نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ..
http://v.qq.com/page/a/u/a/a0139pfoeua.html
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : 0991-2377262 18099612180 18167829414
لاڭشىيەنپىڭ كىم ؟
لاڭ شيەنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
لاڭ شيەنپىڭ، ئىقتىسادشۇناس. 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دادىسى گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايورى، ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى شەرىقى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى. لاڭ شيەنپىڭ ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاتا-ئانىسى شاڭخەيغا قايتىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1974-يىلىدىن 978-يىلىغىچە تەيۋەن دۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، 1980-يىلى ئىقتىساد ئىلمىي ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، مۇخبىر بولغان. 1983-يىلى 27 يېشىدا ئانىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋارتون سودا مەكتىپىدە پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلى پۇل مۇئامىلە ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1986-يىلى پۇل مۇئامىلە ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە مالىيە ئىلمى لېكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1987-يىلى مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەمچى پىروفېسسور بولۇپ يۆتكەلگەن. 1988-يىلى ئوخىئو شىتاتلىق ئۇنىۋرسىتېتتا زىيارەتچى ياردەمچى پىروفېسسور بولغان. 1989-يىلى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ستېرىن سودا مەكتىپىدە لېكتور بولغان. 1993-يىل دوتسېنتلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەم ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994-يىلى ئۇ بىر ۋاقىتتا شياڭگاڭدىكى بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى تاشلاپ 38 يېشىدا شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1997-يىلى 41 يېشىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى باش لېكسىيە پىروفېسسورلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ھازىرغا قەدەر مۇشۇ خىزمەتتە. 1998-، 1999-يىللىرى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى پىروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ شىركەت تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگو بانكىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
«كارخانىچى»ژۇرنىلى مۇھەررىرىدىن ئىلاۋە
دۇنيا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يەنىلا ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۈت شارائىتتا لاڭ شيەنپىڭ دېگەن بۇ ئىسىمنى دۇنيا مىقياسىدا بىلىدىغانلار يىلسېرى كۆپەيدى. ئۇ شىركەت باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى، ئاساسلىقى شىركەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تۈرلەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، بىۋاسىتە سېلىنما، شىركەتنى قايتا تەشكىللەش، قوشۇۋېتىش ۋە سېتىۋېلىش، ۋەيران بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقارغان ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى. لاڭ شيەنپىڭ مالىيە ئانالىز ئۇسۇلى بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى جەريانىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ، بەزى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى يۈتۈۋېلىش قىلمىشىدىن گۇمانلانغان ھەمدە بەزى جايلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتىنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن. لاڭ شيەنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، بازارلىق كىتاب بولۇپ قالغان. 2010-يىلى 300 مىڭدىن كۆپ تور ئەھلىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ 2010-يىللىق جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
لاڭ شيەنپىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ، خەلققە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رېئاللىقنى ئاشكارىلاپ، دادىل تەكلىپلەرنى بېرىپ، چىرىلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادى، ئۆي-مۈلۈك كەسپى، جۇڭگو مائارىپى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەكلىپلەرنى بېرىش ئىقىتىدارىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئوچۇق نەزەرى، ئۆزگىچە تەھلىللىرى ئارقىلىق ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ ھەمدە خۇددى خارۋارد پىروفېسسور گرېگورىي مانكىۋغا ئوخشاش چۈشەنگىلى بولىدىغان تىل بىلەن ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە ۋىدېئولىرى ئىنتېرنېتتا كەڭ تارقالغان بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. 2010-يىلى 12-ئايدا ئۇ شى خەنبىڭ، يۈ جيەنرۇڭ، دەي شۈ، گو يىپىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 300 مىڭدىن كۆپرەك تورداشلار تەرىپىدىن بېلەت تاشلىنىپ جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىدىكى توققۇز داڭدار شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇلار جۇڭگو تۆۋەن قاتلام خەلق رايىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ ۋىجدانلىق زىيالىيلار دەپ قارالغان.
———————
مەزكۈر يازما ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى----
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھاكىمە مۇنبىرى» 11–ئاينىڭ 15–، 16–كۈنلىرى ئۈرۈمچى مەرھابا مېھمانخانىسى (يەنئەن مېھمانخانىسى)دا داغدۇغىلىق ئېچىلماقچى. يىغىنغا دۆلەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىن بولۇپ 1000غا يېقىن سەرخىل كارخانىلارنىڭ لېدىرى، باش دېرىكتور ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تاراتقۇلار قاتنىشىدۇ (شانئال ئۇچۇرى سالونى خەۋىرى).
11–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىنكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە لېكسىيە سۆزلىگۈچى دەل بىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن لاڭ شيەنپىڭ ئەپەندى بولۇپ، مۇھاكىمە مۇنبىرىدە «ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ (ۋاقتى: 15:30–13:30). مۇھاكىمە مۇنبىرى ئالاقىسى: 2377262، 18099612180، 18167829414
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 01:07 PM