مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6998|ئىنكاس: 24

NASA: يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى



يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر ماڭا ئۇچۇر يېزىپ، مەندىن «بويد بۇشمەن» (Boyd Bushman) ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئالىم تور ئارقىلىق تارقاتان، «تاشقىي پلانېت ئادەملىرى راستىنلا بار بولۇپ، ئۇلار يەر شارىنى زىيارەت قىلىپ باققان» دېگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە سىن ھۆججىتىدە دېيىلگەن خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى  سورىدى  (ئۇ سىن ھۆججىتىنى ھازىرمۇ يۇتيۇبتىن تاپقىلى بولىدۇ).  مەن ئۆزەمگە خەت يېزىپ، بۇ ئىشنى سورىغان تورداشلارغا ھازىرغىچە ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم.  بۈگۈن مۇشۇ قىسقا يازمىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىشنى ھەممەيلەنگە بىراقلا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  

بۇ ئىش يالغان.  ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ.

ئامېرىكىدىكى «Lockheed Martin» شىركىتى ناسا ئۈچۈن بىر قىسىم ئالەم تېخنولوگىيىسىگە ئائىت نەرسىلەرنى ياساپ بېرىدىغان شىركەت بولۇپ، بويد بۇشمەن دېگەن كىشىنىڭ بۇرۇن ئاشۇ شىركەتتە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم بولۇپ ئىشلىگىنى راست.  بۇ كىشى 2014-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر سىن ھۆججىتى تەييارلاپ، ئۇنى تورلارغا چىقىرىپ قويغان.  ئۇ سىن ھۆججىتى ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولۇپ، پەقەت يېقىندىلا بۇ ئىش تورلاردا بىر قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالغان.   بويد بۇشمەننىڭ دېيىشىچە تاشقىي پلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا كېلىپ باققان ئىكەن.  ئۇ ھېلىقى سىن ھۆججىتىدە ئۆزىنىڭ بىر «تاشقىي پلانېت ئادىمى» بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.  ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىت بىر قىسىم يالغان گەپلەرنىمۇ قىلىدۇ.  ئۇ گەپلەر يالغان بولغاچقا، مەن بۇ يازمىدا ئۇلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايمەن.

ناسا ۋە «Lockheed Martin» شىركىتى قاتارلىق رەسمىي ئورۇنلارنىڭ ھېچ قايسىسى بويد بۇشمەننىڭ ھېكايىسىغا بىرەر ئىنكاس قايتۇرمىدى.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچار تەخسە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېلېۋىزور ئوبزورچىلىرى بولسا ئۇ كىشىنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ.  

مېنىڭ ئۆتكەندە بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە، ئامېرىكا ئۇچار تەخسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، «مەن ئۇچار تەخسىگە چىقىپ، تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى بىلەن بىر ھەپتە بىللە بولۇپ چۈشتۈم» دەۋالغان، ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە كىشىلەردىن 176 نەپەر كىشىنى تىزىملاپتىكەن.  كېيىن يالغانچىلارنى تاپىدىغان ئەسۋاپقا سېلىپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى پۈتۈنلەي يالغان چىقىپتىكەن.  بەزى كىشىلەر راستلا شۇنداق ئىش بولغاندەك بىر خىل روھىي ھالەتكە كىرىپ قالىدىكەن.  مېنىڭچە بۇ ئادەممۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرسى بولىشى مۇمكىن.  ناسا دىكىلەر ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى 1978-يىلى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن.  

شۇڭلاشقا مەن ھەممە قەرىنداشلاردىن بۇ خەۋەرگە ئىشەنمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى ھەققىدە بىر ئايرىم تېما يوللاپ، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلى ئۇچۇر بەرىمەن.

تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىكىسى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Video emerges of 'Lockheed Martin scientist' claiming aliens are REAL and that he worked at Area 51 on UFO technology
<http://www.dailymail.co.uk/scien ... technology.html>

[2] On Deathbed, Former ‘Lockheed Martin Engineer’ With ‘Top Secret Clearance’ Opens Up About…Aliens
<http://www.theblaze.com/stories/ ... p-about-aliens/>

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  تۆۋەندىكى قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.

2-رەسىم

2-رەسىم


3-رەسىم

3-رەسىم


4-رەسىم

4-رەسىم


5-رەسىم

5-رەسىم



رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئىشىنەتتىم بۇنداق خەۋەرلەرگە ،ھازىر قەتئىي .....
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزنى مۇشۇنداق خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىگنىڭىزگە ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2824
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سېزگە،بىزنى ھەر جەھەتتىن ئويغۇتۇپ كېلىۋاتىسىز

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنۇڭ تارقاتقان خەۋىرى يالغاندۇ ، لېكىن يەر شارىدىن باشقا چەكسىز كائىناتتا ھاياتلىق مەۋجۇت ، بۇنۇڭغا مەن قەتئىي ئىشىنىمەن ، شۇغۇنىسى ئۇ ھاياتلىقلار ئادەم شەكلىدە مەۋجۇتمۇ ياكى باشقا شەكىلدە بارمۇ ، بۇنى ياراتقۇچى ئىگەم بىلىدۇ .
سىزگە كۆپ رەھمەت !

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 02:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن «51-رايون» ھەققىدە بۇرۇن بىر پارچە قىسقا ماقالە تەييارلىغان.  بۇ «51-رايون» بۇ قېتىمقى بويد بۇشمەننىڭ «مەن بۇرۇن 51-رايوندا ئىشلىگەن»  دېگەن سۆزىدىكى «51-رايون» نىڭ نەق ئۆزى شۇ.  قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مېنىڭ ئۇ يازمامنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:

ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109824-1-1.html
= ==================================== =
بەزى قېرىنداشلار مەندىن ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ.  ئاشۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مېنىڭ تۆۋەندىكى قىسقا يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭلار:

  ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110012-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 02:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1852 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 03:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا .سىزنىڭ مۇشۇنداق ھەقىقىي ئەھۋاللار بىلەن بىزنى ئەپقاشتىلاردىن ساقىت قىلى] كەلگىنىڭىزگە رەھمەت .
  ئۆزۈمنىڭ شەخسى ئويلغۇنۇم بولسا ،ناسا ،فىدارىتسيە خەپسىزلىكى ،دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى دىگەندەك ئورۇنلار راست گەپ قىلىپ كىتىشىمۇ ناتايىن .ئىنسانلارنىڭ تاشقى دۇنيا ،تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە قالدۇرغان رىۋايەتلىرى ھىكايىللىرى ،خاتىرىلىرى 100يىل ئىچىدىلا قالدۇرۇلغان ئەمەس .قەدىمقى مەدىنىيەت ئىزلىرىدىنمۇ ئىنسانلار تاشقى پىلانىت ھەم تاشقى پىلانت ئادەملىرى ،ئىلاھچىلىق ،ئىتىقادچىلىقى خاتىرىلەنگەن خاتىرىلەرمۇ بار .نىمە ھەقىقەت نىمە يالغان بۇ پەقەت شۇ نەرسىنىڭ قىممىتى قالمىغان ئالدىن يىشىلىدۇ .ئىشىنىمەنكى ئىنسانلار كائىناتتا يالغۇر ئەمەس .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3649
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 03:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،تاشقى پىلانىت ئادىمىگە نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 03:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا ھەممىسى يالغان كەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 04:20:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا، UFO (نامەلۇم ئۇچار جىسىم)  دىگەن نەرسىمۇ يالغانمۇ؟ ئەگەر UFO دىگىنى راس مەۋجۇد بولسا، ئۇنى ‹‹ تاشقى پىلانىتلىق ئادەم››لەر ھەيدەيدىغاندۇ؟ بىر جاۋاپ بېرىۋېتىڭە ئەركىنكا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 04:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 05:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Acura يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 01:56 PM
ئۇنۇڭ تارقاتقان خەۋىرى يالغاندۇ ، لېكىن يەر شارىدىن با ...

پىكىرىمىز ئوخشاش ئىكەن

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش