تاڭلارنىڭ كۆكسىدە ئۇزۇلۇپ ياتتىم
نۇر مۇھەممەد شۈكران
مەن سېنىڭ تۈنىڭگە كىرگەن ئاخشىمى،
يۇلتۇزسىز ئىدىغۇ ئاسمىنىڭ تۇمان.
دېرىزەڭ غۇۋالىق دەستىن سىھرلىك،
دەشتىڭدىن دەشتىمگە چىقانتى بوران.
ئازاپنىڭ شاخلىرى يەلپۈنسە سەلكىن،
ئۆيۈڭدەپ غىڭشىدىڭ چېچىڭنى تاراپ.
قۇتىرىغان شەيتاننىڭ ئازابى ئاچچىق،
چۈش كۆردى چۈشلىرىم كۆزۈڭنى يالاپ.
ئۇ كېچە بەك ئۇزۇن ئازاپلىق ئىدى،
شوراڭغا يۆگىنىپ بىر بىر چالما ئاتتىم.
سەن مېنىڭ ئازابىم بولدىڭ شۇ بىرى،
تاڭلارنىڭ كۆكسىدە ئۇزۇلۇپ ياتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 08:56 PM