|
|
|
|
كىشىلىك ھاياتتا، بىز 20 ياشتىكى قىرانلىقتىن باشلاپ، 40 ياشتىكى تەمكىنلىككىچە نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۆۋەندىكى ئون ساۋاقنى يەكۈنلەشكە موھتاجمىز...
1.ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىش
بۇ يېشىڭىز سىزنىڭ يەنە گۆدەكلىك قىلىشڭىزغا يول قويمايدۇ، سىز تەقدىرىڭىزدىكى مەلۇم بىر مۇھەببەت، مەلۇم بىر مۇناسىۋەت ياكى مەلۇم رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭىز يەتمىگەندە ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىشىڭىز لازىم. ئۆزىڭىزگە بىر يېڭىدىن باشلايدىغان پۇرسەت بېرىڭ، ئشەنچ بولغانىكەن، جۈرئەت چوقۇم بولىدۇ. تىرىشچانلىق بولىدىكەن، مۇۋەپپىقىيەت چوقۇم كېلىدۇ.
2.دوستلۇقنى ساقلاش
ھەقىقىي دوستلۇق كىشىلىك ھاياتتا بىر ئىللىق چاپانغا ئوخشايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىڭىز ۋە مىجەزىڭىزگە تايىنىپ بارلىققا كېلىدۇ. بۇ يېشىڭىزدا چوقۇم قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىڭىز، چىن قەلبىڭىزدىن ئۇنى ساقلاشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.
3.ئاقكۆڭۈللۈكنى يېتىلدۈرۈش
سىز چوقۇم قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە تۇرمۇشى سىزدىن قىيىن،سىزدىن جاپالىق كىشىلەرگە ئىللىق يەتكۈزۈشنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرۇقلىرى ھەر تەرەپكە تېرىلىپ، گۈزەل گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ.
4.مۇزىكىنى چۈشىنىش
مۇزىكا ئەقلىي ھېسسياتنى تاۋلاپ روھىڭىزنى پاكىزلايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئەستە تۇتۇشىڭىزنى ياخشىلاپ، سىزگە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان تنىچلىقنى بەخىش ئېتىدۇ. ئۇ كۈنلەرنىڭ تېتىتقۇسى، شۇ گۈزەل مىلودىيىلەر ئىچىدە تۇرمۇشىڭىزغا نۇر قوشىدۇ.
5. ئىككى خىل ئازابتىن قۇتۇلۇش
دۇنيادا ئىككى خىل ئازاب بولىدۇ، بىرى، ئېرىشەلمىگەندىكى ئازاب، يەنە بىرى يوقىتىپ قويغاندىكى ئازاب. تىرىشىڭ، لېكىن زور ئۈمىد باغلاپ كەتمەڭ. ھېلىمۇ ياخشى بۇ ياشتا سىز ھەممىنى باشلاشقا ئۈلگۈرىسىز. ئەگەر سىزدە بۇ خىل ئازاب بولسا، ئۇنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋىتىشكە تىرىشىڭ، خۇددى چاڭ-توزاننى تازلىغانغا ئوخشاش قەلبىڭىزدىن پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاڭ.
6. بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىش
بەزى ئىشلارنى جىمجىت ئۇنتۇپ كېتىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. بىر قېتىم بېشىمىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىزگە بىر قېتىم تەجرىبە-ساۋاق بولىدۇ ئەلۋەتتە. بەزى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بەرمەي ئامال يوق.
7.مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىش
مىننەتدارلىق سىزگە ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىلەرگە ئىللىقلىق بىلەن قاراشنى ئۆگىتىپ، سىزنى روھى بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا بەخت تۇيغۇسىمۇ شۇنىڭدىن كېلىدۇ.
8.خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈش
گەرچە ئۇ چاي ئىچىش، پاراڭلىشىشتەك كۆڭۈلگە ياقمىسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىمىز ۋە قابىلىيىتىمىزنى سىناپ، بىزنىڭ كىشىلىك قىممەت يارىتىشىمىزدىكى زۆرۈر ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى چوقۇم چىن كۆڭلىمىزدىن ياقتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ بىزنى قالغان ئۆمرىمىزدە قىلىدىغان ئىش بار، يەيدىغان تاماق بار قىلىدۇ.
9.ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش
كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئەقىل بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى ساقلايدۇ. سىزنىڭ بەزى تەپەككۇرلىرىڭىز شۇنىڭدىن كېلىدۇ. ئۇ جاھالەتنى داۋالاپ، سىزنىڭ كىشىلىك سېھرىي كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.
10.تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈش
نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى سېمىز، سەت دەپ ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماق يىمەي ئورۇقلاپ، ئوپىراتسىيە بىلەن ھۆسىن تۈزىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىز كۆپ ۋاقىتلىرىڭىزنى ھەرىكەت قىلىش، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشقا سەرپ قىلسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟
بۇنىڭلىق بىلەن سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز ھورۇنلۇقىڭىز سەۋەبىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، سىزنىڭ چىرايىڭىزمۇ يىللار سەۋەبلىك جانلىقلىقىنى يوقاتمايدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن سىز مەلۇم نىسبەتتە ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاپ قالغان بولىسىز.
مەنبە : ئىزدەش تورى
|
|
|
|
|
|