ھۆرمەت چاچقۇلىرى
(مۇۋەششەھ)
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
مەھەللىدىن مەركەزگىچە ئىزىڭ بار،
قەلبلەردە سۇلتانلاردەك يۈزۈڭ بار.
تارقىلىدۇ يېڭىلىقلار سەن بىلەن،
گېزىت، ئىكران، رادىيودا سۆزۈڭ بار.
ئۇچقۇر ئاياغ، ئۆتكۈر كۆزلۈك پالۋان سەن،
سۇلار كېچىپ، داۋان ئېشىپ ھارمايسەن.
لاۋۇلدايدۇ ۋۇجۇدۇڭدا چىن مېھىر،
كېچە-كۈندۈز ئەل دەردىگە دەرمان سەن.
خىيال قۇشۇڭ يەر- جاھاننى كېزىدۇ،
قەلىمىڭ چىن ھەقىقەتنى يازىدۇ.
ئەقلى ئويغاق شاھىنشاھ سەن تاجىسىز،
خىتابىڭغا ئالەم قۇلاق سالىدۇ.
باياۋانلار كېزىپ تاغلارئاشىسەن،
مول ھوسۇل شاد كۈيىگە كۈي قاتىسەن.
شەرەپ قۇچقان باھادىرلار شەنىگە،
ئالقىشلارنى چاچقۇ قىلىپ چاچىسەن.
ئىلھاملىرىڭ ئىرادىنى تاۋلايدۇ،
بارچە ئاۋام سەن بىلەن تەڭ چامدايدۇ.
ئارمانلىرىڭ ئارمانلارغا تىلەكداش،
كۈلسە ئەل-يۇرت دىلىڭمۇ تەڭ يايرايدۇ.
رىغبىتىڭدىن ئاشتۇق ئېگىز تاغ-داۋان،
بولدى ئىقبال مەنزىلىمىز تۈز-راۋان.
مۇجەسسەملەپ ئەل رايىنى دىلىڭغا،
ئۆرلە يۈكسەك چوققىلارغا ھەر زامان.
2014-يىل 8-نۇيابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-9 02:43 AM