دەپ قوي
سوراپ قالسا مىنى نىگارىم،
سىنى ئەسلەپ يۈرەركەن دەپ قوي.
يۈرەك باغرى ۋەسلىڭ ئوتىدا،
گۈلخان كەبى كۆيەركەن دەپ قوي.
‹‹كىملەر بىلەن يۈرىدۇ؟›› دىسە،
گۈل بېغىدا پىنھان كەن دەپ قوي.
رايى يوقكەن سەندىن ئۆزگىگە،
ئوتلۇرۇڭدا نىمجان كەن دەپ قوي.
يوللۇرۇڭغا قاراپ كۈن-تۈنى،
تەلمۈرۈپلا تۇرۇپتۇ دەپ قوي.
سېغىنىشتىن ئۈنسىز ياش تۆكۈپ،
كۆزلىرى ھەم قۇرۇپتۇ دەپ قوي.
‹‹ھالى نىچۈك؟››سورىسا ئەگەر،
كۆزى ئۇچۇق بىھۇش كەن دەپ قوي.
ياشالماسكەن ئەسلا سىنىڭسىز،
بىر بىچارە بايقۇش كەن دەپ قوي.
سېغىنىش ۋە ئازاپ ئىچىدە،
نىمجان بۇلۇپ ئۈتەركەن دەپ قوي.
چىن ساداقەت بىلەن بىر سىنى .
بىر ئۆمۈرگە كۈتەركەن دەپ قوي.
مەنبە:ئۆزۈم
(نىمجان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 10:08 PM