غېرىپسىنىش
مەلىكەمۇھەممەت ھىلال
كۆزلىرىڭ دەردىمدەك قالسا ئامالسىز،
مەڭزىڭگەئاقىسەن غەمگە پاتىسەن.
چاقىرساڭ نىگارنى كەتسە جاۋاپسىز،
ئۆزۈڭنى باغاشلاپ يالغۇز قالىسەن.
تاماكائىسىغا قۇيۇپ ھەممىنى،
كۈل قىلاي دەيسەنۇ ئۆزۈڭ كۆيىسەن.
كۆيىسەن؟ئېيتالماي ھېچبىر سىرىڭنى،
كۆيەلمەي ئۆچەلمەي ئاخىر كۆنىسەن.
قاچماقچى بولىسەن تاشلاپ بۈگۈننى،
ئۈن-تىنسىز كۈتىسەن سۆيۈپ ئۆتىسەن.
سۆيگۈنىڭ بېغىدىن ئىزدەپ گۈلۈڭنى،
باھارنىڭ قوينىدا كۈزگە چۆكىسەن.
تۈنلەرگە تاشلىساڭ ئارمانلىرىڭنى،
ئۆتمۈشكە باغلانغان ئويغا مىنىسەن.
سېغىنىپ بىر سېنى سۆيگەن شۇ قىزنى،
ئېسىت دەپ ئەقلىڭگە شۇ چاغ كىلىسەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 05:48 PM