مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 792|ئىنكاس: 14

ئۇستازھەققىدە ئىككى شىئېر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:59:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  




  گۆھەردەك خىسلىتىڭ  ئۇستاز



بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ ئۇستاز،
يوق شۇڭا تۆھپەڭگە مىننىتىڭ ئۇستاز.

ھەممە دەر ئوقۇتۇش جاپالىق خىزمەت،
لېكىن ساڭا راھەت قىسمىتىڭ ئۇستاز.

راست ئىكەن ئالتۇننى زەرگە بىلىشى،
ئالىمغا بىلىنەر قىممىتىڭ ئۇستاز.

چەكتىن ئاشسا خىزمىتىڭ ھار ئالمىدىڭ،
جاپالىق خىزمەتتە قات-قېتىڭ ئۇستاز.

چۈنكى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشىڭ كۆپ،
ئىش بىلەن تولىدۇ كۆپ قېپىڭ ئۇستاز.

ئوقۇتۇش ئۈنۈمسىز يالماپ باشقا ئىش،
چېلىنماس ھەسرەتلىك شۇ دېپىڭ ئۇستاز.

يەنىلا پاك سۆزلەپ پاك ياشاپ كەلدىڭ،
پاك ياشاش بوپ كەلدى خىزمىتىڭ ئۇستاز.

«ئاق» قايسى؟«قارا»ھەم بىلمەيتى ئەۋلاد،
ئەۋلادقا بىلدۈرگەن ھىممىتىڭ ئۇستاز.

ئەۋلادى مىللەتنىڭ تەقدىرى يورۇق،
بولغاچقا ئەۋلادقا «نۇر» گىپىڭ ئۇستاز.

قەدرىڭنى بىلگەنلەر گۈللەندى شۇڭا،
بىلمىگەن خارلاندى قۇت تېپىڭ ئۇستاز.

ئەل ۋەتەن ئۈمۈدى پەقەت سىنىڭدە،
شاتلانسۇن ئارمانىڭ پاك سېپىڭ ئۇستاز.

$$$$$$$$$$@@@@@@@$$$$$$$$$


  مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.

1
ساراڭ دەر سۆزلىسەم مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
مۇئەللىمنى كۆرمەس كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
تەكشۈرۈش پاكەندىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  يەكلەندى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل، شۇ »قوشتىل«دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مۇئەللىمنى خورىتىش بولغاچ  بەك تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
)قاچانمۇ كىلەر؟( دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.



   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 12:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 12:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەر ئىككىلا شېىرىڭىزدا ئۇقۇتقۇچى -ئۇستازلارنىڭ پاك-دىيانەتلىگى يىزىلىپتۇ.
ياخشى يىزىپسىز رەھمەت سىزگە.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 01:42:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرىما يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 12:37 PM
ھەر ئىككىلا شېىرىڭىزدا ئۇقۇتقۇچى -ئۇستازلارنىڭ پاك-دى ...

ھەممىسى ئۆز بېشىمدىن ئۆتۈپ كۆرۈپ ھىس قىلىپ كەلگەن ئىلھاملار. مۇئەييەنلەشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 02:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتادەك مېھرىبان ئۇستاز، ئانادەك غەمگۇزار ئۇستاز،
كۆڭۈل كۆكسى ئەزىم دەريا، ھامان شاۋقۇنلىنار ئۇستاز!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 02:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.

ئۇستاز



ئانادەك مېھرىبان ئۇستاز، ئاتادەك غەمگۈزار ئۇستاز،
كۆڭۈل-كۆكسى ئەزىم دەريا،ھامان شاۋقۇنلىنار ئۇستاز.
  
بىلىپ بىنام سەبىيلەرنى، مېھىر بەرسەڭ  قۇياش ئوخشاش،
ئەجەپكى ئاينىغاي باغلار،شېرىن-شەربەت ئانار،ئۇستاز!
  
تالاي تىلسىزنى سۆزلەتتىڭ، بولۇپ بىر خۇشناۋا بۇلبۇل،
يۈرەكىڭنى قىلىپ زەخمەك، چېكىپ ھەردەمكى تار، ئۇستاز!
  
تىنىمسىز  تەر-ئەجىر بىرلە، قاراڭغۇ دىل بولۇپ روشەن،
ھاياتلىققا كۈلۈپ باقتى، بولۇپكى نەۋباھار ، ئۇستاز!

كۆيۈپ شامدەك نۇرۇڭ تۆكتۈڭ، قارا تۈندىن ئېچىپ رۇجەك،
يامان ئىللەتكە مەلھەمدۇر، دىلىڭ ساپ-بىغۇبار، ئۇستاز!
  
ئاقىل ئېيتاركى:« ئۇستازغا يىراقتىنلا سالام بەر »دەپ،
بۇنىڭغا بولغىنى غاپىل، بولۇر ئۆمرىدە خار، ئۇستاز!
  
كىمىكى ئىزدىسە تاپقاي ۋۇجۇدۇڭدىن،ئېسىل خىسلەت-
ئېلىپ ئۈلگە ياشار بولسا، ھاياتتا شان قۇچار، ئۇستاز!
  
سېنىڭ پۈتمەس تەرىڭ بىرلە، قىزىلگۈل قاپلىغاي يۇرتنى،
تالاي گۈل-غۇنچىلار ئەلگە  ئەجەپ خۇش ھىد چاچار، ئۇستاز!

تىلى تۆككەي داۋام ھىكمەت، يېتەر بولسا تېگىگە كىم،
مىنۇتنى زايا ئەتمەستىن، بولۇر دەيمەن خۇمار، ئۇستاز!


ھاياتىدا تۈمەن شاگىرت ئىزىنى باسقۇسى  دائىم،
ئاڭا تۇزكور بولار كىمكى، لەنەتگەر،ئەلگە ھار ،ئۇستاز!
  
مۇھەممەت دەر: ئۇلۇغ ئۇستاز  سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم،
ساڭا گەر قارا يۈز بولسام، ماڭا ئەۋزەلكى دار، ئۇستاز!


  مەنبە: ئىجادىيىتىم.








ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:05:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazaratqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 02:18 PM
.

ئۇستاز

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! نادىرلىغىدەك شىئېر بوپتۇ. قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن .سىز دىن تېخىمۇ نادىر شىئېرلارنىڭ بارلىققا كىشىگە ئىشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 05:25:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazaratqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 02:15 PM
ئاتادەك مېھرىبان ئۇستاز، ئانادەك غەمگۇزار ئۇستاز،
كۆڭ ...

تەپەككۇرىڭىز ھارمىغاې!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 05:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرەپنىڭ ئىگىسى ئۇستاز

سەبى دىللارغا نۇر چاچقان نىجادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز،
يىڭى دەۋرانغا يول ئاچقان ئازادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.

بىلىم بەردىڭ قىلىپ مىھنەت، بەدەندە كۈچ-قۇۋەت ھاسىل،
سىنىڭسىز ھەممە نىم جاندۇر، ھاياتنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.

يۈرەك-قەلبىڭ گويا تۈندە يورۇقلۇق بەرگۈچى مەشئەل،
ئۇچۇردۇڭ كۆكتە ئىنساننى قاناتنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.

ئىلىم-پەننى قىلىپ ئاچقۇچ، ئىچىلماقتا تۈگۈن سىرلار،
بۈگۈن-ئەتە-كىلەچەك ھەم ئىجادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.

چۈمۈپ نۇرغا سەبى دىللار بىلىمدىن گۈل-چىچەك ئاچتى،
قىلىپ سوغا تۇتارمىز گۈل شەرەپنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.

               : مەخەت ئابدۇرىھىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 05:27 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 08:27:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 05:25 PM
شەرەپنىڭ ئىگىسى ئۇستاز

سەبى دىللارغا نۇر چاچقان نىجا ...

مەخەتجان مۇئەللىم شىئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ! قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ تېخىمۇ تاكاممۇلاشقىنى تۇرۇپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:40:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىڭلار قالتىس ياخشى چىقىپتۇ، مۇشائىرە بوپ كەتكىلى تاس قاپتۇ..
مەنمۇ ئاز-تۇلا بىر نەرسە يازاي دېگەن لېكىن........

بولدى مەن تۇرۇپ تۇراي!.. ئىنكاس يېزىپ تۇراي!..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش