مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋالايلى
(گۇلباھار ئەخمەت خانىمنىڭ قاراقاش ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلىگەن ‹‹ چوڭ تىپتىكى مىننەتدارلىق لىكسىيەسى›› فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن )
ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
2013-يىلى 5-6-ئاي مەزگىللىرى بولسا كېرەك،ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلىمدە سىنىپتا تورغا چىقىپ ئولتورۇپ،تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇرچە داڭلىق بىرنەچچە مۇنبەردە مىننەتدارلىق لىكسىيەسى توغرىسىدىكى تېمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ھەممە مۇنبەردە دېگۈدەك بۇ تېمىغا ناھايتى ياخشى ئىنكاسلار چۈشكەن ئىدى.بەزىلەر ھەتتا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنىمۇ يىزىشقان ئىدى.ئۆزۈممۇ ئەنە ئاشۇنداق تەسىرلىك،تەربىيۋىي ئەھمىيتى بىرقەدەر ياخشى دەپ قارىغان تۈرلۈك تېمىلاردىكى لىكسىيە فىلىملىرىنى ئاڭلاشقا ھەم يېغىپ ساقلاشقا ئامراق بولغاچقا ئىختىيارسىزلا مىنىڭمۇ بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ باققۇم كىلىپ تېمىدىكى ئۇلىنىشتىن فىلىمنى ئاچتىم.فىلىم ئۇزۇنلۇقى ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق بولۇپ ،سىنىپتا بېشىنى ئازراق كۆرگەن بولدۇم.بىراق سىنىپتا ئادەم جىق بولغاچقا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە تازا ياخشى كۆرگىلى بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن ياتاققا قايتىپ كىرىپ توردىن چۈشۈرۈپ كۆرەي دەپ توردىن چۈشۈردۈم.فىلىمنى توردىن چۈشۈرۈپ بولغىچە كەچ بوپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى چۈشتە تاماق يەپ بولۇپ،ياتاققا كىرىپلا فىلىمنى قويدۇم.ياتاقتا جەمئىي بەشەيلەن بار بولۇپ،ئۈچەيلەن كارۋىتىغا چىقىپ تىلفۇن ئويناش بىلەن ئاۋارە ئىدى.مەن يەنە بىر قەشقەرلىك ساۋاقدىشىم بىلەن ئىككىمىز فىلىمنى كۆرۈشكە باشلىدۇق.لىكسىيە فىلىمىنى كۆرۈۋىتىپ لىكسىيەنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمىز.بولۇپمۇ لىكسىيە مەزمۇنىغا ماس ھالدا كىرىشتۈرۈلگەن موڭ مۇزىكا ۋە ناخشىلار قەلبىي،ۋىجدانى ئويغاق ھەربىر ئىنساننى تەسىرلەندۈرمەي قالمايتتى.بىر چاغدا قارىساق باشقا ئۈچەيلەن بىزگە قاراپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ.‹‹ نېمە بولدى؟ ›› دېسەم ،ئۇلار‹‹ سىلەرگە قاراپ كۈلۈۋاتىمىز،قارىساق ئىككىڭلار يىغلاپ كىتىپتىكەنسىلەر، شۇنىڭغا كۈلگىمىز كەلدى›› دىيىشتى.شۇ چاغدا بۇنى كۆرۈۋاتقان ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق.دىگەندەك يىغىدىن كۆزلىرىمىز قىزىرىپلا كىتىشكەن،يۈزلىمىز ياش يۇقى تۇراتتى،بۇنى بىز ئۇقماپتۇق.دېمەك،بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ئاساستا تەسىرلىنىپ كۆزىمىزدىن ياش چىقىپ كىتىپتۇ.ئۇلارغىمۇ ئازراق چۈشەندۈرگەن بولدۇم،شۇنىڭ بىلەن داۋامىنى ھەممىمىز بىللە كۆردۇق.كۆرۈپ بولۇپ،تەسىراتلىرىمىزنى سۆزلەشتۇق.بۇ لىكسىيە شۇچاغدا ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلغان ئىدى.( شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاساسەن ئانامغا ھىچبولمىسا كۈنىگە بىر-ئىككى قىتىم تىلفۇن قىلىشنى ئادەت قىلىۋالدىم ).مەن شۇ چاغدا ‹‹ ئەگەر مەكتەپتە بوپ قالسام چوقۇم بۇ لىكسىيەنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا قويۇپ بىرەتتىم دىگەنلەرنى ئويلىدىم،شۇنىڭدىن كىيىنمۇ بىر نەچچە قىتىم كۆرگەن بولدۇم.ھازىرغىچە ئاز دىگەندە ئون قىتىمدىن ئارتۇق كۆرۈپ بولغاندىمەن،ھەرقتىم كۆرگەندە ئوخشاش ھىسىيات.يەنى ئۆزۈمنى ئەتراپىمدىكى باشقىلارنىڭ ،بولۇپمۇ ئاتا-ئانا ،ئۇستازلىرىمنىڭ ،قىرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا قىلغانلىرى ئالدىدا بەكلا قەرزداردەك ھىس قىلىدىغان بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ 2014-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشۇممۇ تۈگىدى.9-ئايدا ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كىلىپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم.ماڭا9-يىللىقلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ھەم مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات كۇرژۇك خىزمىتى تەقسىم قىلىنغان ئىدى.9-يىللىق 1-ماۋسۇم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى بىرىنچى بۆلەك نۇتۇققا ئائىت بۆلەك بولۇپ،شۇڭا دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ لىكسىيەنى قويۇپ بىرىش بىلەن باشلىدىم.بۇ لىكسىيە فىلىمنى كۆرۈپ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تەسىرلەنگىندىن كۆز يېشى قىلىپ كىتىشتى،ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلمىدى،مەن لىكسىيە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىپ ئاڭلىشى كىرەكلىكىنى،ئىنتىزام تەكىتلەنمەيدىغانلىقنى، بولمىسا كەيپىياتنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىپ لىكسىيەنىڭ تەسىرچانلىقىغا تەسىر يىتىدىغانلىقنى دىگەن بولغاچقا ئىنتىزاممۇ تەكىتلەپ كەتمىدىم.كىيىن بىر ئوقۇغۇچۇم ئۇنى كۆپ ۋاستە كارتىسىغا كۆچۆرۈپ بىرىشمنى،ئۇنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە يەنە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى، كۆچۈرۈپ بەردىم.
كىيىن يەنە پىلان بويىچە كۇرژۇكقا ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بىرىشنى ئويلىدىم.ئۇلارغا قويۇپ بىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا:‹‹ تىل-ئەدەبىياتقا،يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئەتراپىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى كۈزىتەلەيدىغان بولىشى، ئەتراپىدىكى ھەرقانداق شەيئىيلەردىن تەسىرلىنىشنى بىلىشى ،ھەم شۇ كۈزەتكەن،كۆرگەن،ئويلىغانلىرىنى،تەسىراتلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىشى كېرەك›› دەپ ئۇلارنى لىكسىيەنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم بىر پارچىدىن تەسىرات يېزىشى كىرەكلىكىنى،شۇڭا كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل كۆرۈشى كىرەكلىكىنى ئىيتتىم.ئوقۇغۇچىلارمۇ قىزىقىپ،كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ كۆردى.بىراق كۇرژۇك پائالىيەت ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا ئىككى قىتىمدا ئاران كۆرۈپ بولۇندى.مەنمۇ دائىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئولتورۇپ كۆردۈم.ھەر قىتىم كۆرگەندە تەسىرلەنگىنىمدىن كۆز يېشى قىلىپ كەتتىم.
ئۇنداقتا بۇ لىكسىيەنىڭ تەسىرچانلىقى زادى نەدە؟ مىنىڭچە ، بۇ لىكسىيەنىڭ ئەڭ زور تەسىرچانلىقى شۇ يەردىكى ،لىكسىيە مەزمۇنى ھەقىقەتەن تاللانغان،ھەم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلىپ تارىسىنى چىكەلىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى لايىھلەنگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر مەزمۇنغا ماس ھالدىكى كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكا ۋە ناخشىلارمۇ ئادەمنىڭ قەلپ تارىنى چەكمەي قالمايدۇ.
بۇ لىكسىيە نەخ مەيدانىغا قاراقاش ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار،شۇنداقلا بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار قاتناشقان ئىدى.لىكسىيە كەيپىياتى شۇقەدەر جانلىق ئىلىپ بىرىلدى.بىزلەر ئادەتتە مەكتەپلەردە لىكسىيە تەشكىللىسەك،لىكسىيە ئارلىقىدا بىر نەچچە قىتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى تەشكىللەشكە مەجبۇر بولاتتۇق.بىراق بۇ لىكسىيەدە پۈتۈن لىكسىيە جەريانىدا بىرەر قىتىممۇ ئىنتىزام تەشكىللىنىپ سالمىدى.
لىكسىيە بېشىدا ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە سۆزلەندى،ئاندىن جەمىيتمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مىننەتدارلىق تەربىيسىگە مۇھتاج بوپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەندى.گۇلباھار خانىم بۇ خۇسۇستا مۇنداق دەيدۇ:‹‹جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋىجدانىنى يوقتىپ قويىۋاتىدۇ.كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىپ،تۇرمۇشتىن نارازى بولۇشلار ئەۋج ئالدى.موشۇنداق شارائىتتا كۆڭۈللەرگە مىننەتدارلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ ھاياتىمىزنى يېڭى مەنەلەرگە ئىگە قىلىش،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار، ياش ئەۋلادلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھازىرقى دەۋرنىڭ جىددىي ئىھتىياجى ۋە زۆرۈر تەقەززاسى بوپ قالدى.شۇڭا بىز بۇ ‹‹ چوڭ تىپتىكى مىننەتدارلىق لىكسىيە پائالىيتى›› ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ لىكسىيەنى سۆزلەۋاتىمىز.››
دېمىسمۇ بىز ھەقىقەتەنمۇ موشۇنداق بىر مىننەتدارلىق تەربىيسىگە بەكمۇ مۇھتاج بوپ قالغان ئىكەنمىز.كىچىكلەرلا ئەمەس بەلكى چوڭلارمۇ شۇنداق.باشقىلاردىن ئىلىشنىلا بىلىپ،قايتۇرۇشنى،تەقدىم قىلىشنى،باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمىز.
بۇ يەردە ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەرمىلەر ژۇرنىلىدا كۆرگەن مونۇ ۋەقەلىك ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ: بىر بالا ئۆيىدىكىلىرىدىن خاپا بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ،كىيىن قورسىقى ئىچىپ كىتىپ بولالماي قالغاندا، بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى ئۇنىڭغا بىر قاچا تاماق ئىلىپ بىرىدۇ.بۇ بالا تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن تەسىرلىنىپ ھىلىقى ياخشى نىيەتلىك كىشىدىن مىننەتدار بولغان ھالدا ئۇنىڭغا رەھمەتلەرنى ئىيتىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشى ئۇنىڭغا:‹‹ بالام،مەن بىر قاچا تاماق ئىلىپ بەرگىنىم ئۈچۈن ماڭا موشۇنداق رەھمەت ئىيتىۋاتىسەن،داداڭ بىلەن ئاپاڭ سىنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدۇ،نىمە ئۈچۈن شۇلاردىن مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن رەنجىيسەن؟›› دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلىدۇ.بالا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ئورۇنسىز رەنجىگەنلىكىنى بىلىپ پۇشايمان قىلغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كىتىدۇ.
ئەتراپىمىزدا شۇ بالىغا ئوخشاش ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن بىزگە قىلغانلىرىغا مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئورۇنسىز رەنجىتىپ يۈرىۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللەتمەكتە يوق ئەكسىچە خىلى چوڭ بوپ تۇرۇپمۇ ،ئۇلارغا يەنە يۈكىمىزنى ئارتىپ ،جاپاغا سىلىپ ئۆزىمىز ئويناپ يۈرىۋاتقانلىرىمىز زادى قانچىلىك؟ ھەتتا بالا باققانغا تويغۇزۇپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى،كۆزلىرىنى ياشلاپ يۈرىۋاتقانلىرىمىز زادى قانچىلىك؟...
ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇشقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنى باھالاتقۇزۇپ،پۇزۇتسىيەنى توغۇرلاش توغرىسىدا سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىنى مىسالغا ئىلىپ تۇرۇپ سۆز قىلدى ھەم بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگۈنۈشكە ،ھەم ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە يىتەكلىدى.
( لىكسىيە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش،لىكسىيەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيتىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن بەزى سوئاللارمۇ سورىلىپ تۇردى).
ئاندىن مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپىق) روھى مىسال ئىلىنىش ئارقىلىق مەيداندىكىلەرگە مىللىي روھ توغرىسىدا تەربىيە بىرىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ بىر مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەلۇم بىرخىل روھ بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيالمايدۇ،ئەگەر بىر ئادەمدە مەلۇم بىرخىل روھ بولمىسا ئۇ مەڭگۈ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالمايدۇ››.
ئۇ يەنە بىر قىتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەردىن پەقەت بىرلا ئادەم قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنىپ،بىرلا قارا تەنلىك بالىنىڭ قاتناشقانلىقى ،ئۇ بالىنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ،قارا تەنلىكلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ھىچكىمگە يول بەرمەي يۈگرەۋتقاندا تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ مەيدانغا ئەينەك بوتۇلكا تاشلىشى بىلەن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغانلىقى،شۇنداقتىمۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ،گەرچە كەينىدە قالغان بولسىمۇ مىللىتىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن يىقىلىپ قوپۇپ يەنە يۈگرەپ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىپ قانسىرىغان ھالەتتە ئاخىرقى پەللىگە يىتىپ بىرىپ رىياسەتچىدىن تارتىپ تاماششىبىنلارغىچە تەسىرلەندۈرۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ۋەقەلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك،مىللىي روھ توغرىسىدا تەربىيە بىرىلدى.چۈنكى ھىلىقى قارا تەنلىك بالىنى توختىماي شۇ ھالەتتىمۇ يۈگرەشكە ئۈندەۋاتقىنى ئۇنىڭ قەلبىدىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ۋەتەن مۇھەببىتى،جىسمىنى ھەركەتلەندۈرۋاتقىنى بولسا ئۇنىڭ مىللىي روھىي ئىدى.ئۇ مىللىتىنىڭ روھىنى يۈدۈپ كىتىۋاتاتتى.مانا بۇ ھەقىيقى ۋەتەنپەرۋەرلىك.مانا بۇ قەدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك مىللىي روھ!
ئاندىن يەنە بىر مەسەل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ :‹‹ بالام،ياخشى ئوقۇغىن،كەلگۈسىدە چوقۇم ئەسقاتىدۇ .›› دىگەن يالقۇنلۇق نىدالىرىغا قۇلاق سىلىپ،ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ،ياخشى ئۈگۈنۈش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلدى.ھەم ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ تارتقان ۋە تارتىدىغان جاپالىرى سۆزلىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۇستازلارنىڭ قەدرىگە يىتىش،ئۇلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسدا ئەمەلىي،جانلىق مىساللار سۆزلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بىرىلدى.
ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى سۆزلىنىش ئارقىلىق ئوغۇچىلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،ئىلىم مەرىپەت ئىگەللەشكە،مەكتەپنى،مائارىپنى سۆيۈشكە چاقىردى.ئاندىن مەكتەپكە ئامالسىز ،زورىغا كىلىدىغان،مەكتەپتىن قاچىدىغان،ئۈگىنىش قىلىشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش،ئىزدىنىش،ئەقىل كۆزىنى ئىچىش،ئۆزلۈكىنى تىپىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلدى.
مەكتەپلەرنىڭ شارائىتنىڭ ياخشىلىقى،شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى موشۇ ئەۋزەل شارائىتنىڭ قەدرىگە يېتىپ،ياخشى ئۈگۈنۈش،ئەۋزەل شارائىتتىن مىننەتدار بولۇش،ياخشى ئوقۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانا،ئۇستازلىرى،شۇنداقلا ۋەتەن-مىللەتكە،خەلقكە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىندى.
ئاندىن كىيىنكى لىكسىيە پائالىيەت باسقۇچىغا قەدەم قويدى.بۇ پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرلىكتە بىر-بىرسىنىڭ قەلپ دۇنياسىغا چۆكۈش ئارقىلىق ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئۇلۇغلىقى ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق ھىس قىلدۇرۇلدى.ھەم ئوقۇغۇچىلارنى سەھنىگە چىقىپ،ئاتا-ئانا ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئىيتىشقا،مىننەتدارلىق ھىسىياتلىرنى ئەمەلىي ھەركەتلەر،گەپ سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە يىتەكلەندى.
پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تەسىرلەنگىنىدىن كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قىلىشتى،ئوقۇغۇچىلار يىغلىشىپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىلىرىغا،ئۇستازلىرىغا مىننەتدارلىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەشتى.ئاتا-ئانىلارمۇ ئوقۇتقچى-ئۇستازلارغا بولغان مىننەتدارلىق ھىسىياتىنى تەسىرلىنىپ تۇرۇپ بىلدۈرۈشتى.
ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلارغا چىن دىلىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بىرىشكە يىتەكلەندى.
قىسقىسى،پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار،ئاتا-ئانىلار،ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ھەرقايسىسنىڭ قەلبى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ،ھەممىسى كۆز يېشى قىلىشتى.بەلكىم شۇ مەيداندا كۆز يېشى قىلمىغان بىرمۇ ئىنسان قالمىغان بولسا كېرەك.
گۇلباھار خانىم لىكسىيەسىنى تۆۋەندىكى چاقىرىق ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇردى:‹‹ مېھرى-مۇھەببەت ئەتراپىمىزدا ،ئۇ ئىپادىلىنىشكە مۇھتاج.بۈگۈن ئوقۇغۇچىلار كۆز يىشى قىلدى، ئاتا-ئانىلار كۆز يېشى قىلدى ،ئوقۇتقۇچىلار كۆز يېشى قىلدى.( موشۇ يەرگە كەلگەندە ھەتتا بۇ تەسىراتنى يىزىۋىتىپمۇ مەنمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتىمەن).ھاياجان ۋە تەسىرلىنىشنى مەڭگۈگە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك،مەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن بۈگۈنكى ھاياجانلىق، تەسىرلىك مىنۇتلارنى ھەردائىم ئىسىدە مەھكەم تۇتۇپ،دىللىرىنى مىھرى-مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇپ ،قەلبىدىكى كىرلەرنى يۇيۇپ،باشقىلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.ھەممىمىز مېھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاج.ھاياتىمىز مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن،قەلبىمىز مىننەتدارلىق ھىسلىرى بىلەن شادلانسۇن››.
پۈتكۈل لىكسىيە جەريانىدا ھەممىسى لىكسىيەگە ئەستايىدىل بولدى.ھەتتا پائالىيەت جەريانىدىمۇ ھىچكىم كۈلمىدى.
بۇ لىكسىيە فىلىمى كىيىن ئىرپان شىركىتى تەرىپىدىن سۈزۈك نۇسخسى رەسمىي نەشىر قىلىنىپ بازارغا سىلىنغان.مەن ۋىجدانى،ئەقلى ئويغاق ھەربىر كىشىنىڭ بولسا بۇ فىلىمنى سىتىۋىلىپ،ئائىلىسىدە پەرزەنتلىرى بىلەن بىر قىتىم كۆرۈپ بىقىشىنى،مەكتەپلەرنىڭ ئىمكانىيەت يار بەرسە شۇ گۈلباھار خانىمنى مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىپ شۇ لىكسىيەنى قايتا سۆزلەپ بىرىشىنى،تەكلىپ قىلىش ئىمكانىيتى بولمىسا موشۇ لىكسىيە فىلىمنى سىتىۋىلىپ بولسىمۇ مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بىر قىتىم بولسىمۇ قويۇپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەن بۇ لىكسىيەنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ تا ھازىرغىچە مىننەتدار بولۇشقا تېگشىلىك ئىشلاردىن مىننەتدار بولماي ،ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋاتقىنىمدىن،خۇددىي باشقىلارنىڭ مەن ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىلىپ بىرىش مەجبۇرىيتى باردەك ئويلاپ،بىپەرۋا يۈرىۋاتقىنىمدىن شۇنداق نۇمۇس قىپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى،مىللەتنىڭ زىيالىيسى تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنىڭ نىمىدىن، قانداق مىننەتدار بولۇشنى بىلەلمەي يۈرىۋاتقىنىمدىن تولىمۇ، تولىمۇ نۇمۇس قىپ كەتتىم.
ئەي ئەزىز قىرىنداشلىرىم،باشقىلارغا قولىمىزدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلايلى،ھەم باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرىدىن مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋالايلى.ھەممىمىز مىننەتدارلىق ئۇرۇقلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا تېرىپ،كۆپەيتىپ،دۇنيانى ھەقىيقى مېھرى-مۇھەببەت دۇنياسىغا ئايلاندۇرايلى. دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.ھاياتىمىز مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن،قەلبىمىز مىننەتدارلىق ھىسلىرى بىلەن شادلانسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 01:12 PM