بىرىنچى دەرس ئۈچۈنچى پارگىراف
3. قايتا – قايتا يىقىلسىمۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك
كۆپ قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يولى ھەرگىزمۇ راۋان بولمايدۇ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنىش تەس. بىر قىسىم كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىققائۇچراپ مەغلۇب بولسىلا ئۆزىگە شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللىقاچان سىناپ باقتىم، ئەمما بەختكە قارىشى مەغلۇب بولدۇم.» شۇنىڭدىن باشلاپ ھەركەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ياكى قايتا سىناپ باقمايدۇ؛ ئەكسىچە سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەر قايتا – قايتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، ھەمىشە ئۆزىگە شۇنداق دەيدۇ: «مەن مەغلۇب بولمىدىم، پەقەت تېخى غەلبە قىلمىدىم.»
مايۈن مۇنداق دىگەن: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت مەڭگۈ ۋاز كەچمىسەكلا، بىز يەنىلا پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمىز.» خۇددى مايۈننىڭ ئېيىتقىنىدەك، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىمۇ ئەگرى – توقايلىقلارغا، خىيىم – خەتەرلەرگە تولغان، بىراق ئۇ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرگەن.
ھەقىقەتەن،بىر ئادەم بەزى زەربىلەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ناھايىتى پاسسىپلىشىپ كېتىدۇ. زەربىگە ئۇچرىغان شۇ ۋاقىتتا، سىز ئۆزىڭىزنى خۇددى ئېغىر زەربىدىن يەرگە يىقىتىۋىتىلگەن،باشلىرىڭىز غوڭۇلداۋاتقان، قۇلاق تۈۋىڭىزدە تاماشىبىنلارنىڭ مەسخىرىسى ياڭراۋاتقان بوكىس ماھىرىدەك ھېس قىلىسىز – دە، مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارايدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا، سىز ئۆزىڭىزنى قايتا ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن دەپ ئويلايسىز، ھەتتا سىزنىڭ ئورنىڭىزدىن تۇرغىدەك ماجالىڭىزمۇ قالمايدۇ!
ئەمما، سىزچوقۇم ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز كېرەك. بىر بوكىس تەنھەركەتچىسى مۇنداق دىگەن: «سول كۆزۈڭ يارلانغان ۋاقىتتا، ئوڭ كۆزۈڭنى يەنىلا چوڭراق ئېچىشىڭ كېرەك، شۇندىلا ئاندىن رەقىبىڭنى كۆرەلەيسەن – دە، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا پۇرسەت چىقىدۇ. ئەگەرئۇنداق قىلماي، ئوڭ كۆزۈڭنىمۇ ئېتىۋالساڭ، كۆزۈڭ يارلىنىپلا قالماستىن، ھاياتىڭنى ساقلاپ قېلىشىڭمۇ تەسكە توختايدۇ!»
ئۇنىڭدىن باشقا، سىز مەغلۇب بولغان ۋاقىتتا چوقۇم نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا تاماشىبىنلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە مەغلۇب بولغاندىكى نومۇس تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سىز چوقۇم كۆزلىرىڭىزنى يەنە ئېچىشىڭىز، قۇۋۋىتىڭىزنى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرىشىڭىز ھەمدە ئاغرىق ئازابىنى بېسىقتۇرۇپ، مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئامېرىكا تۈرلۈك ماللار پادىشاھى مېس 1882 – يىلى بوستوندا تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ باققان، كىيىن بىر يايما ئاچقان، ھالبۇكى يايما ناھايىتى تىزلا تاقىلىپ قالغان. بىر يىلدىن كىيىن، ئۇ يەنە بىر يايما ئاچقان، بىراق بۇ قېتىممۇ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللەنگەن.
ئالتۇن كولاش قىزغىنلىقى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان ۋاقىتتا، مېس كالفورنىيەدە بىر كىچىك ئاشپۇزۇل ئاشقان، ئۇ ئەسلىدە ئالتۇن كولىغۇچىلار بىلەن دەسمىسىز ھالدا راۋان سودا قىلىمەن دەپ ئويلىغان، بىراق نۇرغۇنلىغان ئالتۇن كولىغۇچىلار ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەچكە، ئۇنىڭ كىچىك ئاشپۇزۇلىمۇ تىجارىتىنى ئاختۇرالماي تاقىلىپ قالغان.
ماسساچۇستىسقا قايىتقاندىن كىيىن، مېس ئىشەنچكە تولغان ھالدا كىيىم – كىچەك تىجارىتىنى باشلىغان، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ تىجارىتى توختاپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ ھېچنىمىسى قالمىغان.
تەۋەككۈلچى مېس يەنە يېڭى زىلاندىيەگە بېرىپ كىيىم – كىچەك تىجارىتىنى باشلىغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ تىجارىتى يۈرۈشكەن. تۇنجى كۈنى تىجارەت باشلىغاندا ئۇنىڭ ھېساۋاتىدا پەقەت 11.08 ئامېرىكا دوللىرىلا قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ مانخاتتون مەركىزى رايونىغا جايلاشقان<مېس تۈرلۈك ماللار شىركىتى> ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار سودا شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئادەم مەغلۇب بولغاندىمۇ چوقۇم ئورنىدىن قايتاتۇرۇش كېرەك! مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىلەن مەغلۇبىيەتچىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر پەرقى بار: مەغلۇبىيەتچى ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىقنى مەغلۇبىيەت قاتارىدا كۆرىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق ئۇنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئەزەلدىن مەغلۇبىيەتكە ئىشەنمەيدۇ، ئۇ مەغلۇبىيەتنى قايتا كۆرەش قىلىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ.
2006 –يىلى، لىنياڭ ئۆزىنىڭ مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، «شىدىيەن ھەربىي لازىمەتلىكلەر دۇكىنى» نى ئاچىدۇ، كىچىكىدىن باشلاپ ھەربىي ئىشلار بىلىملىرىگە قىزىقىدىغان لىنياڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىنى ئىگىلىك تىكلەش نىشانى قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى.
ھالبۇكى،تىجارەت باشلاپ ئوزۇن ئۆتمەستىنلا لىنياڭ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنىڭ تىجارىتى ئۇ ئويلىغاندەك ياخشى بولمىغان ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭىلىققا ئىنتىلگەچكە،دەسلەپتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكىنىغا قەدەم تەشىرىپ قىلىدۇ. بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كەلگەن كىشىلەر پەقەتلا كۆرۈپ سېتىۋالمايدۇ، ئۇنىڭ سودىسىمۇ كاساتلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ كىچىك دۇكاننىڭ يېرىم يىللىق ئىجارە ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، ھېچقانداق پايدا كۆرەلمىگەن لىنياڭ ھەربىي لازىمەتلىكلەر دۇكىنىنى تاقايدۇ– دە، ھېسابلاپ كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق زىيان تارتقانلىقىنى بايقايدۇ.
تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، لىنياڭ ئازراق پاسسىپلىشىدۇ.ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ئارقىسىدا، لىنياڭ ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە مۇقىم خىزمەتتىن بىرنى تاپماقچى بولىدۇ.
ھالبۇكى،خىزمەت قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن، لىنياڭ ئۆزىنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىنى، چوقۇم جاھان كۆرۈشى لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ بېيجىڭدىكى بىر تاتلىقياڭيۇ دۇكىنىدا پۇشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇنداق قىلىپ 2008 – يىلى 10 – ئاي ئەتراپىدا ئۇ يەنە ئىش ھەققى خېلىلا يۇقىرى بولغان سېتىقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇ تاتلىق ياڭيۇ دۇكىنىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدىن 8 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى دۇكاننى ئىجارىگە ئالىدۇ، ھەمدە 8000 يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ باش شىركەتتىن تاتلىقياڭيۇ قاقلاشتا ئىشلىتىلدىغان ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزۈپ ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك يارىتىش سەپىرىنى باشلايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، لىنياڭنىڭ تاتلىقياڭيۇ دۇكىنىنىڭ سودىسى خېلىلا ياخشى بولۇپ، سودا بېسىقۋاقىتلاردا كۈنلۈك كىرىمى 1000 يۈەنگە يېتىدۇ، سودا كاساتلاشقان ۋاقىتلاردىمۇ ھەرخىل تاتلىقياڭيۇ ياپراقچىلىرىنى سېتىپ دۇكان ئىجارىسىنى قامدىيالايدۇ. بىراق لىنياڭ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنگەن ئەمەس، ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە بۇ پەقەتلا بىر كىچىك تۈر، يەنى ئۆتكۈنچى تۈر، مەن ئىزچىل بازار يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئۆزۈمگە كۈچ توپلايمەن.»
ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم تىرىشىشىڭىز كېرەك؛ ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك؛ ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، يىقىلىپ كەتسىڭىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز كېرەك!
بىزدە «قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا، ئادەم تاۋلىنىدۇ.»دەيدىغان ھېكمەت بار. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئۇنى ئۆزىڭىزگە بولغان سىناق دەپ چۈشىنىشىڭىز، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ ئىشەنچ تۇرغۇزىشىڭىز، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يىقىلسىڭىزمۇ قايتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز لازىم! يەنە يىقىلىپ كەتسىڭىز يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرشىڭىز زۆرۈر! پەقەت شۇنداق بولغاندىلا سىز ئاندىن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز!
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 09:35 PM