مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2610|ئىنكاس: 13

نىران خانىدانلىقى (بىرىنجى بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 12:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىران خانىدانلىقى
(1)

(تارىخى ھېكايە)

aychiwer.jpg


قەدىمي شەھەر نىراندا شۇنداق بىر پادىشاھلىق ئۆتكەنىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ شەھەرلىرى ئاجايىپ ئاۋاتلاشقان، ئادەملىرى بىلىملىك، جاسارەتتە شىرمەت ئەزىمەتلەر ئىكەن. پادىشاھنىڭ ھەربىي قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر بەكلا جاسارەتلىك بولغاچقا بۇ مەملىكەتكە ئاسانلىقچە دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كېلەلمەيدىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن خان ئەللىك ياشلاردىن ئاشقان ئادەم بولۇپ ئايالى خېلى يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن. ھۈسەيىن خاننىڭ بىرلا قىزى بار ئىدى. ئاتا-بالا بىر-بىرىگە سىرداش بولۇپ ياشايتتى. ھۈسەيىن خاننىڭ بارلىق خۇشاللىقى بەختى مۇشۇ مەلىكە ئىكەن. ھۈسەيىن خاننىڭ شۇنچە ئەتىۋارلىشىغا لايىق مەلىكىمۇ ئەدەب-ئەخلاقلىق، ئەقىللىق، چېچەن قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇ. مەلىكىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى غەمسىز بەخىرامانلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. مەلىكىنىڭ ئىسمى ئايچىۋەر ئىدى.
مەلىكە يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ھۈسەيىن خان مەلىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە چىقتى. ئوردىغا خېلى يىراق بىر شەھەرنى ئايلىنىپ بولۇپ مېڭىۋاتقاندا بۇلار يولدىن ئادىشىپ قالدى. خاننىڭ قورۇقچىلىرى ئەتراپتىن بىرەر كەنتنى تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. ھۈسەيىن خان مەلىكە ئايچىۋەر ئىنىسىنىڭ ئوغلى توغرۇل ۋە بىر نەچچە خاس مەھرەملىرى بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەۋاتاتتى.
ئايچىۋەر ئۆزىدىن تۆت ياش چوڭ بۇ نەۋرە ئاكىسى بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايتتى. چۈنكى توغرۇلنىڭ خۇي-پەيلى بەكلا ئوسال ئىدى. ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇستازلىرىغا ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىچاق بولۇشقا بەكلا ئامراق، ماختانچاق بىر بالا بولغاچقا ئۇنىڭ بۇنداق تېتىقسىز قىلىقلىرىغا ئايچىۋەر بەكلا ئۆچ ئىدى. ئىككىسى بىر مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلسىمۇ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىشى بىلەن بىر يەرگە كەلسىلا جىدەللىشىپ ئۇستازلارغا ئارام بەرمەيتتى.
ئالاھەزەل يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن يولنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بىر كەنت كۆرۈندى. ھۈسەيىن خاننىڭ چىرايىغا سەل كۈلكە يۈگۈردى. خاس مەھرەملىرى يېنىدا بولغاچقا ھەم بۇ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا زىيارەتكە چىققاچقا ئۇنچە كۆپ ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالمىغانىكەن. چوڭلارغۇ مەيلى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن ئىككى نارەسىدەنى بىرەر ۋاق غىزادىن كەم قويسا نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام بولاتتى. كەنتكە يېقىنلىشىپ بولغىچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەچ بولۇپ كەتتى. ھەممە ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈپ بولغان ئىككى-ئۈچلا ئۆينىڭ چىرىقى يورۇق ئىدى. ھۈسەيىن خان بىر ئادىمىنى چىرىقى ئۆچمىگەن بىر ئۆيدىن بۇلارغا كەچلىك غىزا بېرىپ بىر كېچە قوندۇرۇپ قالالامدۇ يوق؟ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇل بولغانلىقى ئېيتىپ يېنىپ كەلدى. ھۈسەيىن خان ئېتىدىن چۈشتى باشقىلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۆيدىن يەتمىش ياشلاردىن ئاشقان بىر قېرى موماي چىراق كۆتۈرۈپ بۇلارنى قارشى ئېلىشقا چىقتى.




(2)


ھۈسەيىن خان ئۆينىڭ ئىچىگە ئالدى بىلەن كىردى. ئۇ ئۆيلەرگە سەپ-سېلىپ قارىدى. بار-يوقى ئىككى ئېغىز ئۆي ئىكەن. ئىچكىرىسىدىكى ئۆي نەرسە-كېرەكلەرنى قويىدىغان ھەم تاماق ئېتىدىغان ئۆي بولۇپ تاشقىرىدىكى ئۆيدە كونىلىقىدىن ئاجىز پۇتلىرى ئۆزىنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغان كىچىك پاكار بىر ئۈستەل قويۇلغانىدى، ئۈستەلنىڭ يېنىدا چىراقنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا ئون بىر-ئون ئىككى ياشلاردا بار بىر ئوغۇل بالا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ئۈستەلنىڭ يېنىغا پەسكە پاختا يىپتا توقۇلغان كىرلەشكەنلىكىدىن ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان توقۇما گىلەم سېلىغلىق ئىدى. ئۆي شۇنداق قالايمىقان بىر يەردە سۇ ئالىدىغان كوزا، بىر يەردە يىرتىلىپ پاختىلىرى چىقىپ قالغان يوتقان-كۆرپىلەر تۇراتتى.
ــ ئەزىز مېھمان يۇقىرى ئۆتسىلە،ــ دېگەن موماينىڭ سۆزى ھۈسەيىن خاننىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى. موماي دەلدەڭشىپ بېرىپ ھېلىقى كونا يوتقان-كۆرپىلەر ئارىسىدىن سەل يېڭىراق بىر كۆرپىنى خاننىڭ ئولتۇرىشى ئۈچۈن سالدى.
ھۈسەيىن خان موماينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئاستا ئولتۇردى. ئايچىۋەر بىلەن توغرۇل ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئىككىسى خاننىڭ ئىككى بېقىنىغا كىرىپ تۈگۈلۈپلاۋالدى. ئەزەلدىن ھەشەمەتلىك سارايلاردا كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك يېنىپ چاقناپ تۇرىدىغان چىراقلار نۇرىدا چوڭ بولغان بۇ بالىلار چۆچەكلەردىكى سىرلىق ئۆڭكۈلەرگە كىرىپ قالغاندەك ئەتراپقا ھەيرانلىق ئىچىدە قارىماقتا ئىدى. قالغانلار ئىشىك سىرتىدا خاندىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ھۈسەيىن خاننى كۆپىنچە كىشىلەر تونۇمايىتتى. مومايمۇ پادىشاھنى يىراقتىن مال سېتىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەر ياكى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ تاماششا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بەگلەردىن دەپ ئويلاپ قالدى.
ــ كەمىنە بىر قېرى ئاجىزە موماي بولغاچقا بېگىمنىڭ ئالدىغا ئېسىل تائاملاردىن ئاچىقالمايدىغان بولدۇم، ئۆيۈمدىمۇ بار-يوقى ئۆز قولۇم بىلەن ياققان نان قاپتۇ. بېگىمنىڭ كۆڭلى تارتسا چاي قاينىتىپ بىللە ئەكىرسەم؟،ــ دېدى موماي.
ــ موما ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز كىرىپ سىلىنى بىئارام قىلىپ قويدۇق مېھمان ساھىبخانغا بوي سۇنىدۇ تارتىنماي ئۆيلىرىدە بارنى ئېلىپ چىقىۋەرسىلە،ــ دېدى ھۈسەيىن خان ھېلىقى ئوغۇل بالىغا قىزىققاندەك قارىغاچ.
بالا ناتۇنۇش كىشىلەردىن قورۇندىمۇ ئەيتاۋۇر قولىدىكى كىتاۋىنى ئاستا قويۇپ قويدى.
ــ بالام ئىسمىڭ نېمە؟ قانچىگە كىردىڭ؟،ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ ئىسمىم ئارسلان بۇ يىل ئون بىرگە كىردىم.
ــ ئاتا-ئاناڭچۇ؟ بۇ ئۆيدە موماڭ ئىككىڭلار يالغۇز تۇرامسىلەر؟
ــ ئاتام مەن كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئانام بۇلتۇر تۈگەپ كەتتى. چوڭ ئانام بىلەن يالغۇز قالدۇق.
ــ تۇرمۇشۇڭلارنى قانداق قامدايسىلەر؟ نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن؟
ــ بىر مو يېرىمىز بار شۇنى تېرىپ جېنىمىزنى جان ئېتىۋاتىمىز. قالغىنىغا خۇدايىم بار رىسقىمىزنى بېرىۋاتىدۇ بالىنىڭ كۆزلىرىگە غىللىدە ياش كەلدى.
پادىشاھنىڭ كۆڭلى بىر خىل بۇزۇلدى. ئاستا بالا تەرەپكە سۈرۈلۈپ ھېلىقى كىتابنى قولىغا ئالدى. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ تۇراتتى. كىتاب شۇنچىۋالا كونا ئىدى. تاش قاپلىرى يىرتىلىپ ئىچىدىكى خەتلەرنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سارغىيىپ كەتكەنىدى. بالىنىڭ بۇ كىتابنى بىرەر يەردىن تېپىۋېلىپ ئوقۇۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. شۇنچە نامرات بىر ئائىلە ئۆز تۇرمۇشنى قامدىيالمايۋاتقاندا كىتاب سېتىۋېلىشقا نەدە قۇربى يېتىدۇ.
ــ بالام، مەكتەپتە ئوقۇغانمىدىڭ؟ بۇ كىتابنى ياقتۇرامسەن؟،ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ ھەئە، يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا ئانام كەنتىمىزدىكى بىر ئۇستازغا ئاپىرىپ بەرگەنىدى. شۇ ئۇستازدا ساۋادىمنى چىقارغانىدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئانام كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئۇ يەرگىمۇ بارالمىدىم. شۇندىن بېرى ئوقۇيالمىدىم. بۇ كىتابنىمۇ تېپىۋالغانىدىم. مۇشۇنى بولسىمۇ ئوقۇپ ئۆگۈنۈۋاتىمەن كېيىن چوڭ بولۇپ پۇل تاپسام نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ ئۆيۈمگە تىزىپ قويۇپ ئوقۇيمەن.بالا ئاخىرقى سۆزلىرىنى شۇنداق ئارزۇ قىلغان ھېسياتتا دېدى.
ھۈسەيىن خان گەپ قىلىشقا تەمشىلىپ بولغىچە موماي چاي بىلەن داستىخان كۆتۈرۈپ كىردى. بۇلار قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەندە موماي ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى لايدىن ياسىۋالغان ئوچىقىغا ئىستىن قاپقارا بوپ كەتكەن چەينىكىنى ئېسىپ ھايالشىمايلا چاي قاينىتىپ بولغانىدى.
ھۈسەيىن خان ياشىنىپ قالغان بۇ موماينىڭ چاققانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇدى.





(3)



موماي داستىخاننى سېلىپ نانلارنى ئەكىلىپ تۇرۇشىغا سىرىتتىن پادىشاھنىڭ ئەتراپتىن كەنىت ئىزدەپ كەتكەن ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلەن بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ كەلگەنىدى. خاننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھۈسەيىن خان ئورنىدىن تۇردى مومايغا رەھمەت ئېيىتقاچ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. لېكىن ئىشىك تۈۋىگە بېرىپلا تۇرۇپ قالدى. بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن جاسارەت، باھادىرلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
موما بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى؟،ــ دېدى ھۈسەيىن خان.
باياتىن بېرى بۇ كىشىنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغان موماي بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە :
شاھىم، قانداقلا گەپ بولسا ئېيتىۋەرسىلە كەمىنە ئاجىز مومايدىن ئۆتۈنمىسىلىمۇ بولىدۇ سىلى دىگەن ئەلنىڭ باشپاناھى ،ــ دېدى.
ئەگەردە رۇخسەت قىلسىلىرى بۇ نەۋرىلىرىنى مەن ئەكەتسەم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ياراملىق ئەزىمەت بولۇپ يىتىشىپ چىقسا، كىتابنى شۇنچە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيدىكەن ھەم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر خىل جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
موماي شۇئان ھۈسەيىن خاننىڭ ئالدىغا تىزلاندى.
موما بۇ نېمە قىلغانلىرى؟،ــ ھۈسەيىن خان موماينى يۆلىدى.
باشپاناھىم نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن خۇشاللىقىمدا تىللىرىممۇ كالۋالىشىپ قېلىۋاتىدۇ. رەھمەتلىك ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە يۆلەنچۈك بولۇپ ياشاپ كەلدۇق. مەن قېرىپ قالغاچقا ئۇنى ئوقۇتۇشقا قۇربىم يەتمىدى. بۇ بالام ئوقۇشقا شۇنداق ھەۋەس قىلىدۇ. بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.،ــ موماي ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
ئوغلۇم ئارسلان مەن بىلەن بىللە ئوردىغا كېتىشنى خالامسەن؟ ئۇ يەردە سەن بايا گېپىنى قىلغان كىتاب بار يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارمۇ بار. ئۆزۈڭ خالىغانچە ئوقۇيالايسەن. قىزىم ئايچىۋەر بىلەن بىللە سېنى ئۆز ئوغلۇم قاتارىدا تەربىيەلەيمەن.،ــ دېدى.
ئارسلان ئاستا مومىسىغا قارىدى مومىسى بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈۋاتاتتى.
ماقۇل بىللە كېتەي، بىراق مومام يالغۇز قىينىلىپ قالارمۇ؟،ــ ئارسلان مومىسىدىن ئەنسىرىگەنىدى.
خاتىرجەم بولغىن موماڭنى پات-پات يوقلاپ كېلىسەن. ھەمدە موماڭنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمەن. شۇنداق قىلىپ ئارسلان جاپاكەش مومىسى بىلەن خوشلىشىپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويغىلى ماڭدى. ئۇنى ھۈسەيىن خاننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرسى ئېتىغا مىندۈرىۋالدى. خېلى بىر يەرگە بارغىچە كەينىگە قاراپلا ئولتۇردى. غېرىبانە كەپىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مومىسى ئۇنىڭغا قاراپلا تۇراتتى.
نەچچە كۈندىن كېيىن ھۈسەيىن خان ئوردىغا قايتتى. قايتىپ كېلىپلا ئارسلاننى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنى ئوردىنىڭ داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيىلىشىگە تاپشۇردى.ئۇ ئايچىۋەر توغرۇل ۋە ئوردىنىڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بالىلىرى دەرس ئالىدىغان مەدرىسىدە ئوقۇشنى باشلىدى. ھۈسەيىن خان ئۇنىڭغا بەكلا چوڭ ئۈمىد باغلىغاچقا ئارسلانمۇ ئۆزى باتۇر بالا بولغاچقا ئوردىدىكى ئەلەمگە ماھىر مەشقاۋۇللارنى ئارسلان بىلەن ئايچىۋەر، توغرۇل ئۈچىنى بىللە ياراملىق چەۋەنداز قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشقا بۇيرىدى.

(4)



ئارسلان ئايچىۋەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلان ئاكا دەپ ئۇنى بىردەممۇ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ھەر ۋاقىت قوغدايتتى. توغرۇل بولسا ئارسلانغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بوپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلانغا شۇنچە قىلغانسىرى ئۇنىڭ ئارسلانغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك كۈچىيەتتى. بۈگۈن توغرۇلنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ماختانچاقىلىق كېسىلى يەنە تۇتتى. دەرس ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشتا ئەتراپىغا تۆت-بەش بەگزادىلەرنى يىغىپ ئۇلار بىلەن چېلىشىپ بىر-بىرلەپ يىقىتىپ كۆرەڭلىمەكتە ئىدى. ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ يىراقتا قاراپ تۇراتتى. توغرۇل ھەممە بەگزادىلەرنى يىڭىپ بولغاندىن كېيىن كۆرەڭلەپ كەتتى. نېرىدا تۇرغان ئارسىلاننى شەرەتلىدى. ئارسلان ئارقىسىغا يانغا قارىدى ھېچكىم يوق ئىدى. بۇ ماختانچاق شاھزادە ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى. ئارسلان ئاستا كەلدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن شاھنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى ئوردىدىكى بىردىنبىر شاھزادە كەلگۈسى شاھلىقنىڭ تەخىت ۋارىسى ئىدى. ئوردىدىكى ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرى توغرۇلدىن بەكلا قورقاتتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇردى. توغرۇل ئۇنىڭغا ئوبدان بىر قارىۋېتىپ :
سەھرالىق يېتىمەك مەن بىلەن چېلىشىشقا پېتىنالامسەن؟،ــ دېدى.
بۇ ئىككىسىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئايچىۋەر يۈگرەپ كەلدى.
توغرۇل ئاكا نىمانداق سېسىق گەپ قىلىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇغۇ؟،ــ دېدى توغرۇلغا ئالايغىنىچە.
سەن ئارلاشما! بۇ ئارسلان ئىككىمىزنىڭ ئىشى قىز بالا بولغاندىكىن نېرى تۇر! ــ دېدى غەزەپ بىلەن.
كېلە سەھرالىق، قورقتۇڭمۇ يا؟،ــ توغرۇل ھەددىدىن ئېشىۋاتاتتى.
ئارسلان ئۇنىڭ بىلەن سىناشماي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشقا باشلىدى. ئارسلان تازا ئىرەڭشىمەي تۇرغاندا توغرۇل ئۇنى يانپاشقا ئەپلا يىقىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خۇشامەتچى بەگزادىلەر توۋلىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر بولسا تىتىلداپ تۇراتتى. ئەگەردە توغرۇل ئارسلاننى يېڭىۋالسا ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئارسلاننى بوزەك قىلاتتى.
ئىككىنچى قېتىم ئارسلان توغرۇلنى چىرماق سەپلا يىقىتىۋەتتى. ئۈچىنچى قېتىممۇ يەنىلا توغرۇل يېڭىلدى. ئىككىدە بىر بولۇپ ئارسلان يەڭگەن بولدى. توغرۇل ئىچىدە ئارسلاننى بىر نەرسىلەرنى دەپ تىللىغاچ كېتىپ قالدى. ئايچىۋەر خۇشاللىقىدا سەكرەپ كەتتى.
يارايسەن ئاكا، ئەدىۋىنى ئوبدان بەردىڭ.،ــ ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا ھېچ نەرسە تەڭ كەلمەيتتى.
بۈگۈن ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان دەرستىن بۇرۇنلا چۈشكەچكە ئارسلان ئايچىۋەرنى ئاتخانىغا باشلاپ ماڭدى. ئارسلان ئاتقا بەكلا ھەۋەس قىلاتتى بىكار ۋاقىت تاپسىلا ئاتلارغا يەم بېرىپ ئاتخانىدىن نېرى كەتمەيتتى. بۇلار تېزلا ئاتلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئارسلانغا ئۆگىنىپ قالغان ئاتلار ئۇنى كۆرۈپلا كىشنىشىپ كەتتى. ئارسلان بىردەم ئاتلار بىلەن ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئايچىۋەر بىلەن بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردى.
ئارسلان ئاكا، سىاڭا بېرىدىغان بىر نەرسەم بار ئىدى،ــ دېدى ئايچىۋەر پەس ئاۋاز بىلەن.
ماڭا بېرىدىغان قانداق ئېسىل سوۋغا ئۇ؟،ــ ئارسلان ھەييارلىق قىلىپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
ئايچىۋەر ئۇزۇنچاق ياپىلاق قىزغۇچ بىر تاشنى چىقاردى .
مۇشۇ شۇ، بۇ سوغامنى ياخشى ساقلاڭ! بۇ ئايچىۋەر سىڭلىڭىزنىڭ سىزگە يەنى ئارسلان ئاكىسىغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى،ــ دېدى ئايچىۋەر ئەتراپلارغا قارىغاچ.
ئارسلان ھېلىقى پارقىراق تاشنى قولىغا ئالدى بۇ تاشنىڭ بىر تەرىپىگە ئايچىۋەر دەپ ئويۇلغانىدى. يەنە بىر تەرىپىگە نىران خانىدانلىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھەممە چوڭ بىلىدىغان خانلىق شەمشىرىنىڭ شەكلى ئويۇلغان ئىكەن. نىران خانىدانلىقىنىڭ شاھلىق تۈزۈمىدە بۇ خانلىق شەمشەرنى پادىشاھ كىمگە تاپشۇرسا شۇ پادىشاھ بولاتتى.
بولىدۇ سىڭلىم، بۇ سوغىڭىزنى چوقۇم ياخشى ساقلايمەن. جېنىم كەتسە كېتىدۇكى بۇ سوغىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويمايمەن.،ــ ئارسلان قەسەم بەرگەندەك ھەركەتلەرنى قىلىپ ئايچىۋەرنى كۈلدۈرىۋەتتى.
ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا ئىككىسى ئاستا قايتىشتى



(5)


ئارسلان بۇ تاشنى ھەر ۋاقىت يېنىدىن ئايرىماي يۈردى. ئۇ بۇ تاشنى بارلىق بىساتىغا تەڭ قىلمايتتى. ئارسلان ئوردىغا كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مومىسى قازا قىلىپ كەتتى. ئارسلان ھېچقانداق قېرىنداشلىرى يوق يالغۇز قالدى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارسلان يىگىرمە تۆت ياشقا ئايچىۋەر يىگىرمە ياشقا كىردى. ھەر ئىككىلىسى سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن كىچىك بالىلاردىن قۇرامىغا يەتكەن قىز-يىگىتكە ئايلاندى. ئايچىۋەر قىز بالا بولغاچقا ئەلەم ماھارىتىنى ئۈگۈنۈشكە بەك بېرىلمەي بىلىم ئېلىشقا بەكرەك ئىنتىلدى. ئايچىۋەر ئەلەم ماھارىتىدە ئارسلان بىلەن توغرۇلغا تەڭلىشەلمىسىمۇ قەلەمدە ھەر ئىككىلىسىنى بېسىپ چۈشەتتى. توغرۇل بىلەن ئارسلان ئەلەم ماھارىتىدە تەڭلىشىپ قالاتتى. بەزى ھۇجۇملارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە توغرۇل رەھىمسىزلىك بىلەن قارشى تەرەپنى ئاياپ قويمايتتى. ئارسلان بولسا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ زىيان تارتىپمۇ قالاتتى.
توغرۇل بىلەن ئارسلان ئىككىسىنىڭ كۆڭلىدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ ياراملىق يىگىتلەردىن بولۇپ چىققانلىقىنى كۆرگەن ھۈسەيىن خان ھەر ئىككىلىسىنى لايىقىدا ھەربىي قوشۇندا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. توغرۇل شاھزادە بولغاچقا ھەمدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قوللۇغۇچىلىرى خېلى كۆپ بولغاچ ھۈسەيىن خان بەزى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ئارسلان بولسا خاننى ۋە ئوردىنى قوغدايدىغان قوشۇنغا مەسئۇل سانغۇن بولۇپ تەيىنلەندى. ھۈسەيىن خان توغرۇلدىن سەل ئەنسىرەيتتى. توغرۇل كىچىكىدىن تارتىپ سەل قارا نىيەت، خۇشامەتچى، ئادەم بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان ھۈسەيىن خاننىڭ پايلاقچىلىرى شۇم خەۋەرلەرنى تولا يەتكۈزىدىغان بوپ قالدى. توغرۇل ھە دەپ ئەتراپىغا ئادەم توپلاۋاتاتتى. ھۈسەيىن خان توغرۇلنى كىچىكىدىن تارتىپ بەكلا كۈزىتەتتى. چۈنكى ھۈسەيىن خاننىڭ ئايچىۋەردىن باشقا بالىسى يوق. مەرھۇم خانىش ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان ئۆيلىنىشكە رايى بارمىدى. ھۈسەيىن خانمۇ ياشىنىپ قالدى تەخىتنى ھامان بىرسىگە تاپشۇرىدىغان گەپ. توغرۇلنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ پۈتۈن ئوردىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئايچىۋەر قىز بالا نىران خانىدانلىقىدا ئەزەلدىن قىزلار شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ئەلنى باشقۇرمىغان. ئەگەردە مۇشۇ تەرىپى بولمىسا ئىدى ھۈسەيىن خان ئاللىقاچان ئايچىۋەرنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلىپ بولاتتى. ئايچىۋەرگە شاھلىق تەختىنى تاپشۇرسا ھۈسەيىن خانمۇ خاتىرجەم بولاتتى. ئايچىۋەر نېمىلا دېگەن بىلەن قىز بالا نۇرغۇن ئىشلاردا ئەلنى باشقۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق خىياللار يېقىندىن بۇيان ھۈسەيىن خاننى بىئارام قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ھۈسەيىن خان توغرۇلدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە غەمنىڭ ئۈستىگە غەم قوشۇلدى.
نىران خانىدانلىقىنىڭ چىگرىسىدىكى بىر شەھەرگە قوشنا دۆلەتتىكى ئابدۇللاخاننىڭ ھۇجۇم قىلغانلىق خەۋرىنى ئايغاقچىلار يەتكۈزدى. شەھەردىكى لەشكەرلەر دۈشمەن بىلەن خېلى تىركەشكەن بولسىمۇ دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي شەھەر قولدىن كەتكەنىدى. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بۇ شۇم خەۋەر ھۈسەيىن خاننى بىئارام قىلىۋەتتى. ھۈسەيىن خان بىلەن ئابدۇللا خان شۇنچە يىلدىن بېرى بىر-بىرىگە چېقىلماي ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپنىڭ چىگىرىسىنى قوغدايدىغان لەشكەرلىرى ئاددىي ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالدى ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ ئادەم ئۆلدى يارىلاندى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ سۈلھى تۈزۈشى بىلەن بۇ ئىش چىرايلىقچە بېسىققانىدى. لېكىن ئابدۇللاخان شۇندىن بېرى ھۈسەيىن خانغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى تۈزەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرەتتى. ھۈسەيىن خانمۇ دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا قارىتا تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغان بولسىمۇ ئابدۇللا خاننىڭ بۇنداق تېز ھۇجۇم قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ھۈسەيىن خان ئۇرۇش قىلماي بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. بۇرۇندىن قوشۇن تارتىپ چىقسا قوشۇنغا ئۆزى باش بولۇپ چىقاتتى. بۇ قېتىممۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئۆزى باش بولۇپ قوشۇن تارتماقچى بولدى ئەسكەرلەرگە تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ يارلىق كۈتۈشكە بۇيرىدى.



(6)



ئۆزى قانداقتۇر خىياللارنى قىلىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ئۇ يوق ئىدى. ئۆيدىن يېنىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىگە خىزمەتچى قىز كىردى.
ئايچىۋەر قېنى؟،ــ دەپ سورىدى ھۈسەيىن خان.
مەلىكە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.،ــ دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتچى قىز.
ھۈسەيىن خان ئارقا ھويلىغا كەلدى. ئايچىۋەر گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گۈللەرگە قاراپ خىيالغا كەتكەنىدى.
نېمە خىياللارغا چۆكۈپ كەتتىڭ قىزىم؟،ــ پادىشاھنىڭ تۇيۇقسىز ئاۋازىدىن چۆچۈگەن ئايچىۋەر بۇرۇپ خانغا قارىدى.
خىيال ئەمەس ئاتا، دەرس تۈگىگەندىن كېيىن سەل ھېرىپ قاپتىمەن شۇڭا بىردەم ئارام ئالاي دەپ،ــ دېدى ئايچىۋەر خانغا ئەركىلىگەندەك.
سېنى مۇھىم بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنىدىم، دۈشمەننىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىڭ بولغاي؟،ــ دېدى خان ئايچىۋەرنى نېمە دەيدۇ دېگەن قىياپەتتە ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ئاڭلىدىم، قوشۇنغا ئۆزىڭىز باش بولۇپ چىقماقچى بولۇپسىز بۇ راستمۇ؟ سىزمۇ ياشىنىپ قالدىڭىز بۇ يېشىڭىزدا يەنە جەڭ قىلىپ يۈرمەي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى توغرۇل ئاكامغا ياكى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرسىڭىزمۇ بولاتتى؟، دېدى ئايچىۋەر ئاتىسىدىن سەل خاپا بولغاندەك. چۈنكى خان ھېلىمۇ چارچىدى يەنە جەڭ قىلىمەن دەپ يۈرسە ئايچىۋەر بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئاتىسىدىن ئەنسىرىمەي قالامدۇ؟
مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن سېنى ئىزدەپ كەلدىم. قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلىپ ئەۋەتسەم مەن ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولىمەن. ئارسلان شىجائەتلىك ۋاپادار يىگىت ئۇنىڭ جەڭدە ئۇتۇق قازىنىشىدا شەك يوق. بىراق مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇنچە چوڭ قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلىپ ئەۋەتسەم ئاكاڭ توغرۇلنىڭ بۇنىڭغا نارازى بولىدىغانلىقى ئېنىق توغرۇل ئارسلان بىلەن چىقىشالمايدۇ بۇنى سەنمۇ بىلىسەن؟
ئايچىۋەر بىلىمەن دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇردى.
توغرۇلنى قوماندان قىلىپ ئەۋەتەي دېسەم يېقىندىن بېرى ئۇنىڭدىن سەل خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن. ئۇ ئوردىدىكى بەزى ۋەزىرلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ھەدەپ تارتىۋېتىپتۇ. مەن ياشىنىپ قالدىم شاھلىق تەختىنى ھامان سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن توغرۇل بۇنچە ئالدىراپ كەتمىسىمۇ شاھلىق ھامان ئۇنىڭ ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قارا نىيەتلىكى مېنى ئەنسىرىتىپ قويدى. شاھلىق تەختىگە ۋارىسنى قايتىدىن ئويلاشمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدا گۈللىنىپ كەلگەن نىران خانىدانلىقى مېنىڭ قولۇمدىن توغرۇلغا ئۆتۈپ ۋەيران بولسا بولمايدۇ. ئەلگە قارا نىيەت ئادەم باش بولىدىكەن بۇنداق شاھلىق ھامان ھالاك بولىدۇ.،ــ ھۈسەيىن خان چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويدى.
مەن ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەلدىم، ناۋادا ماڭا بۇ ئۇرۇشتا بىرەر قازا يېتىپ قالسا ياكى تۇيۇقسىز كېسەل تىگىپ يېتىپ قالسام شاھلىق تەختىگە ئارسلان ۋارىسلىق قىلسۇن. نىران خانىدانلىقىنىڭ پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بويىچە شاھلىق شەمشەر كىمگە بېرىلسە شۇ خان بولىدۇ. شۇڭا قىزىم سەن ۋاقتى كەلگەندە شاھلىق شەمشەرىنى ئارسلانغا تاپشۇرغىن. ئارسلان خان ئەۋلادىدىن ئەمەس ئۇنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا ھەممىسىنىڭ قارشىلىق قىلىدىغانلىقى ئېنىق شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئوتتۇرىغا چىقىپ شاھلىق شەمشىرىنى ئارسلانغا تاپشۇرساڭ بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ساڭا ھەمدەمدە بولۇشقا پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھماننىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئۇنىڭغىمۇ ھەممە سۆزلەرنى دەپ جىكىلەپ قويدۇم. ئۇ ساڭا ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىدۇ.ــ ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرگە سوئال مەنىسىدە قاراپ تۇراتتى.
بەكلا توغرا قارار چىقىرىپسىز شاھ ئاتا، خانىدانلىقنى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرسىڭىز ئۇ ياخشى باشقۇرىدۇ. ھەم ئۇنىڭدا شۇنداق ئىقتىدار بار.،ــ ئايچىۋەر ئاتىسىنىڭ سۆزىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىياپەتتە كۈلۈمسىرىدى.
لېكىن شاھ ئاتا ۋاقتى كەلگەندە مەن ئوتتۇرىغا چىقساممۇ توغرۇل ئاكامنىڭ قايىل بولۇشى ناتايىن؟،ــ ئايچىۋەر ھۈسەيىن خانغا سوئال نەزىرىدە قارىدى.
خانىدانلىقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئىش قىلغاندا كەسكىن جۈرئەتلىك بولۇش كېرەك قىزىم ،ــ ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە تىكىلدى. خاننىڭ كۆزى ئايچىۋەرگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى.
ئايچىۋەر ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى.
قوشۇن جەڭگە ئاتلانغىلى خېلى كۈنلەر بولدى. ئابدۇللاخان بېسىۋالغان شەھەرگە يېقىنلىشاي دەپ قالغانىدى. قوشۇندا ھۈسەيىن خان بىلەن توغرۇل، ئارسلان، ئايچىۋەرلەرمۇ بىللە چىققانىدى. ئوردىنى ۋەزىر ئابدۇرەھمان باشقۇرۇپ قالدى. چوڭ قوشۇنغا ھۈسەيىن خان ئۆزى قوماندان بولۇپ توغرۇلنى ياردەمچى قوماندانلىققا ئارسلاننى شاھنى قوغدايدىغان ياردەمچى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ئايچىۋەر يارىدارلارنى داۋالايدىغانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇۋالغانىدى. ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى خالىسىمۇ مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنىڭ يارىدارلارنى داۋالايدىغانلار سېپىدە تۇرۇشىغا ماقۇل بولدى. نېمىشقىدۇر ھۈسەيىن خان بىر خىل بىئارام ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر خىل شۇملۇقنى سەزگەندەكلا ئايچىۋەرنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا بولۇشىنى خالايتتى.


(7)



ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنى يىراقتىن كۆرگىدەك يەردە بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھۈسەيىن خان ئالدى بىلەن ئابدۇللا خانغا بۇ ئۇرۇشنى قىلماسلىقنى يەنى ھەممە ئىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلىشنى ئېيتىپ مەكتۇب يوللاپ ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا قارار چىقىرىشنى ئويلىدى. ئەلچىلەر قارشى تەرەپكە كەتكىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقىتى يېقىنلاشقانسېرى ھۈسەيىن خان تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ چېدىرىدىن تاشقىرىغا چىقتى. ئەسكەرلەر ھەربىي مەشىق بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەنە ئەلچىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. خان چېدىرغا قايتىپ كىرىپ تەخىتتە ئولتۇردى. ئەلچىلەر كىرىپ خانغا سالام بەردى خان ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن خان ئىشارەت قىلغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.


ئابدۇللا خاننىڭ مەقسىتى زادى نېمە ئىكەن؟ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
شاھىم، ئابدۇللا خاننىڭ ھوزۇرىغا كىرە-كىرمەيلا تاس قالدى بىزنىڭ كاللىمىزنى ئالغىلى ئەگەردە ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دېگەن قائىدە بولمىغان بولسا بىزلەر ئاللىقاچان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بولاتتۇق. ئۆزلىرىنىڭ مەكتۇبىنى ئابدۇللا خانغا سۇنۇۋېدۇق ئۇ مەكتۇبنى ئازراقلا كۆرۈپ يىرتىپ تاشلىدى. ھەمدە بۇ ئۇرۇشنى چوقۇم قىلىدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ… ،ــ ئەلچى دۇدۇقلاپ قالدى.
دۇدۇقلىماي سۆزۈڭنىڭ ئاخىرىنى ئېيىت!،ــ ھۈسەيىن خان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
نىران خانىدانلىقىنى مەغلۇب قىلىپ ئۆز قولىغا چۇقۇم ئالىدىغانلىقىنى بۇ سۆزنى ئۆزلىرىگە چوقۇم يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
بولدى قايتىپ ئارام ئالغىن!،ــ دېدى ھۈسەيىن خان.
ھۈسەيىن خاننىڭ بۇ ئۇرۇشنى قىلماي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. پۈتۈن قوشۇننىڭ قوماندانلىرىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ ئەتە ئەتىگەندە ھۇجۇمنى باشلاش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. ھەممە بىر ئېغىزدىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بارگاھىغا قايتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۇمباقلىرى چېلىنىشى بىلەن جەڭ باشلاندى. ئالدى بىلەن ئىككىلا قوشۇننىڭ ئوقياچىلىرى ئوق ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشتى. كەينىدىن ئاتلىق قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گىرەلەشمە جەڭ باشلىنىپ كەتتى. ھۈسەيىن خان جەڭگە لايىق جابدۇنۇپ ئېتى ئۈستىدە جەڭنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇراتتى. توغرۇل پۈتۈن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن قوشۇنىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. ئارسلانغا قاراشلىق قوشۇن خاننى قوغداۋاتاتتى. ئارسلان جەڭگە كىرەلمىگىنىگە ئىچى تىتىلداپ ئېتىنىڭ بېشنى ھەر يانغا بۇراپ جەڭنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتمەكتە ئىدى. توغرۇلنىڭ قوشۇنى دۈشمەن قوشۇنىنى بارغانسېرى كەينىگە چېكىندۈردى. تۇيۇقسىز دۈشمەن قوشۇنى ھەممە سەپلىرىنى كەينىگە قايتۇرۇپ چېكىندى. توغرۇل دۈشمەننى يېڭىلىپ قاچتى دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.
جەڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان ھۈسەيىن خان ئارسلاننى شەرەتلىدى. ئارسلان دەرھاللا خاننىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.
ئارسلان دۈشمەننىڭ پىستىرمىسى باردەك قىلىدۇ، ئۇلار تۇيۇقسىزلا كەينىگە چېكىندى توغرۇل بۇنى سەزمەيلا دۈشمەننىىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەگەردە دۈشمەن توغرۇلنىڭ كەينىدىن ئەگىپ ئۆتۈپلا ھۇجۇم قىلىپ قالسا بىزنىڭ چوڭ قوشۇنىمىز زور تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا سەن ئەسكەرلىرىڭنى ئېلىپ توغرۇل دۈشمەننى قوغلاپ ماڭغان ئاۋۇ دۆڭلۈكنىڭ يان تەرىپىدىن دۈشمەنگە سەزدۈرمەيلا ئۆتۈپ ئورمانلىقتا دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكىن ئەگەردە دۈشمەن توغرۇلنىڭ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ بىزنىڭ قوشۇننى مۇھاسىرىگە ئالغىدەك بولۇپ قالسا توغرۇلغا ياردەم بېرىپ دۈشمەننى چېكىندۈرۈڭلار!ــ دېدى ھۈسەيىن خان كۆزىنى جەڭ مەيدانىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ.
بولىدۇ شاھ ئاتا، بۇيرۇقلىرىنى دەرھال ئورۇنلايمەن. يىگىتلەر مەن بىلەن مېڭىڭلار،ــ دېدى ئارسلان شەمشىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.



(8)



ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىدا ئازغىنە ئەسكەرلەر قالغانىدى.ھۈسەيىن خان ئويلىغاندەك دۈشمەن قوشۇنى بىردەم كەينىگە چېكىنگەندىن كېيىن كەينىگە يېنىپلا توغرۇلنىڭ قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بەرگىلى تۇردى. توغرۇل دۈشمەننى مەغلۇپ بولۇپ قاچتى دەپ ئويلاپ قوغلارۋەرگەچكە ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالغانىدى. ھەمدە يەر شارائىتىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز يەرگە كېلىپ قالدى. دۈشمەننىڭ كەينىگە يېنىپلا بۇلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن توغرۇلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن دۈشمەننىڭ ياردەمچى قوشۇنى پەيدا بولدى توغرۇلنى پۈتۈنلەي قورشىۋالدى. توغرۇل پۈتۈنلەي قاپسىلىپ قالدى خېلى تىركىشىپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى.توغرۇل كەينىگە چېكىنشىكە باشلىدى. ئارسلان ھۈسەيىن خان كۆرسەتكەن ئورمانلىققا يېتىپ كېلىپ بولغىچە توغرۇلنىڭ قورشاۋدا قالغانلىقىنى كۆردى. دەرھال توغرۇلغا ياردەم بېرىپ جەڭگە كىرىپ كەتتى.
ئارسلاننىڭ قول ئاستىدىكى يىگىتلەر ئارسلاننىڭ تەربىيىلىشى بىلەن جاسارەتلىك ئەزىمەتلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى. ئارسلاننىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇل قوشۇنىنى سەل رەتكە سېلىپ جەڭ قىلىشقا باشلىدى. بىراق، ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنىنىڭ سېپى ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى. ئارسلان بىلەن توغرۇلنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئەسكەرلەر سەپلەرنى خېلى تۈزەپ تىركەشكەن بولسىمۇ يەنىلا كەينىگە چېكىنمەكتىن باشقا ئامال قالمىدى. توغرۇل بىلەن ئارسلان جەڭ قىلغاچ قوشۇننى كەينىگە چېكىندۈرۈپ ئامال بار ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
بۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ھۈسەيىن خان ئېتىنى دېۋىتكىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. خاننىڭ كەينىدىن خاس قورۇقچىلارمۇ بىللە ماڭدى. ھۈسەيىن خان شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە جەڭگە ئېتىلدى. دۈشمەن سېپىگە كىرىپلا ئەسكەرلىدىن نەچچىنىڭ بېشىنى كېسىپ سەپلەرنى يېرىپ ئالغا سىلجىدى. ھۈسەيىن خاننىڭ جەڭگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئارسلان خاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ خان تەرەپكە ماڭدى. خاننىڭ يېنىغا كېلىشكە ئۈچ-تۆت مېتىر ئارىلىق قالغانىدى ھۈسەيىن خاننىڭ سول كۆكرىكىگە ئوقيادىن بىرسى تەگدى. ئارسلان بۇرۇلۇپلا ئوقيا ئاتقۇچىغا قارىۋېدى ئوقيانى ئابدۇللا خاننىڭ ئوغلى ۋەلى ئاتقانىدى. ھۈسەيىن خان كۆكرىكىنى تۇتۇپلا ئاتتىن يىقىلدى. ئارسلان ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ خاننى يۆلىدى.
توغرۇل. خان ئاتام يارىلاندى، دەرھال چېكىنەيلى،ــ دەپ توۋلىدى ئارسلان.
توغرۇل قوشۇنغا چېكىنىش بۇيرۇقىنى بەردى. ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاچ كەينىگە چېكىندى. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنى بۇلارنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنى بارگاھلىرىغا يېقىنلىشىشقا ئاز قالغاندا ئابدۇللا خاننىڭ بارگاھى تەرەپتىنمۇ قوشۇنىغا چېكىنىش بۇيرۇقى بېرىش دۇمبىقى چېلىندى. چۈنكى ئۇلار ھۈسەيىن خانغا ئوقنى تەگكۈزۈپ مەقسىتىگە يەتكەنىدى. پادىشاھ يارىلانسا قالغان ئىشلار بۇلارغا ئاسانغا چۈشەتتى.
ھۈسەيىن خاننى چېدىرىغا ئەكىرىپ ياتقۇزىدى. ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. تىۋىپلار ئوقيانى تارتىۋېتىش ئۈچۈن دورىلارنى تەييارلاپ تەييارلىق قىلدى. تىۋىپ ئوقيانى تارتىشقا تەمشىلىپ بولۇپ توختاپ قالدى. ھۈسەيىن خاندىن قاننىڭ بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ بىئارام بولىۋاتقان ئارسلان تىۋىپنىڭ ئوقيانى دەرھال تارتماي توختاپ قالغانلىقىغا ئاچچىقى كەلدى.
نېمىگە توختاپ قالىسەن، خان ئاتامدىن ئوقيانى دەرھال تارتىۋەت!ــ ئارسلان شەمشىرىنى تىۋىپنىڭ گېلىغا تەڭلىدى.
ئارسلان ئۆزۈڭنى بېسىۋال!،ــ دېدى توغرۇل ئارسلاننىڭ قولىدىكى شەمشەرنى تارتىۋالدى.
خانغا تەگكەن ئوقيا زەھەرگە چىلانغان ئوقياكەن، ئەگەردە ئۇنى ھازىرلار تارتىۋەتسەم زەھەر پۈتۈن بەدەنگە تاراپ خاننىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ، ئوقيانى ھازىرچە تارتىۋەتمەي تۇرساق ئالىيلىرى يەنە نەچچە سائەت ياشىيالىشى مۇمكىن،ــ دېدى تىۋىپ تىزلانغىنىچە.
چېدىردىكى ھەممەيلەن جىمىپ كېتىشتى. ھەممەيلەن خاننىڭ كارۋىتى يېنىدا تىزلاندى. تىۋىپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ياتقان خان كۆزىنى ئاستا ئېچىپ بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى.
ئارسلان، سەن بېرىپ ئايچىۋەرنى چاقىرىپ كەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋالاي ،ــ دېدى ھۈسەيىن خان ناھايىتى زەئىپ ئاۋازدا.
ماقۇل، خان ئاتا مەن ھازىرلا چاقىرىپ كېلەي ،ــ ئارسلان ئالدىراپلا چىقىپ كەتتى.
ئارسلان يارىدارلارنى داۋالايدىغان چېدىرلارغا كەلدى. ئايچىۋەر جەڭدە يارىلانغان ئەسكەرلەرگە دورا سۈركەپ يارىلىرىنى تېڭىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئارسلاننىڭ كەلگەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى.
ئايچىۋەر، خان ئاتام سىزنى چېدىرىغا كەلسۇن دەيدۇ،ــ دېدى ئارسلان كۆز ياشلىرىنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.
ئايچىۋەر بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى.
نېمە ئىش بار ئىكەن؟ جەڭدە يارىلانغان ئەسكەرلەر بەك كۆپ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ بولۇپ ئاندىن باراي. خان ئاتامنىڭ جەڭدىن يېنىپ كېلىپلا مېنى كۆرگۈسى كېلىپ قاپتۇما؟ بارمايمەن بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئاندىن بارىمەن،ــ دېدى ئايچىۋەر ئارسلانغا چاخچاق ئارىلاش.
ئايچىۋەر خان ئاتام سىزنى دەرھال كەلسۇن دەيدۇ، تېز بولۇڭ!،ــ دېدى ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپلا ماڭدى.
ئارسلاننىڭ ھەركەتلىرىدىن بىر خىل ئەنسىزلىكنى سەزگەن ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ قولىدىن قولىنى تارتىۋالدى.
ماڭا راست گەپ قىلىڭ! خان ئاتامغا نېمە ئىش بولدى؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
ھېچ ئىش يوق، خان ئاتامنىڭ سىزنى كۆرگىسى كېلىپ قاپتۇ. بىز باشقا گەپنى قويۇپ تېزراق ماڭايلى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ئالدىرىتىپ چېدىر تەرەپكە ماڭدى.

(9)


ئايچىۋەر چېدىرغا كىردى. ھەممەيلەن كارىۋاتتا ياتقان ھۈسەيىن خاننى ئورىۋالغانىدى. ئايچىۋەرنى كۆرۈپ ھەممىسى نېرى كەتتى. ئايچىۋەر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ خاننىڭ يېنىغا كەلدى. كارىۋاتنىڭ يېنىدىلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشەتتى.
خان ئاتا، مەن كەلدىم،ــ دېدى ئايچىۋەر يىغا ئارىلاش.
ھۈسەيىن خان كۆزىنى تەستە ئاچتى. زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىگە بارغانسېرى تاراپ ھەركەتلىرىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار! مەن بىردەم ئايچىۋەر بىلەن يالغۇز قالاي،ــ دەپ بۇيرۇق قىلدى.
چېدىردىكى ھەممەيلەن چىقىپ كەتتى، توغرۇل چىقىپ كەتكۈسى يوق بىر نەرسىلەرنى دېگۈسى بار چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ خاننىڭ بۈگۈننى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. خاننىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ھەممە ۋەزىرلەر، سەركەردىلەر ئالدىدا توغرۇلنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغۇسى بار ئىدى.
ھۈسەيىن خان بىردەم كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتتى. ئايچىۋەر ئاتىسىنىڭ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرۈتكەچ ئاتىسىغا تاشلاندى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار توختىمايتتى ھەم ئېغىزىمۇ گەپكە كەلمەيتتى. ھەممە دەرتلىرىنى كۆز يېشى ئېيتىپ بەرمەكتە ئىدى.
ھۈسەيىن خان قولىنى ئاستا مىدىرلىتىپ ئايچىۋەرنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى.
بالام، سۆزۈمگە قۇلاق سال! ۋاقتىمنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا سۆزۈمنى ئېيتىۋالاي.
ئايچىۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاتسىنىڭ يېنىدا كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇردى.
ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، سۆز قىلىشىم قىيىنلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنچە يىل پادىشاھ بولۇپ كەلدىم. ئەلنى ئادىللىق بىلەن باشقۇردۇم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۈشمەن بىزنىڭ زىمىنىمىزغا كۆز تىكىۋاتىدۇ. ئۇلار زىمىنىمىزنى ئىگەللەپ خەلقنى ۋەيران قىلماقچى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويماڭلار. نىران خانىدانلىقى شۇنچە يىللاردىن بېرى گۈللىنىپ كېلىپ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولسا مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خاتىرجەم ياتالمايمەن. قىزىم، ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ۋەزىپە، ئەل-ۋەتەننى مەڭگۈ قوغدىغىن! بۇ ئاتاڭنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدى. يەنە مەن ساڭا جەڭگە مېڭىشتىن بۇرۇن دېگەندەك مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن شاھلىق تەختىگە ئارسلان ۋارسلىق قىلسۇن. سەن ھەر ۋاقىت ئارسلانغا ياردەمدە بولغىن! سەن نىران خانىدانلىقىنىڭ بىردىنبىر مەلىكىسى، ئارسلانغا سەنلا ياردەم قىلالايسەن. ئىككىڭلار بىرلىكتە خانلىقنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم ھەمدە سىلەرنىڭ چوقۇم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. مەن ھازىرلا ئارسلاننى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلاي دېسەم ۋەزىرلەرنىڭ باھانە سەۋەبلىرى بەكلا كۆپ، مەن كۆپ قېتىم ئويلىنىپ بۇ ئىشلارنى مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭلارنى لايىق تاپتىم.،ــ ھۈسەيىن خاننىڭ گەپ قىلمىقى تەسلىشىپ كەتتى.
ئايچىۋەر ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى.
ئايچىۋەر قارا قىزىم، ئاناڭ ئاپئاق كىيىم بىلەن ئاسماندا ئۇچۇۋاتىدۇ، ئۇ مېنى يېنىغا چاقىرىۋاتىدۇ، مېنى بىللە سەپەر قىلىشقا… ھۈسەيىن خاننىڭ ئاسمانغا سوزغان قولى ئاستا چۈشۈپ كەتتى.
ئايچىۋەر بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىدى. مەلىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان سىرىتتىكىلەر ئالدىراپ كىردى. ھۈسەيىن خان جان ئۈزگەنىدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ جەڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ھۈسەيىن خاننى ئوردىغا ئەكىلىپ دەپنە قىلىپ بولغىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىنى كۆزۈتىۋاتقان ئايغاقچىلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئابدۇللا خاننىڭ ھۈسەيىن خاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئازراق ئىنساپى تۇتتىمۇ باشقا شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلماي بارگاھىدا جىممىدە تۇرۇېتىپتۇ.
دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلمىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ ئايچىۋەر سەل يېنىكلەپ قالدى. ئۇ بۈگۈنمۇ بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتاتتى.
ئايىغى چىقماس خىياللار ئۇنى چىرمىۋالغانىدى. ئايچىۋەر تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىش ئارسلاننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇش بۇ ئۇنىڭ بېشىنى خېلىلا قاتۇرىدىغان مەسىلە ئىدى. توغرۇل ھۈسەيىن خان ۋاپات بولغىنىغا ئىككى كۈن بولغاچقا ھازىرچە باشقا ئىپادە بىلدۈرمەي جىم يۈرۈۋاتىدۇ. يەنە نەچچە كۈن ئۆتسە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلايدۇ. ئايچىۋەر ئارسلاننى مۇۋاپىق پەيتتە ھېچكىم بىرەر نەرسە دەپ قارشى چىقالمىغىدەك ئەتراپلىق پىلان بىلەن ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇشى كېرەك. بولمىسا ئاۋارىچىلىقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ خىياللار بىلەن بەنىت بولۇپ كەتكەن ئايچىۋەر يېنىغا ئارسلاننىڭ كەلگىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.


(10)


خىزمەتكار قىزدىن سورىسام سىزنى مۇشۇ يەردە دېدى، رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا كىرىۋەردىم،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
كېرەك يوق، بىز ئاكا-سىڭىل تۇرساق رۇخسەت سوراپ كىرىش كېتەمدىكەن؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى.
كەيپىياتىڭىز قانداقراق؟ ئىنسان ئاجىز كېلىدىكەنمىز تەقدىرىمىزگە يېزىلغاننى كۆرمەي ئامال يوقكەن،ــ دېدى ئارسلان ئاسمانغا كۆزىنى تىكىپ.
بۈگۈن خېلى ياخشى تۇرىمەن، مەن سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرغانىدىم. كۆڭلىڭىز تۇيغاندەك ئۆزىڭىز كەپسىز،ــ دېدى ئايچىۋەر ئۆزىدىكى پەرىشانلىقنى يۇشۇرۇپ خۇشال كەيپىياتتا.
بىرەر مۇھىم ئىش بارمىدى؟ پەرىشانلىقىڭىزنى باشقىلاردىن يۇشۇرسىڭىزمۇ مەندىن يۇشۇرۇپ قالالمايسىز، سىزنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئەمما يەنىلا غەيرەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى پۈتكۈل ئەل سىزگە موھتاج. خەلق سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئوردا خېلىلا قالايمىقان خان ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا ھەممەيلەن ئازابلاندۇق. ئەمدى سىز زىممىڭىزدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا خەلققە يۈز كېلەلمەيسىز،ــ ئارسلاننىڭ يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى دېگۈسى بار ئىدى. يەنىلا توختاپ قالدى.
مەنمۇ سىزنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىزدىمەكچىدىم. مەرھۇم خان ئاتام بۇ جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇنلا مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن. خان ئاتام توغرۇل ئاكامنى تەخىت ۋارىسى بولۇشقا لايىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. توغرۇل ئاكامنىڭ ئىشلىرىنى دېمىسەممۇ سىز بىلىسىز. مەن دېگەن قىز بالا شۇڭا خان ئاتام مېنى تەخىت ۋارىسى قىلاي دېسە مېنىڭ ئاجىز كېلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىدى. ھەم مەنمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن. خان ئاتام تەخىتكە ۋارىس بولۇشقا سىزنىلا لايىق دېگەنىدى. پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان تاغام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قويدۇم، ئەتە سىزنى تەخىت ۋارىسى دەپ پۈتكۈل ئوردا ئەھلى ئالدىدا جاكارلىماقچى نىران خانىدانلىقىنىڭ پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىدىغان قائىدىسى بويىچە نىران خانىدانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى خانلىق شەمشىرىنى سىزگە تاپشۇرىمەن. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقالمايدۇ،ــ ئايچىۋەر ئارسلاننى نېمە دەيدىكىن دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ. مەن قانداقمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن. يەنە كېلىپ مەن خان ئەۋلادى ئەمەس، خەلق مېنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەن بۇنداق بولۇشىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان. مەن مېنىڭ كەلگۈسۈمنى مۇشۇنداق پارلاق قىلغان خان ئاتامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىياللارنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىدىم. نامرات بىر كەپە ئۆيدە تۇرىدىغان بىر دېھقان بالىسى بۈگۈنكىدەك شان-شۆھرەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ھەممىسى مەرھۇم خان ئاتامنىڭ ماڭا قىلغان زور شاپائىتى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە خان ئاتامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بىراق، مەن بۇ تەكلىپمنى قۇبۇل قىلالمايمەن.ــ، ئارسلان قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
ئارسلان ئاكا، بۇ خان ئاتامنىڭ ئارزۇسى، ئۇ سىزگە ئىشىنىدۇ سىزنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىڭىزغا كۆزى يەتكەچكە شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى سىزگە تاپشۇرغان.بۇ ۋەزىپىنى چوقۇم ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.ھەمدە ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز تەخىتكە چىققاندىن كېيىن مەنمۇ سىزگە ياردەملىشىمەن.ــ، ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ يېلىنغان قىياپەتتە بۇ گەپلەرنى دېدى.
ياق! ئايچىۋەر، مەن بۇ ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلالمايمەن،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يەنە سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمەي كېتىپ قالدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 09:46 AM  


بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66766
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 11:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 11:34:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 04:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز .

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 05:50:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىران خانىدانلىقى، مىيرەن دىگەن يەر گە يېقىن مىكىنە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 05:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزراق يوللارسىز...

مېھرىماھ

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 06:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا  قاراپلا  قالدۇق ، بەك ساقلىتىۋەتمەسسىز !

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:10:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، غەيرەت قىلىڭ .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10645
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1469 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:47:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن

جاھان

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 09:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، داۋامى قانداقتۇ؟

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش