بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 60 يىللىغىغا بېغىشلايمەن
ئايشەم سادىر
قۇدلۇق بولسۇن تۇيۇڭغا
كۆتۈرۈلدى شەرقتىن،نۇرلۇق بىر قىزىل قۇياش،
پۈتۈن زىمىن يۇرىدى،نۇر چېچېپ شۇنچە پارلاپ.
قاراتۇمان،قارا ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ بارچە ئاۋام،
كەلدى خوشاللىق ،كەتتى تۇمان، بىردىنلا تاراپ.
.........
يىللارمۇ بىرـ بىرىنى قوغلۇشۇپ،بۇپتۇ 60 يىل،
كۈنلىرىمىزبەك خوشال،ئۆتتى مەنىلىك بەك زىل
ئىسلاھات ئېچىۋېتىشكە، چېلىندى سىگىنال،
ئازاد زامانمىزدا،ياخشى ئىشلار بولدى كۆپ خىل.
..........
مۇبارەك بولسۇن !ساڭا، چۈشتۇق ھەممە بەيگىگە،
پارتيىمىز بار بىزگە،مەدەد بىرەر كەينىدە.
ھەرمىلەت خەلقى ــ ئىناق،چۈشتى خوشال بەزمىگە،
ئۇيناڭ ئۇسۇل،قىزىسۇن بايرام،گۈزەل بايىغولىندە
........
نەشپۈت،چىلان،كىشمىش،بادام،ئالماـ ئۈرۈك كۆپ شۇنچە،
قورساقتوق،كيىم پۈتۈن،پارتىيىمىز باش بىز گە.
ياندا يانفۇن سۆزلۈشىمىز دوستلار ئارا شاڭخەيدە،
بارمىساقمۇ ،كۈرىشىمىز،بارغاندەكلا چەتئەلگە.
..........
يىرىغىمىز يېقىن بولدى،ئاپتۇبۇسلار بېكەتتە،
ئوقۇشىمىز ھەقسىز بولدى،تاماقلىرىمىز شىرەدە،
چەتئەللەردە ئوقۇساقمۇ،تۇرمۇشىمىز جەننەتتە،
بەھرىمەن بولدۇق مانا،ھەرخىل تۇرمۇش ياردەمگە.
..........
شەھىرىمىز بەك گۈزەل،كۈرۈپ كىتىڭ مىھمانلار،
ئۈچ چوڭ دەريا ۋادىسىدا،ئويناپ كىتىڭ قۇلۋاقتا.
كۈرۈۋالىسىز،كەلسىڭىز،يەنەگۈزەل جايلار بار،
كىتەي دەپ، كىچەلمەيسىز،يىتەلەيسىز ئارمانغا.
2014 ـ يىل 8 ـئاينىڭ 8 ـ كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-7 09:40 PM