جۇدالىق
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
بۇ بەلكىم مەن ئۈچۈن ئاخىرقى كېچە،
ھىدىڭنى ئېپ قاچار سۈبھىدە شامال،
يۈرىكىڭ يۈرىكىم ئوخشاشلا زىدە،
مەۋجۇتسىزمۇھەببەت قىلغاچقا قامال.
سۆيگۈمنى ئاۋايلاپ ئاسرىدىڭ ئەركەم،
تەشنا دىل مەۋجىدە كۈتۈشكە تولۇپ.
قاقلىدىم دەردىمنى سۈكۈتكە ھەردەم،
مەڭزىمدىن بىردەريا ئازاپ ئاققۇزۇپ.
تىكىلدى پەلەكتىن ئىككىمىزگە كۆز،
سېنىڭدىن يىقىنراق سەزسەم سېنى ئۆز.
رەنجىدىڭ سەن كەتتىڭ شۇنچە پەرۋاسىز،
باغرىمنى تىلغىدى خەير دېگەن سۆز.
كۆزلەر پەرىشان
كۈتۈشلەردىن تۇنجۇققان كېچە،
تاپالمايدۇ دەردىگە دەرمان.
يوق سۆيگۈدىن زەررە نېسىۋە،
يۈرەك لەختە كۆزلەر پەرىشان.
بىر مۇھەببەت تاشلاندى چۆلگە،
گۈلىستانى بولغاندا ۋەيران.
قول سوزمىدى سۇلغان گۈلىگە،
ئويلار ئاچچىق كۆزلەر پەرىشان.
باغاشلىغان قاراڭغۇلۇقنى،
سېيپاپ ئۆتەرئۈمىدسىز ئارمان.
ئازاپلارغا چىلاپ يۈرەكنى،
كىرپىكلەر نەم كۆزلەر پەرىشان.
بۇ كېچىدە خىيال باياۋان،
يۈرەكتىن ھەم تۆكۈلەر ئارمان.
يېگانە كۈي يېگانە ھامان،
كۆزلەردەريا،كۆزلەر پەرىشان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 10:26 AM