ھەر بىر كىشى ئىشىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ،بىراق ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ناتايىن.چۈنكى،مۇۋەپپىقىيەت شىرىن ئارزۇغىلا قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس.ئۇنىڭ يوللىرى تولىمۇ ئەگرى-توقاي،قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن مۇۋەپپىقىيەت ئېگىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق،بۇ نوقتا تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.ئۇنداقتا مۇۋەپپىقىيەت قانداق قولغا كېلىدۇ؟
1.ساغلام بەدەن،يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەت ۋە پىسخىك ساغلاملىق بولىشى كىرەك. بۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئلدىنقى شەرتى.چۈنكى<تەن ساقلىق زور بايلىق>.
2.تەخىرسىزلىك،بۇرىچ تۇيغۇسىغا ئېگە،ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش زۆزۈر.ھەر بىر كىشى جەمىيەتنىڭ بىر ھۇجەيرىسى،شۇنداقكەن ئۇ جەمىيەتتە مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.مۇئەييەن بۇرىچ تۇيغۇسى،ئىجتىمائى غايە،كىشىگە جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئىزدىنىدىغان ئالىجاناپ روھنى يېتىلدۈرۈپ مۇۋەپپىقىيەت يولىغا باشلاپ بارىدۇ.
3.ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە جاسارەت بىلەن چىكىنمەي ئىلگىرلەيدىغان روھ بولىشى كىرەك.تۇرمۇشتا ئازاپ بىلەن بەخت،ئوڭۇشسىزلىق بىلەن غەلىبە ھامان قوش گىزەك،ئازاپتىن قورقسا بەختكە،قېيىنچىلىقتىن قاچسا غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.ئازاپ-ئوقۇبەتكە،قېيىنچىلىققا يولۇققاندا ئىككىلىنىش،گاڭگىراش،ئۈمىتسىزلىنىش،ھەتتا ئارقىغا چىكىنىش،ئاجىز،بىچارىلەرنىڭ ئىشى.مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى ھامان تۈرلۈك مۈشكۈلاتلار بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق نۇرلانغان.
4.ئۆزىگە ئىشىنىشى،ئىشىغا چىن ئىتىقادى،ئىخلاسى بولۇشى زۆرۈر.مۇتەپەككۇرلار<ئىشەنچ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم شەرتى> دېگەن ئىدى.كىشى ئىشىدا ئۇتۇق قازانماقچى بولىدىكەن ئالدى بىلەن باشقىلار قىلالىغاننى ئۆزىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى،ئۆزىنى توغرا تونۇپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بايقاپ، قابىلىيىتىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىشى لازىم.ئىشەنچ،ئىتىقاد كىشىگە ئۈمىدۋارلىق،جۇشقۇنلۇق،كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ھېچقانداق بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى ئۆزىگە ئىشەنچ ،ئىشىغا ئىتىقاد قىلماي بىر ئىشنى روياپقا چىقىرالىغان ئەمەس.
5.ئۆزى ياشاۋاتقان شارائىتنى توغرا چۈشىنىپ ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولىشى كىرەك.پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشى كىشىلەرگە ،بولۇپمۇ ياشلارغا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى.بازار ئېگىلىكى رېقابىتىدە تاللىنىش ياكى شاللىنىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپ قالدى.بىر مەشھۇر زات ئېيتقاندەك<ۋاقىتتىكى ھالقا ئۇنىڭ ئۇزۇن-قىسقا ،ئاز-كۆپلىكىدە بولماستىن،بەلكى ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشتا>.ئەۋزەل شارائىتتا ھاياتنى قەدىرلەپ،دەۋىر ياراتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن يېتىلدۈرگەنلەرگە مۇۋەپپىقىيەت ئىشىكى ئوچۇق،بىلىش كىرەك، مۇددىئا ھەركەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
مەنبە؛قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-5 03:59 PM