مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 9

تارىمنىڭ دالىلىرىغا يۇلغۇنلا سادىق ئوخشايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:24:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          تارىمنىڭ دالىلىرىغا يۇلغۇنلا سادىق ئوخشايدۇ ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ?; c4 P$ C; Q, g& }! J' w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# u. c3 y: x* d! W$ j/ T2 C* G: z
             (ئىزگۈ خاتىرىلەر)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: @  J. U4 H0 {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' f* v. K/ Q* _+ ^3 O8 s4 G# A             خاسىيەت ئابلىمىت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ?( B0 i4 X1 Eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( u# M7 E1 E8 S1 y9 \, n
قىسقىغىنا بىريېرىم سائەتلىك سەپەرنى ئالدىنقى مەزگىللەردىكى ئالدىراش خىزمەت ئۈچۈن سەرپ قىلغان 10نەچچە سائەتلىك جەبرىلىك سەپەرگە قارىغاندا مىڭ ئەۋزەل كۆردۈم ، چۈنكى  بىرىنچىدىن:  تۇغۇلۇپ 15يېشىمغىچە تۇرغان ئانا سەھرايىمغا كىتىۋاتقان بولسام ، ئىككىنچىدىن :ئارام كۈنىدىمۇ دەم ئالماي ئىشلەۋاتقان ،ھەپتىدە بىر كۈرىشەلەيدىغان قەدىردان ئادىمىمنى  يوقلاپ كىتىۋاتاتتىم . يولدا ئالدىنقى كۈنلەردىكى چارچاشلاردىن بوشىشىپ كەتكەن تىنىمنى ئارام ئالدۇرغاچ مۈگدەپ ماڭايمۇ دىدىم -يۇ ، لىكىن يەنىلا نېرۋىلىرىم سەگەكلىشىپ ، كۆزلىرىمنى يىراق-يىراقلارغا تىكىپ ، ئەسلىمىلەر قوينىغا بۆلىنىپ ماڭدىم ....20يىلنىڭ ئالدىدا 45ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان دادام يۆتكىلىش ئۇقتۇرىشىنى كۆزىگە سۈرتكىدەك بۇلۇپ،  2كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۆيۋاقنى ماشىنىغا بېسىپلا ، 30يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان بۇ يېزىدىن كەچ سائەت ئالتىدە قوزغىلىپ ، ئەسكى توپىلىق يولدا شوپۇر بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىپ  ، كېچە سائەت 1-2 لەربىلەن ئاندىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەن ئىدى  ....مانا شۇ يولنى ھازىر ئاسفالىتلاشتۇرغاننىڭ ياقى 1يېرىم سائەتتە مېىڭىپتۇق . شۇ كىچىككىنە  ۋاقتىمدا كۆرگەن نەرسىلەردىن پەقەت ئۆزگەرمەي تۇرغىنى ___ كۆزۈمگە چىرايلىق ۋە يېقىملىق كۆرىنىدىغان يۇلغۇن بىلەن توغراقلار قاپتۇ ، پۈتۈن دالىغا بىر كىلىپ ، يېيىلىپ  ، قىزىرىپ تۇرغان يۇلغۇنلۇقلار. شىمالدىكى يۇرتلاردا ئاسمانغا تاقاشقان تاغلىرى بىلەن قىشمۇ-ياز كۆكىرىپ تۇرغان قارىغاي -ئارچىلىرى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلسا، تارىمنىڭ دالىلىرىدىكى بىپايانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان بۇغا-توشقانلىرى ۋە كۆزگە يېقىشلىق قىزىل چېچەكلىك يۇلغۇنلار  كىشى ئەقلىنى لال قىلىدۇ ، بۇ تانغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت......... ئۇندىن باشقىسىنى سۆزلىسەم ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان يېڭى سېلىنغان ئۆيلەر ، توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، ھەر كىلومىتىردا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ۋىشكىلەر ، ھەرخىل -ھەر رەڭ ماشىنىلار دىگەندەك . باشقىسىنى قۇيۇپ يەنە شۇ چىرايلىق قىزىل يۇلغۇنلار خىيالىمدىن كەتمىسە بولىدۇ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا تازا 4-5 -ئايلاردا مەكتەپ ئەمگەك تەشكىللەپ ، كىچىك چوتلىرىمىزنى بارماقتەك توملۇقتا تانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ يۇلغۇن كەسكىلى چىقاتتۇق ، كىسىپ كەلگەن نوتا يولغۇنلارنى چېتىپ چىتلاق تام ياساپ ، ئۆزىمىز تېرىغان مەكتەپ كۆكتاتلىقىنى قاشالايتتۇق ....ئۇندىن كىيىن يېڭى خىزمەتكە چىقىپ 2-يىلى تارىمدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىغا نەق مەيدان تەربىيىلەش كۇرسىغا دەرس ئۆتكىلى بارغىنمدا بىر مىتىردەك كىلىدىغان ھۆل يۇلغۇن تايىقىغا ئۆتكۈزۈلگەن جاڭگال كاۋىپى يىگىنىم ئىسىمدە ، ۋاھ ...ئۇ چاغدىكى شىرىسى تېمىپ تۇرىدىغان يېرىم غۇلاچ كاۋاپنى ئويلىسام ھازىرمۇ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كىلىدۇ ، ئۇ تەمنى ئەمدى ھىچيەردىن تاپالمايمەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ^8 ]7 _  w" o4 Z! q+ c
بۇيەرنىڭ قوي -ئوغلاق گۆشلىرىنىڭ داڭقى بار ، ئۆچكىلەر يېرىم قۇرغاق -يېرىم قاقاس دالىدا تاپقىنىنى غاجىلاپ ، نەچچە ئون كىلومىتىرلاپ يايلاپ مېڭىپ جان ساقلىغاچقا ، ئېتىدە مېيىنىڭ تايىنى يوق ، ئەمما ئۇنىڭ گۆشىنىڭ تەمىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان گۆش يوق .يەنە كېلىپ پۈتۈنلەي يېشىل مەھسۇلات ، دەل شۇنداق بولغاچقا باھاسى ئۆرە ، شۇنداقتىمۇ ئەتىۋارلىق .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 g% w. j: V$ A6 K" a
بۇيەرنىڭ قۇغۇنلىرىنىڭمۇ داڭقى بار ، دىھقانلار ئەتىيازدا ئوسا بولغان يەرگە  تېرىپ قويسا سويمىسى چۈشكەندە بىرلا سۇغۇرۇپ ، قالغىنىغا خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن ، يىلتىزسىز سۇدا پىلەكلەرنىڭ ئۇسسۇزلىقى قېنىپ ، ناۋاتتەك تاتلىق تەم بىلەن پىلىكىدىن ئاجراپ كىتىدۇ ، پىچاق بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىمۇ-بولدى ، پىچاق تۇتقان قول 45گىرادۇس ئىگىلىپ ھەرىكەت قىلىپ بولغۇچە «چارس » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يېرىلىپ كەتكەن قوغۇننىڭ قىزغۇچ ئېتىگە قاراپ ، كۆزلەر دەقىقە تۇرۇپ قالىدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! S0 O. D5 ]1 H; E% b! Z- [1 E
دادامنىڭ مەن كىچىك ۋاقتىمدا «بالام ، تارىم يېزىسىدىكىلەر  ناھىيە بازىرىدىن يىراق بولغىنى بىلەن ، تولىمۇ مەدەنىيەتلىك ، مەرىپەتپەرۋەر خەلقلەر ، بۇيەردىكىلەر 50-60-يىللىرىلا ئىلغار مەدەنىيەتلىك ئادەملەر كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە خىزمەت قىلغان بولغاچقا ، زىيالى ، ئىلمى ، سەنئەتخۇمار ئادەملەرنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ ، ھەم ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن باردى -كەلدى قىلىشقا ئامراق ... » دىگىنى ئىسىمدە ، دادام ئۆزى ھەم ئۇقۇتقۇچى ھەم 5خىل ساز چالالايدىغان ، 12 مۇقامنىڭ 9-10نى تەمبۇر بىلەن راۋۇرۇس چېلىپ ئىيتالايتتى ، شۇ ۋاقىتتىكى تەڭكەش قىلىشىدىغان قەدىناسلىرىدىن بىر نەچچسىى ھازىر تۈگەپ كەتتى ، قالغانلىرى بولسا دادامغا ئوخشاشلا قېرىپ ، كارىۋات ۋە كۆرپە بىلەن مۇڭداش بۇلۇپ قاپتۇ .... يولدا كىلىۋېتىپ خۇددى دادام دىگەن گەپنىڭ ئۆزىنى ئاڭلىدىم «تارىمدىكىلەر مەدەنىي خەقلەر جۇمۇ .ئانچىكى ئىشلارغا قىزىرىشىپ يۈرمەيدۇ .....»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 r7 [7 U0 E1 ~  r* E  }بۇيەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ مەن كىچىك ۋاقتىمدىكىگە ئوخشاش  ، ناتۇنۇش ئادەملەرگىمۇ كۈلۈمسىرەپ قارايدىغان تۇرقى تا-ھازىرغىچە ئۆزگەرمەپتۇ ،تالاي ئادەملەرنى كۆرگەنمەن ، خۇددى ئوغرىدەك قارايدىغان ، رازۋىتكا ساقچىسىدەك قارايدىغان ، جاھاندا ئۆزىدىن باشقا ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغان ئادەم يوقتەك تەكەببۇرانە قارايدىغان ،  ئالىدىغان قەرزى باردەك قارايدىغان ، ئېلىپ قويغان خوتۇنىغا قارىغاندەك پەس نەزەردە قارايدىغان ، بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك خۈدۈكسىرەپ قارايدىغان ، ئالىدىغان ئۆچى باردەك تەھلىكە ئارىلاش قارايدىغان ....دىگەندەك . بىلىشىمچە  ، ئادەم دىگەننىڭ كۆڭلى تازا ، ۋۇجۇدى پاك ، قەلبى باي بولسا ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەمگە مۇرەككەپ نەزەردە ، شۇم تەلەتتە قارىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! L8 ?- d/ w  p8 l, l$ aمەن بۇيەردە ئۇچراتقان ئادەملەر بىلەن يۈزلەشكەندە بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى تەن ئالىمەن :بۇيەردىكى تۇنۇشلار ئۇچرىغاندىغۇ سالاملاشتىم ، ناتۇنۇشلارغىچۇ ؟ نىمىشقا ئۇلارغا مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم » دىمىگەندىمەن ؟ بەلكىم تېخى ماڭا ئۇلارنىڭ قەدرى ئۈتۈلمىسە كېرەك ....شۇڭا ئۆزەم بىلىپ -بىلمەي شۇنداق قىلىپ سالغاندىمەن  ،مىنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان يىرىمدىكى تالايلارمۇ شۇنداق  . كۈڭلۈمدە پۇشايمەن قىلدىم ، لىكىن بىرنەرسىنى دادىللىق بىلەن ئىتىراپ قىلالايمەنكى ئاشۇ  كۆزلىرىدىن   كۈلكە تېمىپ تۇرغان كىشىلەر يۈرىكىمگە بەكلا تۇنۇش ...........بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 {5 r9 C# U. x! p% Z
دادامنىڭ گۈدەك بالا ۋاقتىدا ئائىلىسىنىڭ كۆچىشى تۈپەيلى شۇ يەرلىك بولۇپ . 15 يېشىدا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ قېلىشى ۋە مىنىڭ شۇيەردە تۇغۇلۇپ قېلىشىم بەلكىم سەۋەبسىز ئەمەستۇر ، ئۇيەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۈزۈمگە مىھىرلىك  كۆرىنىشى ، يۇلغۇنلارنىڭ  سىڭىشلىك كۆرىنىشى ، ئاسمانغا بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يېشىل ۋە  ئالتۇنرەڭ توغراقلارنىڭ سىھىرلىك ھالدا ئادەمنىڭ ئەقلىنى كونترول قىلىشلىرى بەلكىم سەۋەبسىز ئەمەستۇر ، بەلكىم مىنىڭ بۇ يەردىكىلەرگە مەلۇم بىرئىشنى -كۆڭلۈم ئىستەۋاتقان بىرئىشىنى قىلىپ بېرىشىم كېرەكتۇر ، تارىم دەرياسىدىن ئېقىپ كىلىپ مەھەللىمىزدىن ئېقىپ ئۆتكەن تارام  ئېرىقتىكى تارىم سۈيىنىڭ تەمى تىلىمدە تۇرۇپتۇ ، ئايدىڭ ئاخشاملىرى دوستلىرىم بىلەن سۇغا چۈمۈلگەنلىرىم ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا ، ئۇنىڭدىن باشقا تالاي گۈزەل ئەسلىمىلەر ، بالىلىق گۈدەكلىكىمدىكى قىي-چۇۋلار .....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 N/ {& t' G' B: Y/ l' cيەنە دىسەم يەنە شۇ ، قىزىل يۇلغۇن چېچىكى ___ چاچلىرىمغا ئاق كىرىپ ، ماكىلداپ قالغان مومايغا ئايلىنىپ قالساممۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' A* ?: [1 H& uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  T! @6 X0 X: h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* N3 V+ c4 h: o% v
مەنبە : ئۆز قەلىمىم . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" {3 C. p. ?2 _8 S6 K
سەمىمى ئەسكەرتىش : ئەسەر ماڭاۋە مىسرانىم مۇنبىرىگىلا تەۋە ، كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ~5 Z* V. I. A

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Y/ I! B' N; \

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:55:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنىمغا كۈچلۈك يۇرت سۆيگۈسى ھاۋاسى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلدى ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 a1 X" ~  z+ i7 wبەكمۇ تەبئي چىقىپتۇ

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 12:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىيالىغۇدەك ياخشى يىزىپسىز قېرىندىشىم،رەھمەت...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* O* g! U5 E$ o9 y( N
ئۇقۇپ بۇلۇپ مەنمۇ بالىق ۋاقىتلىرىمنى .ئەسلەپ قالدىم...............

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34707
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3919
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2011-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 07:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم غۇلجىدا بولساممۇ،توغراقلارۋەتوغراقلىقلارقەد كۆتۈرگەن قۇملۇقلارنى  كۆرسەم قەلبىمدەئاجايىپ بىر سېزىم پەيدا بولىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 07:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 N6 q4 J3 H4 ?# ], C4 O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 w; {, H, [6 l( x0 N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ~4 b9 V' ?! B: _
        مەن ئەنە شۇ يۇلغۇنلارنى كۆرۈپ ۋە تاللىرىدا سېۋەت توقۇپ سېتىپ چوڭ بولغان. بۇ ئەدەبىي خاتىرىڭىز شۇنچىلىك سەمىمىي ۋە چىرايلىق چىقىپتۇ. بىرەر ئەدەبىي ژۇرنالدا ئىشلىگەن بولسام، بۇ ئەسەرنى دەرھال ئىشلىتەتتىم. ئىلمىي ژۇرنالغا باسقىلى بولمايدۇ-دە!سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13203
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8079 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 07:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىمنىڭ دالىلىرىغا يۇلغۇنلا سادىق ئوخشايدۇ ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ A% ^+ U: s* r+ {; y, A( [
ــــــــــــــــــــــــــــــــبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# r$ `6 h: Q* A
چۈنكى ،نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ،يۇلغۇنلارنىڭ ئۇرۇقى قۇملۇقلارغا  تۆكۈلۈپ ،قۇم دانىچىلىرىگە يۇغۇرلۇپ تەكلىماكاننى ئاپىرىدە قىلغان ،شۇڭا ئۇ ئانىسىغا سادىق .........

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110534
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 08:39:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تونۇش سىما ، تونۇش ھىد . ئازراق بولسىمۇ خۇمارىمنى باستىڭىز ، رەھمەت سىزگە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزدىن سۆيۈندىم،ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107104
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 01:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرلەردىكى ياتلىشىىش بىلەن سېلىشتۇرما!

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 07:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇرمەنلىرىمىزنى رازى قىلغان بولسام ،مەنمۇ مەمنۇن بولىمەن .

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش