شەمشىرىنى تەڭلىدى. ھەمدە ئۇنداق قىلما! دېگەن مەنادا بېشى بىلەن ئىشارەت قىلدى.

ــ قايتىپ كېتىڭلار، ئۆز گۇناھىسىز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ قويغۇم يوق ــ، يىگىت بۇلارغا تەھدىت ئارىلاش دېدى.

ــ بېرىپ ئاتامانىڭلارغا «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكى ئەركىن بۇ قىزنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۆلتۈرۈشكە يول قويمىدى دەڭلار. ئۇ ئۆزى چۈشۈنىۋالىدۇ. ــ يىگىت ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقىنىچە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماڭدى. بۇ ئىككەيلەننىڭ كەينىدىن باشقىلىرى قوغلىماقچى بولۇۋېدى ھېلىقى باشلىقى ئۇلارنى توسۇپ قويدى. بۇ ئادەم يىگىتنى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلاتتى







(14)




ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ ماڭغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ھېلىقى ئادەملەرنىڭ قايتىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ يېنىك بىر تىندى. ئاتنى يېتىلەپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماڭدى. ئون مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن دەرەخكە باغلاپ قويغان ئۆزىنىڭ ئېتى يېنىغا كەلدى. ئاتقا ئىككى دانە خالتا ئارتىلدۇرۇلغان بولۇپ خالتىلاردا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر تۇراتتى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى توختىتىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئېتىنى يەشتى. ھەر ئىككى ئاتنى يېتىلەپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. يېرىم سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن قۇيۇق ئورمانلىق ئىچىدە بىر ياغاچ ئۆي كۆرۈندى. ئۆينى كۆرۈپ ئات كىشنەپ كەتتى.


ئەركىن ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى چۆپلۈككە قويۇۋەتتى. ئاتقا بۇ ماكان تۇنۇش شۇڭا يىراق كەتمەيتتى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى ئۆينىڭ يېنىدىكى دەرەخكە باغلىدى. ئايچىۋەرنى ئاتتىن ئاۋايلاپ چۈشۈرۈپ يۈدۈپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كارىۋاتتا ياتقۇزدى. ئايچىۋەر كۆزىنى ئاچماي ھۇشسىز ياتاتتى.

ئەركىن بىر داس سۇ ئەكىلىپ ئاۋال ئايچىۋەرنىڭ زەخمىلەنگەن يېرىدىكى قانلارنى لۆڭگە بىلەن سۈرتتى. ئوقنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن بىر قولىدا ئايچىۋەرنىڭ مۆرىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۈچەپ ئوقنى تارتتى. ئوق بىلەن قانلار چاچراپ چىقتى. ئايچىۋەر بىر ئىڭراپلا يەنە ھۇشىدىن كەتتى. ئۇ بىردەم قاننى توختاتقاندىن كېيىن بىر نەچچە خىل دورا ئۆسۈملۈكنى ئارلاشتۇرۇپ سوقۇپ يارا ئېغىزىغا چېپىپ لاتا بىلەن تېڭىپ قويدى. پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكىنىچە سىرتقا ماڭدى. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى خالتىلارنى چۈشۈرۈپ ئامبار ئۆيگە ئەكىرىۋېتىپ چۆپلۈكلەر ئۈستىدە يانپاشلاپ ياتتى. بىردەمدىن كېيىن كۆزى ئۇيقىغا كەتتى.

ئايچىۋەر ئوۋغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن توغرۇلنىڭ مەخپىي مەسلىھەتخانىسى.

توغرۇل ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىلىرىدىن ئۈچى ئولتۇراتتى. ھەممىسى توغرۇلنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتمەكتە. جىمجىتلىقنى ئاخىرى توغرۇلنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىسى ئابباس بۇزدى.

شاھزادە، بىز مۇشۇنداقلا بولدى قىلامدۇق؟ نىران خانىدانلىقى ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈت پۇرىقى كەتمىگەن بىر كىچىك قىزنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. سىلى يەنىلا گەپ قىلماي جىممىدە يۈرۈۋاتىدىلا ئىشلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە سىلىنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرماقلىرى قىيىنغا چۈشىدۇ. بۇ قىز ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن خېلى پەمى بار ئىكەن. ھەم بۇ قىزغا ئابدۇراھمان دېگەن قېرى بىلەن ئارسلان دېگەن يېتىمەك ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىز ئابدۇللاخان بىلەن بولغان جەڭدە ئۇتۇق قازىنىپ ۋەزىرلەرنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. تېزراق بىر قارارغا كەلمىسىلە ئىشلارنى كونتىرول قىلغىلى بولماي قالىدۇ.

سىلەرچە قانداق قىلىمىز؟ مەن ئەسلى ئايچىۋەرنى شاھلىق تەختىگە ئارسلاننى ئولتۇرغۇزىدۇ دەپ ئويلىغان ھەم شۇ كۈنى ھەممە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلماقچىدىم. ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. بۇ قىز تەخىتتە ئۆزى ئولتۇردى،ــ توغرۇل سەركەردىلىرىنى قانداق يول كۆرسىتىدىكىن دەپ ھەممىسىگە قاراپ چىقتى.

بۇنىڭ ھەممىسى ئابدۇراھمان دېگەن قېرىنىڭ پىلانلىرى، ئەگەردە ئايچىۋەر شاھلىق تەختىدە ئارسلاننى ئولتۇرغۇزسا ئوردىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى خەلقنىڭمۇ بۇنىڭغا قايىل بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم بىزدىن بىر قەدەمنى تېز مېڭىۋالدى،ــ دېدى ئابباس مۇشتۇمىنى تۈگۈپ.

سېنىڭچە قانداق قىلىمىز؟،ــ دېدى توغرۇل.

ئايچىۋەر ئەتە ئوۋغا چىقماقچى بىز ئەتە قول سالساقمكىن؟ بۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويساق قايتا پۇرسەت كەلمەيدۇ. ئايچىۋەرنى ئورمانلىقتىلا كۆزدىن يوقاتساق ھەممە ئىش بىر يولىلا ھەل بولىدۇ.

بولىدۇ، سېنىڭ پىلانىڭ بويىچە بولسۇن، سەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىڭدىن تۆت-بەشنى ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن ئەۋەتكىن. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنى يىغىشتۇرىۋەت.

ياق، شاھزادە بۇ ئىشقا ئۆز ئادەملىرىمىزنى سالساق بولمايدۇ. ئايچىۋەرگە ئارسلان ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭىدۇ. ئارسلاننىڭ ھەر جەھەتتىن ھوشيار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ئەگەردە بۇ كالۋالار ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي تۇتۇلۇپ قالسا بىز ئوردا ئىچىدە سازايى بولۇپ كېتىمىز. شۇڭا بۇ ئىشقا باشقا ئادەم سالايلى،ــ دېدى ئابباس بىر ئىشلارنى ئويلىغاچ.

ئەمىسە كىمنى ئىشلىتىمىز؟،ــ توغرۇل ئابباسقا سوئال نەزىرىدە قارىدى.

«ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنى ئىشلىتىمىز. بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ ماھارىتى خېلى ئۈستۈن ئۇلارنى ئەۋەتسەك چاتاق چىقمايدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىزلەر بەخىرامان يۈرۈۋېرىمىز.،ــ ئابباس مىيىقىدا زەھەرخەندىلەرچە كۈلدى.

«ھىلال ئاي» مەزھىپىنى مەرھۇم خان ئاتام نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن ئىدىغۇ؟،ــ توغرۇل ھەيرانلىق بىلەن سورىدى.

خان ئالىيلىرى بۇ مەزھەپنى تارقىتىۋېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قايتا تەشكىللىنىپتىكەن. بۇرۇنلاردا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ نامى چىققان بۇ مەزھەپ كېيىن كىشىلەر نەپرەتلىنىدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى. بۇلارنىڭ قاتىللىق قىلىشقا خېلى ئېپى بار. بۇ مەزھەپ ھازىر ئاساسلىقى قاتىللىق قىلىپ جان باقىدۇ. كىم پۇلنى كۆپ بەرسە شۇنىڭ دۈشمىنىنى دەرھال كۆزدىن يوق قىلىدۇ.،ــ ئابباسنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرىدىن قەبىھلىك چاقنىدى.

بولىدۇ شۇلارنى ئىشلىتەيلى. ئەمما دەپ قوياي ئىشنى ناھايىتى تېز، ئىز قالدۇرماي قىلسۇن!،ــ توغرۇل ئابباسقا قايتساڭ بولىدۇ دەپ ئىشارەت قىلدى.

ئەركىن كۆزىنى ئاستا ئاچتى. كۈن قايرىلىپ شەپەق نۇرى قۇيۇق ئورمانلار ئارىسىدىن غىل-پال چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خېلى ئۇزاق ئۇخلىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ تېخىچە ھۇشسىز ياتاتتى. يارا ئېغىزىدىكى قان توختىغانىدى. تېڭىقنى يېشىپ دورىنى قايتىدىن يەڭگۈشلەپ يەنە تېڭىپ قويدى. بۈگۈن يىغىپ كەلگەن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئەپچىقىپ ئۆينىڭ كەينىدىكى چۆپلىرىنى قىرىۋېتىپ تەييارلىغان يەرگە قۇرۇتۇش ئۈچۈن يېيىشقا باشلىدى.







(15)




ئارسلان ۋە باشقا ئەسكەرلەر ئايچىۋەرنى كىيىكنى ئوۋلاپ قايتىپ كېلەمدىكىن دەپ يېرىم سائەتچە ساقلىدى. تېخىچە ئايچىۋەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئارسلان ئەنسىرەشكە باشلىدى. بايا ئايچىۋەر بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ كەينىدىن سەل ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئەگىشىپ ماڭمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.


مەلىكە كىيىكنى قوغلاپ سەل ئۇزىراپ كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا بىر قانچىڭلار مەن بىلەن بىللە مەلىكە كەتكەن تەرەپنى ئىزدەڭلار. قالغانلار مەلىكە كەتكەن تەرەپتىن ئەگىلىپ ئۆتۈپ ئۇنى ئىزدەڭلار مەيلى قايسىمىز ئايچىۋەرنى تاپايلى ياكى تاپمايلى كەچ كىرگەندە مۇشۇ يەردە ئۇچرىشايلى.،ــ ئارسلان ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلدى. ھەممەيلەن يۈرۈپ كەتتى.

بۇلار تاكى كەچ كىرگىچە ئايچىۋەرنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىدى. بۇ قۇيۇق ئورمانلىقتىن بىر ئادەمنى ئىزدەپ تېپىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئايچىۋەرنى تاپالمىغانسېرى ئارسلاننى بىر خىل قورقۇنچ بىئاراملىق چۇلغىۋالدى. كۆڭلىدىن ھەر خىل ئىشلار ئۆتۈشكە باشلىدى. كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئەمدى قايتمىسا بولمايتتى. كېچىدە ئورمانلىقتا مېڭىش قىيىن ئىدى. ھەر قانچە بولسىمۇ ئايچىۋەرنى ئەتە ئىزدەش كېرەك ئەسكەرلەر بىر كۈن ئورمانلىقنى كېزىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. ئۇ ئەسكەرلەرگە ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەر ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن يەرگە قايتىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلار كېچىنى چۆپلەرنى كۆرپە قىلىپ ئۆتكۈزدى. ئارسلاننىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنى-ئۆزى ئەيىبلىمەكتە.

قارا سېنى نېمىشقا ئايچىۋەرنى يالغۇز مېڭىشقا يول قويدۇڭ. ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا مەرھۇم خان ئاتامغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن؟!،ــ ئۇ شۇنداق خىياللارنى قىلىپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىنى تۇيماي قالدى. ئەسكەرلەرنىڭ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆزىنى ئاستا ئاچتى. كۈن چىقىپ خېلى ۋاقىت بولغانىدى. ئەسكەرلەر بىلەن بىللە ناشتا قىلىپ ئايچىۋەرنى ئىزدەشنى باشلىدى. بۈگۈنمۇ ئورمانلىقنى كەزمىگەن يەر قالمىدى. ئايچىۋەر يەنىلا يوق. خان ئوردىسىدىن خېلىللا يىراق بولغان بۇ ئورمانلىق بەكلا كەڭرى ئىدى. ئورمانلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىش ئۈچۈن پىيادە ئىككى كۈن يول ماڭغاندا ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى. ئارسلان كەچ كىرگەندە ئامالسىز ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئوردىغا قايتتى.

ئەسكەرلىرىنى ياتىقىغا قايتىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇۋېتىپ ئۆزى ئوردىغا كىردى. ئوردىدا تۈنۈگۈن ئىشپىيۇنلىرىدىن ئايچىۋەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلىغان توغرۇل خۇشاللىقى قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە ئابدۇراھمان ۋەزىر پەستە باشقا ۋەزىر-ۋۇزرلار بار ئىدى. ئايچىۋەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋرى ئورىغا يېتىپ كېلىپ ھەممىگە پۇر كەتكەنىدى. بەزى ۋەزىرلەر ئابدۇراھمانغامەكتۇب سۇنۇپ دۆلەتنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى. ئارسلاننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ھەممەيلەن قايرىلىپ ئارسلانغا قارىدى. ئايچىۋەر يوق ئارسلاننىڭ يالغۇر كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئابدۇراھمان بىر شۇملۇقنى سېزىپ تېز-تېز مېڭىپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا كەلدى.

ئارسلان، ئايچىۋەر قېنى؟!

ئارسلاننىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىممىدە تۇرغىنىنى كۆرگەن توغرۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

نېمە گۆشىيىپ تۇرىسەن؟ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ توغرۇل ئارسلاننىڭ دۇلىسىدىن ئىتتەردى.

كەينىگە بىر ئاز سەنتۈرۈلۈپ كەتكەن ئارسلان بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

دەرھال ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئېلىپ ئورمانلىقنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدەپ ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلىڭلار،ــ ئابدۇراھمان دەرغەزەپ بولۇپ كەتتى.

ئايچىۋەر بىكاردىنلا يوقاپ كېتەمدىكەن؟ ئايچىۋەرنى ئورمانلىقتا جايىلىۋېتىپ كۆزدىن يوقىتىۋېتىپ كەلدىڭمۇ تېخى!،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

توغرۇل، ئېغىزىڭنى يۇم! تولا ماڭا قارا چاپلىما! ئايچىۋەرنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىمدىن چارە كۆرىدىغانلىقىمنى پۈتۈن ئوردىدىكىلەر بىلىدۇ،ــ ئارسلان غەزەپتىن تىترەپ كەتتى.

بۇ سۆزۈڭگە كىم ئىشىنىدۇ؟! سېنىڭ بۇرۇندىنلا شاھلىق تەختىگە كۆز تىكىۋاتقانلىقىڭنى كىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايچىۋەر كىيىكنى قوغلاپ كەتسە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭماپسەن. ئۇنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويۇپ يېرىم يولدا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانسەن؟

تولا كاپشىما! يەنە مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغان بولساڭ تىلىڭنى ئۈزۈۋالىمەن!،ــ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەن ئارسلان توغرۇل تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ ئالدىنى ئابدۇراھمان توسۇۋالدى.

بولىدۇ، نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن. ئەمما شۇنى بىلىپ قوي سېنىڭ قارا نىيەتلىكىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدۇ. مەن ئايچىۋەرنى تاپمىغىچە ئوردىغا ھەرگىز قايتمايمەن.،ــ ئارسلان شەمشىرىنىڭ دەستىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئارسلان، توختا! ساڭا ئەسكەرلەردىن كۆپرەك ھەمراھ قىلىپ بېرەي، ئىزدىمىكىڭلار ئاسان بولىدۇ،ــ ئابدۇراھمان ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىدى.

ئارسلان كەينىگە بۇرۇلۇپ،ــ ياق! ئايچىۋەرنى ئۆزۈم يالغۇز تاپىمەن. مەن ئۇنى چوقۇم تېپىپ كېلىمەن!

ئوردا ئىچى جىمجىتلىققا چۆمىدى.

بۈگۈنچە ھەممىڭلار قايتىپ تۇرۇڭلار. قالغان ئىشلارنى ئەتە مەسلىھەتلىشەيلى.،ــ ئابدۇراھمان ھەممەيلەنگە قايتىشقا ئىجازەت بەردى.







(16)

ئايچىۋەر ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتتى. ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە كۆزىنى ئاچتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى. كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېدى. پۇت-قوللىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنىدىغاندەك قىلمايتتى. بېشىنى ئازراق كۆتۈرۈۋېدى بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى.

ئاتلارغا يەم بېرىپ بىكار بولغان ئەركىن ياغاچ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ كىردى.

ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى مۇشۇ ھۇشىدىن كەتكەنچە قايتا ھۇشىغا كېلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. يەيدىغان رىسقىڭىز بار ئىكەن ياخشى بولۇپ كەتتىڭىز،ــ ئۇ كۈلۈمسىرىگەچ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئايچىۋەرنى يۆلەپ كەينىگە ياستۇق يۆلەپ بەردى.

بۇ قەيەر؟ مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىم؟ سىز كىم؟،ــ ئايچىۋەر گاڭگىراپ قالدى.

بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، سىزگە زەھەرلىك ئوقيا تېگىپتىكەن. ئوقيانى ئېلىۋېتىپ زەھەرلەرنگەن قانلارنى خېلى كۆپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن بۈگۈن ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز، ئىسمىم ئەركىن، دورىگەر مۇشۇ ئورمانلىقتا ياشايمەن. ئورمانلىقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ قۇرۇتۇپ كەنىتتىكى كىشىلەرگە ساتىمەن.ــ ئەركىن كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

مەن ئەسلى بىر كىيىكنى قوغلاپ ماڭغان. قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم؟ مېنىڭ ھەمراھلىرىمچۇ؟

ئۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن. ئورمانلىقتا دورا يىغىۋاتاتتىم. ئاتنىڭ قاتتىق چاپقان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام بىر نەچچە ئادەم سىزنى قوغلاۋېتىپتۇ. سىز يارىلىنىپ ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قاپتىكەنسىز. ئۇلار بىلەن بىردەم ئېلىشتىم سىزنى قۇتقۇزىۋېلىپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ داۋالىدىم. بولغان ئىشلار مۇشۇ قالغىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئۇ كىشىلەر نېمىشقا سىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟ سىزنىڭ بىرەرسى بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىڭىز بارمىدى؟

ئايچىۋەرگە ئىشلار ئايدىڭ بولدى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ بىر خىل بىئارام بولدى.

سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟،ــ ئەركىن سەل جىددىيلەشتى.

ياق، ھېچ ئىش بولمىدى. مېنىڭغۇ ئەزەلدىن بىرەرسى بىلەن ئاداۋىتىم يوق ئىدى. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم. مەن ئوۋغا چىققان كېيىن بىر كىيىكنى ئوۋلايمەن دەپ ھەمراھلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم قالغان ئىشلارنى سىز بىلىسىز،ــ ئايچىۋەر سەل بىئارام بولۇپ ھالسىزلاندى.

مەن سىزگە ناشتىلىق ئەكىرەي،ــ دېدى ئەركىن ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

ئايچىۋەر تۇرۇسقا تىكىلىپ ياتتى.

توغرۇل ئاخىرى ماڭا زەھەرلىك قولىنى ساپتۇ، ئارسلان قەيەرگە كەتكەندۇ؟ مېنى شۇنچە كۈندىن بېرى ئىزدىمىگەنمىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر كۆڭلىدە ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى. ياق، مەن بۇنداق جىددىي پەيىتتە بۇ يەردە ياتسام بولمايدۇ. توغرۇل خانلىقنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

ئايچىۋەر بار كۈچىنى يىغىپ كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشەلدى. يارا ئېغىزىدىن قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەچكە پۇت-قولىدا پەقەتلا ماغدۇر قالمىغانىدى. ئەمدى ئۆرە تۇراي دېيىشىگە يىقىلىپ چۈشتى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىنى ئاران تۇتۇۋالدى. ناشتىلىق ئەكىرگەن ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۈنى يۆلەپ كارىۋاتتا ياتقۇزدى.

نېمە قىلاي دەيسىز؟ بەدىنىڭىزدىن قان بەك جىق چىقىپ كەتتى. يەنە مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپ سىرتقا چىقماقچىمۇ؟،ــ ئەركىن ئاچچىقتىن ئايچىۋەرگە ئالايدى.

مەن قايتىشىم كېرەك. بەك مۇھىم ئىشىم بار، قايتمىسام زادى بولمايدۇ.،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە يىغا ئولاشتى تام تەرەپكە قارىۋالدى.

سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىنمۇ مۇھىم ئىش بارمۇ؟ ئالدى بىلەن ساقىيىڭ ئاندىن قالغان ئىشلارنى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز تېخىچە ماڭا ئىسمىڭىزنى، كىم ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە قولىدىكى چاينى سۇنغاچ.

توغرا دەيسىز بۇ ئىش مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ مۇھىم. بىراق، مەن بۇ ئەھۋالدا يېرىم قەدەممۇ ئالالمىسام ساقىيىشىمنى كۈتمەيمۇ ئامال يوق. ئىسىمىم ئايچىۋەر دوستلىرىم بىلەن ئورمانلىققا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىققانىدۇق. بۇ كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇم. مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مېنى قەستلىگەن كىشىلەرنى سىز كۆرۈپسىز ئۇلار قانداقراق ئادەملەر ئىكەن؟ سىز ئۇلارنى تونۇمدىكەنسىز؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېشى بەلكىم يىگىرمە بەش-يىگىرمە يىگىرمە ئالتىلەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. كۆزلىرىدىن بىر خىل باتۇر ۋە جاسارەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. موسكۇللىرىنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ماھارەتتە كامالاتكە يەتكەنلىكىنىمۇ بىلىۋالغىلى بولاتتى.

مەن ئۇلارنى تونۇمايدىكەنمەن. بەشچە ئادەم ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ مەقسىتى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئوخشايدۇ، سىزگە ئوقيا ئاتقاندىن كېيىن سىز ھالسىزلىنىپ ئېتىڭىزنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قاپسىز، بۇ ئادەملەر سىزنىڭ ئۆلگەنلىكىڭىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئاتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مېڭىپتىكەن دەل شۇ چاغدا ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز تەقدىرىڭىزگە سىزنى مېنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشىم يېزىلغان چېغى!،ــ ئەركىن كېيىنكى سۆزىنى چاخچاق ئارىلاش دېۋىدى ئايچىۋەر كۈلۈمسىرىدى.

سىزمۇ كۈلىدىكەنسىز ھە؟! مەن تېخى سىزنى بەكلا غەمكىن قىزكەن كۈلۈشنىمۇ ئۇقمايدىغان ئوخشايدۇ دېگەن ئىدىم. ھاھاھا…… ھەر ئىككەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. بىر كۈلكە بىلەن ئارىدىكى تارتىنىشلار نەگىدۇر غايىپ بولدى. ئىككەيلەن كونا دوستلاردەك ئوچۇق-يۇرۇق پاراڭلاشتى.

گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ يارىڭىزنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. دورىنى تەييار قىلىپ قويغانىدىم چاپىنىڭىزنى يېشىۋېتىڭ دورىنى ئالماشتۇرۇپ تېڭىقنى يەڭگۈشلەپ قوياي،ــ دېدى ئەركىن قاچىدىكى سوقۇلغان دورىنى ئېلىشتۇرغاچ.

نېمە دورامنى سىز ئالماشتۇرۇپ قويامسىز؟،ــ ئايچىۋەر چۆچۈپ سورىدى.

ھەيران بولۇپ كەتتىڭىزغۇ مەن ئالماشتۇرۇپ قويمىسام ئەمىسە كىم ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئورمانلىقتا مەندىن باشقا ئىنسان بولمىسا،ــ ئەركىن سەل خاپا بولغاندەك ئىدى.

ياق، يارا ئېغىزى مۆرەمدە تۇرسا دورىنى سىز ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ. دورىنى قويۇپ چىقىپ كېتىڭ ئۆزۈم ئالماشتۇرىمەن.

جاھىل قىز نەچچە كۈندىن ھۇشسىز ياتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ دورىڭىزنى مەن ئالماشتۇرۇپ تېڭىپ قويدۇم جاھىللىق قىلماڭ، ئۆزىڭىز ھەرگىز قىلالمايسىز،ــ ئەركىن دورىنى لاتىغا يېيىتقاچ.

ئۆزۈم قىلالايمەن، سىز چىقىۋېرىڭ.

بوپتۇ ئەمىسە مەيلىڭىز،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە ئالايغان پېتى چىقىپ كەتتى.

ئەركىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايچىۋەر مۆرىسىدىكى تېڭىقنى يېشىۋېتىپ قايتىدىن تېڭىشقا خېلى تەمشەلگەن بولسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدى. ئالدى تەرەپنى بىر قولىدا تۇتسا كەينى چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. بىردەم ئېيتىشقان بولسىمۇ يەنىلا قىلالمىدى. بايا ئەركىن مەن تېڭىپ قوياي دېگەندە جاھىللىق قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى. ئەمدى ئۇنىڭغا يېلىنماي ئامال يوق. ئەركىننى چاقىردى. ئەركىن قانداق؟ قىلالماپسىزغۇ دېگەن نەزەردە قاراپ كىردى.

تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قويامسىز؟ قىلالمىدىم،ــ ئايچىۋەر خىجىللىقتىن بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.

جاھىل قىز، ئاخىرى قىلالماپسىزدە؟ ئەكىلىڭە ئۆزۈم قىلىپ قوياي.







(17)




ئايچىۋەر بىر ھەپتىدە ئەسلىگە كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئىدى. ئەتراپنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن سرتقا چىقتى. ئەركىن ئۆينىڭ كەينىدىكى بوش يەردىكى قۇرۇغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى خالتىلارغا قاچىلاۋاتاتتى.


مەنمۇ ياردەملىشەيمۇ؟،ــ ئەركىننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقسىنىپ سورىدى ئايچىۋەر.

تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن سەل چۈچۈگەن ئەركىن،ــ بولىدۇ، ھېلى كىيىملىرىم چاڭ-توزان بولۇپ كەتتى دەپ قاخشىمىسىڭىزلا، ماڭىمۇ بىر ياردەمچى كېرەك بولۇپ تۇراتتى.

ئەركىن ئايچىۋەرنى قەستەن جىلە قىلىۋاتاتتى.

مېنى چاڭ-توزاندىن قورقىدىغان ھالى چوڭ تاۋى نازۇك خېنىملاردىن ئويلاپ قالماڭ. ئىش قىلغاندا سىزنىمۇ ھاردۇرۇۋېتىمەن،ــ ئايچىۋەر خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بەرگەچ.

بۇلارنى قىلىپ بولۇپ ئورمانلىققا دورا يىغقىلى بارىمەن، بارامسىز؟ قايتاشىمىزدا سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتىمەن.

ماڭا قانداق نەرسە كۆرسىتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئاندىن بارىمەن.،ــ ئايچىۋەر خۇددى ئاكىسىغا ئەركىلىگەن سىڭىلدەك.

ھازىر نېمە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىۋەتسەم ئەھمىيىتى قالمايدۇ، ئاۋۋال مەن بىلەن بىللە بېرىڭ. بارغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلمايسىز،ــ ئەركىن قانداق دېگەندەك سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇردى.

ماڭا بىر نەرسە كۆرسىتىمەن دەپ قويۇپ دورا يىغقىلى سالارسىز تايىنلىق،ــ ئايچىۋەر قاشلىرىنى ھىمىرىپ ھېلى كۆرىمىزغۇ دېگەندەك.

ئايچىۋەر ئۆزىنىڭ ئېتىغا مىندى، ئەركىن ئېتىغا خالىتىلىرىنى ئارتىلدۇرۇپ مىنىپ ئىككەيلەن ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى.

ئارسلاننىڭ ئايچىۋەرنى ئىزدەيمەن دەپ چىقىپ كەتكىنىگە ئون كۈن بولدى ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر يوق ئىدى. ئابدۇراھمان بارغانسېرى ئەنسىرەپ بىئارام بولۇۋاتاتتى. ئايچىۋەر ئۇنى ئورنىغا قويۇپ كەتكەن بولسىمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم ئاڭلىمايۋاتاتتى. توغرۇل ھەر كۈنلۈك قۇبۇل ۋاقتىدا ئۇنىڭ چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ئۆزى پەرمان چۈشۈرۈپ ئابدۇراھماننى ئوسال ئەھۋالدا قويۇۋاتاتتى. توغرۇلنىڭ ئوردىدىكى ھوقۇقى كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى. ئايچىۋەر مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تېپىلمىسا توغرۇل بارلىق ھوقۇقنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولاتتى. ئابدۇراھماننىڭ ئارسلاننى ئىزدەشكە ئەۋەتكەن ئادەملىرىمۇ ئاخشام ئۇنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. بۈگۈنمۇ ئەتىگەنلىك قۇبۇل ۋاقتى بولۇپ قالدى ئابدۇراھمان ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا خىزمەتكار ئارسلاننىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋرىنى يەتكۈزدى. ئارسلان خېلىلا ئورۇقلاپ جۈدەپ كەتكەنىدى. چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئابدۇراھمان ئارسلاننى بۇنداق روھى چۈشكۈن ھالىتىدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئارسلاننىڭ تۇرقىدىنلا ئايچىۋەرنى تاپالمىغانلىقىنى پەملىدى.

كەل، ئوغلۇم، بەكلا يوقاپ كەتتىڭ مېنى بەكلا ئەنسىرىتىۋەتتىڭ.،ــ ئابدۇراھمان ئارسلاننى قۇچاقلاپ كۆرۈشكەچ.

ئابدۇراھمان تاغا، ئايچىۋەرنى تاپالمىدىم، ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر كېلىشمەسلىك بولدى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. مەرھۇم خان ئاتامغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟،ــ ئارسلان ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.

كۆڭلۈڭنى چۈشۈنىمەن ئوغلۇم، ئاۋۋال ئولتۇرۇپ ئارام ئال! ئاندىن پاراڭلىشايلى.

ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى پۈتكۈل ئورمانلىقنى كېزىپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇنى تاپالمىدىم، دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ بولۇپ ئىزىنى يوقىتىۋەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم،ــ ئارسلان يىغا ئارىلاش كۆزلىرىنى ئابدۇراھمانغا تىكتى.

ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ئوغلۇم، بەلكىم كىيىكنى قوغلايمەن دەپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان بولسا قايتىپ كېلەلمەي ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالغاندۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلا،ــ ئابدۇراھمان ئارسلانغا چاي سۇنغاچ تەسەللىي بەردى.

ھازىر ئوردىدىكى پۈتكۈل ھوقۇقنى توغرۇل ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولدى. مەن قۇرۇق مىراپ بولۇپ قالدىم. ۋەزىرلەرمۇ توغرۇلنى قوللاۋاتىدۇ. ئوردىنىڭ ئىشلىرى خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالدى. مەن بارلىق ئۈمىدىمنى ساڭا باغلاپلا ئولتۇرغان ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلەلىگەن بولساڭ ھەممە ئىزىغا چۈشەتتى. ئايچىۋەرنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى توغرۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئايچىۋەر قايتىپ كېلەلمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شاھلىق ئورنىغا ئولتۇرماقچى بۇ قارا نىيەت خانلىقنى ۋەيران قىلىدىغان بولدى.،ــ ئابدۇراھمان ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.

ئوردىغا قۇبۇلغا چىقىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ يۈر بىللە چىقايلى. توغرۇلنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمايمىزمۇ؟،ــ ئۇ ئارسلاننىڭ مۈرىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويدى.

ئىككەيلەن ئوردىغا قاراپ ماڭدى.









(18)

ئايچىۋەر بىلەن ئەركىن ئەتراپنىڭ ياپ-يېشىل گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ قىزىق پاراڭلارنى قىلىشىپ مېڭىۋاتاتتى. ئاتلار ئۆز مېڭىشىدا ئالدىرىماي ماڭماقتا. ئەركىن ئوچۇق-يۇرۇق خۇشچاخچاق يىگىت ئىدى. ئۇ ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان سۆزلەرنى توختىماي قىلىپ ئايچىۋەرنى تولا كۈلدۈرۈپ ھاردۇرىۋەتتى.

ئەركىن، سىز نېمىشقا بۇ ئادەم يوق ئورمانلىقتا يالغۇز ياشايسىز؟ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز يوقمۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ ئەركىن توغرۇلۇق ھەممىنى بىلگۈسى بار ئىدى.

ئانام مەن كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئاتام ئون يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئون سەككىز ياشتا بار ئىدىم. مېنى ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى ئوسمان ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ چوڭ قىلدى.مەن يىگىرمە ياشقا كىرگەن يىلى بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلى چىقىپ كېتىپ مۇشۇ ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئاتام چامباشچىلىقتا ماھارىتى كامالەتكە يېتىپلا قالماي يەنە تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋرى بار ئىدى. ئۆزى دورىلارنى ياساپ ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەنلەرنى داۋالايتتى. مەنمۇ دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئانچە-مۇنچە ئۆگىنىۋالغانلىرىم بويىچە بۇ ئورمانلىقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قۇرۇتۇپ ئەتراپتىكى كەنىتلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتىمەن. مەن بۇ ئورمانلىقتا تۇرۇۋاتقىلى بەش يىل بولدى. بەزىدە سىزدەك ئورمانلىقتا ئېزىپ قالغانلار ئۇچرىمىسا بۇ قۇيۇق ئورمانغا ھېچكىم كەلمەيدۇ، يالغۇز ياشاشقا كۆنۈپ قاپتىمەن.،ــ ئەركىن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ.

ئوسمان ئاكىڭىز سىزنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپتىكەنغۇ نېمىشقا ئۆينى تاشلاپ يېنىپ چىقتىڭىز؟

ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگۈم يوق، ئۇ بىر ئاچچىق ئەسلىمە خالاس. مانا دورا يىغىدىغان يەرگىمۇ كېلىپ قاپتۇق،ــ ئەركىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.

ئايچىۋەر ئەركىن كۆرسىتىپ بەرگەن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يىغدى. ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن خالتىلار توشتى. ئىككەيلەن خالتىلارنى ئاتقا ئارتىپ كەلگەن يولى بويىچە قايتىشتى. ئەركىننىڭ ياغاچ ئۆيىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا ئەركىن ئېتىنى توختاتتى.

سىزگە كۆرسىتىدىغان نەرسىنىڭ يېنىغا ئاپىراي،ــ ئەركىن ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ يان تەرەپكە ماڭدى. ئايچىۋەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئايچىۋەر شۇنچە سىرلىق قىلىۋەتكىدەك زادى قانداق نەرسىدۇ دەپ بەكلا قىزىقىۋاتاتتى. ئىككىسى بىردەم ماڭغاندىن كېيىن چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. بۇ دەرەخ بەكلا ئېگىز ئىدى. بەلكىم بۇ ئورمانلىقتا بۇنىڭدەك ئېگىز دەرەخ تېپىلماسلىقى مۇمكىن. دەرەخكە ئارغامچىدا ئەشمە قىلىپ ياسىغان شوتا ئېسىلغانىدى. دەرەخنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئۈستى ھەممە تەرىپى ياغاچ تاختايلار بىلەن ئېتىلگەن كىچىك بىر ئۆي بار ئىدى.

ئورمانلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغۇڭىز بارمۇ؟ بۇ يەرگە چىقسىڭىز ئورمانلىقنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيسىز بەكلا چىرايلىق، سىز ئۆمرىڭىزدە بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرۈپ باقمىغان. ئەشمە شوتا بىلەن ئۈستىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالسىڭىزلا،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قەستەن تېرىكتۈرۈۋاتاتتى.

ھىم، مېنى مۇشۇ دەرەخكە چىقىشقا قورقىدىغان مىشچان قىز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ قاراپ تۇرۇڭ! ناھايىتى تېزلا بۇ دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولىمەن،ــ دېدى ئايچىۋەر تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.

ياخشىغۇ، ئەمىسە سىز ئاۋۋال چىقىڭ، كەينىڭىزدىن مەن چىقاي.

ئايچىۋەر چاققانلىق بىلەن شوتىغا يامىشىپ يېرىمىغا چىقىپ بولدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەركىنمۇ چىقىشقا باشلىدى. ئايچىۋەر ئاخىرى چىقىپ بولدى كىچىك ياغاچ ئۆيگە كىرىپ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ چىقىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كەلدى.

قانداق؟ مەن سىز ھەيران قالغىدەك ئېسىل سوۋغا دېگەن ئىدىمغۇ راستمىكەن؟ ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بىكار بولغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ يەرگە چىقىپ ئەتراپنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە قارىسام روھىم كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىم ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەرنى مېنىڭ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدىغان «مەنزىرە راۋىقىم» دېيىشكە بولىدۇ.،ــ ئەركىن غۇلاچلىرىنى يېيىپ ئەتراپنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى.

پاھ، نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرە دۇنيادا بۇ ئورمانلىقتىنمۇ چىرايلىق يەر بارمىدۇ؟ پۈتۈن دۇنيانىڭ يېشىللىقى ۋە گۈزەللىكى مۇشۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەندەكلا ھە؟! توغرا دەپسىز، مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ساپ ھاۋانى تۇنجى كۆرۈشۈم. مېنىڭمۇ سىزدەك ئورمانلىقتا ياشىغۇم مۇشۇ كىچىككىنە راۋاقتا ھەر كۈنى ئەتراپنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، بۇ بىر ئارزۇ خالاس.،ــ بىردىنلا ئايچىۋەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.

ئەخمەق قىز، بۇ تەس ئەمەسقۇ سىزمۇ مۇشۇ ئورمانلىقتا قېلىڭ. شۇندىلا ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيسىز.،ــ ئەركىن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا چىقىپ كەتكەن بۇ سۆزىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى.

سىز مېنى چۈشەنمەيسىز، ئاتام يېقىندا قازا قىلدى. مېنىڭ زىممەمگە نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈكلەنگەن ھېلىمۇ مەن يوق نەچچە كۈندىن بېرى نېمە ئىشلار يۈز بەردى ئۇنى بىلمەيمەن. راست گەپ قىلسام مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم. ھەممە ئىشلارنى تاشلاپ مېنى ھېچكىم تاپالمايدىغان بىرەرسى ئاۋارە قىلمايدىغان مۇشۇ ئورمانلىقتا سىزدەك تەنھا ياشىغۇم بار.،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە قارىدى ئىككەيلەننىڭ كۆزى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىۋېدى ھەر ئىككىلىسى نىمىشقىدۇر بىر خىل جىددىيلىشىپ كەتتى.

قايتامدۇق؟ ۋاقىتمۇ خېلى يەرگە بېرىپتۇ،ــ ئەركىن جىددىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن گەپنى بۇرىدى.

بولىدۇ قايتايلى.

ئىككەيلەن تېزلا پەسكە چۈشۈپ ئاتلىرىغا مىنىپ ئۆي تەرەپكە ماڭدى.

ئەركىن، مەن ئەتە قايتايمىكىن؟ ئۆيۈمدىكىلەر مېنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كەتتى ھەقىچان، سىزنىمۇ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

مەن ئاۋارە بولمىدىمغۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ماڭا مۇڭداش بولدىڭىز، مەندەك ئورمانلىقتا يالغۇز ياشاۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى غەنىمەت. قايتىپ بېرىپ ئېتىڭىزغا ياخشىراق يەم بېرىپ قوياي، ئەتە يولدا سىزگە جاپا سالمىسۇن.

ئەتىسى ئايچىۋەر ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ مېڭىش تەييارلىقنى قىلاي دەپ سىرتقا چىقىۋېدى ئەركىن ئۇنىڭ ئاتلىرىنى جابدۇپ ھەممە تەييارلىقلارنى تەق قىلىپ قويغانىدى.

سىزنى بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋالسۇن دېدىم. خېلى يول ماڭىسىز تېخى تولۇق ساقايمىدىڭىز يولدا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ!،ــ دېدى ئەركىن ئاتنىڭ ئىگىرىنى ئوڭشىغاچ.

سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ چوقۇم دىققەت قىلىمەن. ئەمىسە مەن ماڭاي،ــ ئايچىۋەر ئېتىغا مىندى.

خوش ئەركىن ئامان بولۇڭ!

سىزمۇ ئامان بولۇڭ!

ئايچىۋەر ئېتىنى دىۋىتكىنىچە ماڭدى.

ئايچىۋەر، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنسىڭىز ھەر قانداق ۋاقىتتا كەلسىڭىز سىزنى قارشى ئالىمەن.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.

ئايچىۋەر چۈشەندىم دەپ بېشىنى لىڭشىتتى،ـ دە ئېتىغا قامچا ئۇردى







(19)

ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلان ئوردىغا كىردى. ئوردىدا توغرۇل تەخىتنىڭ سول يېنىدىكى ئورۇندا مەغرۇرلۇق بىلەن ئولتۇراتتى. ئابدۇراھمان تەخىتنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ھەممەيلەنگە ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. ئابدۇراھمان كېڭىشىدىغان ئىشلار بارمۇ دەپ ئېغىز ئېچىشقا تەمشىلىۋېدى ئۇنىڭغىچە توغرۇل گەپ قىلدى.

ئارسلان، ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلەلىدىڭمۇ؟ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

ياق، ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى ئايچىۋەرنى تاپالمىدىم. ئەمما ئۇنى چوقۇم تاپىمەن.،ــ ئارسلان توغرۇلغا نەپرەت بىلەن تىكىلدى.

ئايچىۋەرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ گۇماندار سەن، ئۇنى قوغداشقا سەن مەسئۇل بولۇپ چىقىپ كەتكەن. نېمىشقا ئايچىۋەر بۈگۈنگىچە تېپىلمايدۇ؟ بۇنىسى كۆڭلۈڭگە ئايان. سەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ. نىران خانلىقى باشپاناھىسىز تۇرىۋەرسە بولمايدۇ. ئەگەردە يەنە ئىككى كۈنگىچە ئايچىۋەر تاپالمايدىكەنسەن مەن ھەممە ئىشلارنى ئۆزۈم بىلىپ ئورۇنلاشتۇرىمەن.،ــ توغرۇل بىر ئاماللارنى قىلىپ ئارسلاننى قارىلاپ كۆزدىن يوقىتىشقا تىرىشىۋاتاتتى.

توغرۇل، بولدى قىل! يەنە شۇنداق كاپشىيدىغان بولساڭ ئېغىزىڭنى بىر يولىلا يۇمدۇرۇۋېتىمەن، ئايچىۋەرگە كىمنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى پۈتكۈل ئوردا ئەھلى بىلىدۇ، ئۆزۈڭنى قانچە ئاقلىغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار! سەن ھەرگىز مەقسىتىڭگە يېتەلمەيسەن،ــ ئارسلان دەرغەزەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

ئوردىدىكى ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئابدۇراھمان ئارسلاننىڭ ئۆيىگە ماڭدى. ئۇ ئىشىكنى چەكمەيلا ئېچىپ كىردى. ئارسلان كارىۋاتتا تورۇسقا تىكىلگىنىچە ياتاتتى.

نېمىنى ئويلاۋاتىسەن؟،ــ ئابدۇراھمان كارىۋاتنىڭ يېنىغا ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئولتۇردى.

ئايچىۋەرنى، ئۇ نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ ئايچىۋەرنى يەنە ئىككى كۈنگىچە تاپالمىسام توغرۇل دېگەن قارا نىيەت ھەركىتىنى باشلايدۇ.،ــ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئابدۇراھمانغا ئۇدۇل ئولتۇردى.

مەنمۇ ھازىر نېمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.

قېنى ۋاقتى كەلسۇن، توغرۇلنى ھەرگىز مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈزمەيمەن،ــ ئارسلان مۇشتۇمىنى تۈگدى.

بولىدۇ ئوغلۇم، مەن چىقاي سەنمۇ ئارام ئالغىن! قالغان ئىشلارنى ئەتە بىر نەرسە دېيىشەيلى،ــ ئابدۇراھمان چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى سەھەر ئارسلان كونا ئادىتى بويىچە ئاتخانىغا ئاتلارنى كۆرۈشكە كەلدى. بۈگۈن ئوردىغا كىرىشكە رايى بارمىدى. ئۇنىڭ توغرۇلنىڭ قەبىھلىك قاپلاپ كەتكەن چىرايىنى كۆرگىسى يوق ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە ئايچىۋەرنى تولا ئەكىلەتتى. ئىككىسى ئاتلارغا يەم بېرەتتى ئاتلارنى تاماشا قىلاتتى. ئارسلانغا خۇددى يېنىدا ئايچىۋەر باردەك ئارسلانغا شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋىدىن ئايچىۋەرنىڭ « ئارسلان ئاكا» دېگەن سۆزى ئاڭلانماقتا. ئۇ بوينىدىن ئايچىۋەر سوۋغا قىلغان تاشنى ئالدى ھېلىقى كۈندىن باشلاپ بۇ تاشنى بوينىغا ئېسىۋالغان ئىدى. ئايچىۋەر دېگەن سۆزنى كۆرۈپ قەلبى شۇررىدە قىلدى. كەينىدە بىرسى باردەكلا ھېس قىلىپ بۇرۇلۇپلا كەينىگە ئۆرۈلدى. ئايچىۋەر ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئارسلان ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ دېگەندەك دىققەت بىلەن يەنە بىر قارىدى راستىنلا ئايچىۋەر ئىكەن.

ئارسلان ئاكا،ــ ئايچىۋەر ئارسلانغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە. ئارسلان ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغاچ يېشىنى سۈرتتى.

ساق-سالامەتكەنسىز بەكلا خۇشال بولدۇم. مەن ئەمدى سىزنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم.،ــ ئارسلان يېشىنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.

يەيدىغان رىسقىم بار ئوخشايدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم.

سىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى پەقەتلا تاپالمىدىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نەلەردە يۈردىڭىز؟،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنى ئاتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.

سۆزلەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن كىيىكنى قوغلايمەن دەپ سىلەردىن ئايرىلدىم. كىيىكنى قوغلاۋېرىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىپتىمەن. شۇ ئەسنادا كىيىكمۇ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى. ئەمدى كەينىمگە قايتاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر نەچچە ئادەم پەيدا بولۇپ ماڭا قول سالدى مەن ئۇلاردىن قېچىپ ماڭدىم. كېيىن ئوقيا تەگدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىلەيمەن. كۆزۈمنى ئاچسام بىر ياغاچ ئۆيدە يېتىپتىمەن.،ــ ئايچىۋەر كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئارسلانغا سۆزلەپ بەردى.

ھېلىمۇ ياخشى سىزنى قۇتقۇزىۋالغان يىگىتكە ئۇچراپ قاپسىز، بولمىسا بۇ ئىپلاسلار سىزنى ئۆلتۈرمىگىچە بولدى قىلماسكەن. ئۇ يىگىت شۇنچە چوڭ ئورمانلىقتا ئۆزى يالغۇز ياشامدىكەن؟ غەلىتە ئىشقۇ بۇ؟!،ــ ئارسلان ئۇنىڭدىن سەل گۇمانلاندى.

ئەركىن ئۆزى توغرۇلۇق ئازراقلا سۆزلەپ بەردى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەيمەن. ئوردىنىڭ ئىشلىرى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.

ئەگەردە سىز يەنە ئىككى كۈنگىچە قايتىپ كەلمىگەن بولسىڭىز توغرۇلنىڭ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. سىز قايتىپ كەلدىڭىز ئىشلار ئىزىغا چۈشىدۇ. بىز دەرھال ئوردىغا بارايلى.

ئىككەيلەن ئوردىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.







(20)

ئوردىدا ۋەزىرلەر دۆلەت خەزىنىسىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ تۇلۇقلاش توغرۇلۇق مەسلىھەت قىلىۋاتاتتى. جاكارچىنىڭ «ئايچىۋەر مەلىكە قايتىپ كەلدى» دەپ توۋلىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىۋەتتى. ھەممە ئوردا ئىشىكىگە كۆز تىكتى. ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن ئەتە شاھلىق تەختىنى قولۇمغا ئالىمەن دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتكەن توغرۇل ئولتۇرغان يېرىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتى.

ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان ھەممەيلەنگە كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ۋەزىرلەر بىر ئېغىزدىن مەلىكىنىڭ ساق قايىتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئابدۇراھمان خۇشاللىقىدا «كەل، قىزىم» دەپ ئايچىۋەرنى قۇچاقلىدى ۋە تەخىتتە ئولتۇرغۇزدى. توغرۇل بولسا غەزەپتىن يېرىلاي دەپ قالغان بولسىمۇ چاندۇرماي «سىڭلىم،تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىڭنى تەبرىكلەيمەن!» دەپ ئايچىۋەر بىلەن سالاملاشتى.

شۈكرىلەر بولسۇن! ھەممىڭلار ياخشى تۇرۇپسىلەر. مەن قايتىپ كەلدىم ئىشلار بۇرۇنقىدەك ئۆز رېتى بويىچە بولىدۇ. بۈگۈنكى كېڭەش مۇشۇنچىلىك بولسۇن، قالغان ئىشلارنى ئەتە دېيىشەيلى. قايتساڭلار بولىدۇ.،ــ ئايچىۋەر ھەممەيلەنگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قايتىشقا ئىجازەت بەردى.

ئوردىدىن ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قايتىپ چىققان توغرۇل ئۆيىگە قايتىپلا ئابباسنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئابباس ئۇزاق ئۆتمەي ئالدىراپ-تېنەپ يېتىپ كەلدى. توغرۇلنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىدى.

ۋۇ كالۋا، سەن ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دېگەن ئىدىڭغۇ بۈگۈن ئايچىۋەر قايتىپ كەپتۇ. مېنىڭ ھەممە پىلانلىرىم سەن ئەخمەقنىڭ قولىدا سۇغا چىلاشتى،ــ توغرۇل ئابباسقا نەپرەت بىلەن قاراپ.

بۇ،بۇ،… «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئاتامانى ئوسمان ئايچىۋەرنى ئادەملىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى دېگەن ئىدى. مەن دەرھال سۈرۈشتۈرەي. شاھزادە پەقەتلا ئاچچىقلانمىسىلا بۇ قىزنى چوقۇم كۆزدىن يوقىتىمىز،ــ ئابباس كېكەچلەپ.

ماڭ! دەرھال «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنى تاپ! چالا قىلغان ئىشلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرسۇن. ئايچىۋەرنى كۆزۈمدىن يوقاتسۇن! ئۇنى ئەمدى كۆرۈشنى خالىمايمەن. ئايچىۋەرنى كۆزدىن يوقاتماي تۇرۇپ سەنمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما!،ــ توغرۇل يوقال دەپ ئابباسقا ئىشارەت قىلدى. ئابباس يەرنى سۆيگىدەك بولۇپ كەينىچە چىقىپ كەتتى.

ئۇ توغرۇلنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئوسماننى ئىزدەپ باردى. ئوسمان ئۆيىنىڭ كەينىدىكى بېغىدا ئادەملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتاتتى. ئابباسنى كۆرۈپ ئادەملىرىگە مەشىق قىلىۋېرىڭلار! دەپ ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ئوسمان سەن مېنى كولدۇرلىتىۋاتامسەن؟ مەن ساڭا دەپ قوياي مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن. مېنى يەنە مۇشۇنداق ئالدايدىغان بولساڭ ماۋۇ بوينۇڭنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنى قولتۇقۇڭغا قىستۇرۇپ قويىمەن چۈشەندىڭمۇ؟،ــ ئابباس ئوسماننى يەۋەتكىدەك بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىدى.

نېمە ئىش بولدى؟ مەن چۈشەنمىدىم؟،ــ ئوسمان گاڭگىراپ قالدى.

تولا خۇپسەنلىك قىلما! مەن ساڭا تاپشۇرغان ئىشنى ئورۇندىماپسەن. بۈگۈن ئايچىۋەر قايتىپ كەپتۇ. شاھزادە توغرۇل تاس قالدى كاللامنى ئالغىلى،ــ ئابباس ئوسمانغا ئالايدى.

مەن بۇ ئىشقا ئىشەنچىلىك ئادەملەرنى ئەۋەتكەن ئىدىم. مەن قايتا بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقاي.

نېمە ئۇ سۈرۈشتۈرۈش دېگەن ئىشنى دەرھال ئورۇندا ئايچىۋەرنى كۆزدىن يوقاتمەيدىكەنسەن سەنمۇ بۇ شەھەردە خاتىرجەم ياشايمەن دەپ خام خىيال قىلما! ئايچىۋەرنى جايلىۋېتىپ بولۇپ ئاندىن مېنى ئىزدە!،ــ ئابباس قولىنى شىلتىگىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئوسمان بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئەۋەتكەنلەرنى ئۆيگە چاقىرتىپ كىردى.

سىلەر ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دېگەن ئىدىڭلار. ئۇ ئۆلمەپتۇ، ماڭا راست گەپ قىلىڭلار،ــ ئۇ سىلىق-سىپايىلىق بىلەن سورىدى.

بىز ئاتقان زەھەرلىك ئوقيا ئۇنىڭغا تەگكەن ئىدى. بىز ئۇنى ئۆلدى دەپ ئويلىغان،ــ دېدى ھېلىقى ئەركىنگە شەمشەر سالغان ئادەم.

ماڭا قارا، يالغان سۆزلىمە راست گەپ قىلغىن!

بىز ئۇ قىزغا ئوقيا ئاتتۇق ئوق ئۇنىڭ مۆرىسىگە تەگكەن ئىدى. بىز ئۇنى قوغلاپ بېرىپ ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتەيلى دەپ يېتىشىۋالاي دېگەندە سىزنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشىڭىز قاسىم ئاكىنىڭ ئوغلى ئەركىن نەدىن پەيدا بولدى بىزلەرنى توسۇۋالدى. بىز بىردەم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشتۇق، سىزمۇ بىلىسىز بىزنىڭ ماھارىتىمىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان بولساقمۇ ئۇ ھەممەيلەننىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىنى قايتۇرۇۋەتتى بىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدۇق. كېيىن قايتىپ كېتىڭلار ئۆز مەزھەپداشلىرىمغا زىيان يەتكۈزگۈم يوق بىر بىگۇناھنى ئۆلتۈرمەڭلار. قايتىپ بېرىپ ئاتامانغا بۇ قىزنى مېنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىمنى ئېيتىڭلار دېدى. بىز شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلدۇق، ھەم سىزنىڭ جازالىشىڭىزدىن قورقۇپ ئۇ قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دەپ قويغان.

ئەركىن تېخىچە ھاياتكەندە؟! مەن ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلاپتىمەن.،ــ ئوسماننىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى.

سەن ياراملىق يىگىتلەردىن نەچچىنى باشلاپ بېرىپ ئاۋۋال ئەركىننى جايلىۋەت! ئاندىن ئايچىۋەرنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىل! بۇ قېتىم يەنە بىخەستىلىك قىلىدىكەنسەن مەندىن ياخشلىق كۆرمەيسەن،ــ دېدى ئوس



مان غەزەپ بىلەن.


داۋامى بار…

مەنبە:جۇلالىق



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 10:53 AM  


بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ئاز يوللىدىڭىز ؟   تازا ياخشى يېرىگە كەلگەنتى ئەمدى .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:16:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يازاسىز؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:36:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە داۋامىنى تىزراق يوللارسىز.

مۇنبەردە ئادەم بەكلا ئازغۇ؟

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:43:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 558 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:44:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rehmet

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز قېرىندىشىم،داۋامىنى كۈتىمەن.

مېھرىماھ

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۈچۈن  جاپا چەكتىڭىز  قېرىندىشىم ، ھارمىغايسىز !

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:55:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇپرەك كۇپرەك يۇللاڭ، ئىسىل ئەسەركەن ماۋۇ.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100874
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 12:25:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             بېر كىنو كۇرگەندەكلا بولۋاتىدۇ ،  ھەي يەنىلا ئىلگىرىكى ئۇرۇشلا ئىسىلكەنتۇق ، ئەخلى ،كۇچى بارلار ھۇكۇم سۇردىغان ، جەڭنى ھەقىقىي ئەركەكتەك قىلدىغان ، ھازېرقىدەك تىخنىكىسىغا تاينىپلا بېسىۋالماي  ، شۇنداق  ھەقىقىي جەڭ قىلسا كىشى ھەقىقەتەن قايىل بولىدۇ ، دە . ئۇتتۇرسىمۇ !
   بوۋامنىڭ قېلىچىنى ھەر قېتىم ئالغىنىمدا ، جىسمىمغا بېر خىل كۇچ كىردۇ ، ئوزەمنى ناھايتى قۇدرەتلىك ھېس قىلىمەن ،  ئۇنىڭغا قارىسام كوز ئالدىمغا ئات چاپتۇرۇپ، قېلىچىنى ئوينۇتۇپ  كىلۋاتقان كوك تۇغلۇق ئەجدادلىرىم - نىڭ سىماسى ، ئۇرۇش قىلغاندىكى تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋازلار ، كوز ئالدىمغا كىلدۇ ، بەزىدە شۇ دەۋېردە ياشاپ قالسامكەن دەپمۇ قالىمەن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش