مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7610|ئىنكاس: 38

ئۇيغۇرتىلىدىكى يەنە بىر يېڭى پىروگرامما باشلانماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25864
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2633 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 02:02:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

001.jpg

‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى بىلەن  ئۈرۈمچى LB مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان،  شىنجاڭ تېلېۋىزىيسىنىڭ 2- قانىلىدا، ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان، ئەلگە  نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممسى. ‹‹شىرىن  چۈش››تە غايە بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى پەرق، تالانت بىلەن تىرىشچانلىق  ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت، جۈرئەتلىك قەدەملەرگە پايانداز بولغان سەھنە   گۈزەل ھەم تەسىرلىك ھېكايىلەر، شۇنداقلا سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان  كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.

تالانىت ئىپادىلىنىشى، قەدەملەر جۈرئەت بىلەن بېسىلىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا شىرىن چۈشلىرىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىدۇ!


‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى ۋە تىزىملىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە


بىرىنچى، ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى ھەققىدە:

1.  ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى  قاتلاملىرىدا ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك غايىلىرىنى  ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا مەيدان ھازىرلاش، ياردەم بېرىش، كارخانىلاردىكى  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تالانت ئېگىلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك  رول ئويناش، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئوبراز يارىتىش مەقسىتىدە  تەسىس قىلىغان.

2.  ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى بىر يىلدا ئىككى پەسىل، ھەر  پەسىلدە 26 سان ئىشلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ 2- قانىلىدا  ھەپتىدە بىر سان قويۇلىدۇ.

3.  ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسىنىڭ ھەر سانىدا بىر نەچچە  ماھىرنىڭ تالانتى ۋە ئارزۇلىرى باھالىنىدۇ. نەق مەيداندىكى يىتەكچى  باھالىغۇچىلار ۋە ‹‹شىرىن چۈش›› تاماشىبىنلىرىنىڭ باھالاش ۋە بېلەت  تاشلىشىدىن كېيىن، ئەھمىيەتلىك غايە ئىگىلىرىنىڭ ‹‹شىرىن چۈش››لىرى نەق  مەيداندىكى ‹‹شىرىن چۈش›› قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن رىئاللىققا  ئايلاندۇرىلىدۇ.

4.  ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەت تاشلاش  نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ماھىرلارغا بېلەت تارقاتمايدۇ، ماھىرغا  ھەمراھ بولۇپ كەلگۈچىلەر پىروگرامما زالىنىڭ يان خانىسىدا ئولتۇرۇپ،  خانىدىكى ئىكراندىن نەق مەيداننى كۆرسە ۋە ماھىرغا مەدەت بەرسە بولىدۇ.  بىلەت تاشلاش نەق مەيدانىغا ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى ساپالىق ۋە پەزىلەتلىك  كىشىلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ.

5.  ھەپتىلىك ۋە ئايلىق ‹‹شىرىن چۈش›› ماھىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ  تالانتى، نەق مەيدان، تور ۋە تېلېفۇندىن تاشلانغان بېلەت سانى ئارقىلىق  پەسىللىك مۇنەۋۋەر ‹‹شىرىن چۈش›› ماھىرى شەرىپىنى تالىشىشقا قاتنىشالايدۇ.


ئىككىنچى، ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىش ھەققىدە:


1.  مەزكۇر پىروگراممىغا قايسىلا ساھەدىن، قانداقلا تالانتى  بولسۇن، ئىشقىلىپ سەھنىدە ئىپادىلەشكە جۈرئىتى بولغان ھەر قانداق كىشى  قاتنىشالايدۇ.

2.  مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلاردىن ھىچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.

3.  ماھىرلار تېلېفۇن ياكى تور ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ.

‹‹شىرىن چۈش›› قىزىق لىنىيىسى:

18699058455


‹‹ماھىر تىزىملاش جەدۋىلى››نى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

  

بۇ يەرنى بېسىڭ


شىرىن چۈش قوللانمىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:


بۇ يەرنى بېسىڭ


4.  كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىر پارچە، ئۆز  ئوبرازىغا ۋەكىل بولالايدىغان سۈرىتىدىن بىر پارچە تەييارلىغاندىن كېيىن،  ‹‹شىرىن چۈش ماھىرلىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى تولدۇرسىلا بولىدۇ.  تالانتىڭىز پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ‹‹شىرىن  چۈش››كە بىمالال قاتنىشالايسىز.

5.  ئارزۇنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، ئۇ سىزگە ھەمراھ  بولغانلىقى ئۈچۈن چۈش كەبى شىرىن بولىدۇ. ‹‹شىرىن چۈش››لىرىڭىزنى  رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغان سەھنە كۆز ئالدىڭىزدىلا! تالانتىڭىز بار،  ئەمدى جۈرئىتىڭىز بولسىلا ئويلاپ باقمىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى قولغا  كەلتۈرەلەيسىز. ‹‹شىرىن چۈش›› قەدەملىرىڭىزگە تەشنا!

6.  ‹‹شىرىن چۈش››نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى ئۇيغۇر ناۋا تورىدا!


www.uynava.com

uynava.cn


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 02:03 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108475
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 04:12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن ، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 05:18:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسىنىڭ ھەر سانىدا بىر نەچچە  ماھىرنىڭ تالانتى ۋە ئارزۇلىرى باھالىنىدۇ. نەق مەيداندىكى يىتەكچى  باھالىغۇچىلار ۋە ‹‹شىرىن چۈش›› تاماشىبىنلىرىنىڭ باھالاش ۋە بېلەت  تاشلىشىدىن كېيىن، ئەھمىيەتلىك غايە ئىگىلىرىنىڭ ‹‹شىرىن چۈش››لىرى نەق  مەيداندىكى ‹‹شىرىن چۈش›› قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن رىئاللىققا  ئايلاندۇرىلىدۇ.
مىڭشىياڭشىيۇ نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئىكەندە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qeqnus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 05:19 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92788
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 08:04:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش،بىزلەردە دەل مۇشۇنداق پڭروگىراممىلار كەمچىل.قاچان قارسا ناخشا- ئۇسۇل پىروگىراممىلرى.مۇشۇنداق ئىسىل پىروگىىراممىلارنىڭ يەنمۇ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كىلشىنى ئۇمۇد قىلمەن.
  ئوڭۇشلۇق قويۇلغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:09:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپقالىدىغاندەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1040
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:24:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پروگراممىنىڭ خەلقىمىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدا مەنپەئەت ئىلىپ قىلىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:27:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇغۇ، داۋاملىق ياخشى بولغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3717 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:49:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋامغا ئەمەلى نەپ ئېلىپ كىلىدىغان مۇشۇنداق پرۇگىراممىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1916
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:51:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇزەل غايىلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:38:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىروگراممىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەنتىم... بەزىلىرىدە نۇرغۇن تەسىرلىك ئىشلار سۆزلىنىپ يىغلىتىۋېتەتتى ....
مۇشۇنداق بىر پىروگراممىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ، ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلارسۆزلىنىدىغان پىروگراممىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال دەپ قارايمەن.
بۇ پىروگراممىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكدشمەن !

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش