ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ئەپسۇس،
ۋاپاسىزنى سۆيگەنلىكىمگە.
يالغۇز قىلىپ يارنىڭ بېغىدا،
يەنە ئۈنسىز كۈتكەنلىكىمگە.
ھەر سۆزىگە ئىشىنىپ بىراق،
يالغانلارغا كۆنگەنلىكىمگە.
كېچە-كۈندۈز مەستانە بولۇپ،
تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەنلىكىمگە.
ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەپ دائىما،
سۆيگۈ دەپلا يۈرگەنلىكىمگە.
يوق مۇھەببەت ئىشقىدا يەنە،
ساراڭلارچە كۆيگەنلىكىمگە.
ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ بۈگۈن،
ئىختىيارسىز كۈلگەنلىكىمگە.
ئىزىم قالغان سۆيگۈ بېغىدا،
ئۆزگىلەرنى كۆرگەنلىكىمگە.
دىلىمدىكى ھەممە ھەممىنى،
كۆز يېشىمغا كۆمگەنلىكىمگە.
باغاشلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قايتىپ كەلدىم تەنھا ئۆزۈمگە.
يىغلىماڭ ھەرگىز
يۈرىكىمدىن كەتمەڭ يىراقلاپ،
ھىجرانىڭىز دېڭىزدەك چەكسىز.
مەنلا ئاقايمە ڭزىمدىن تاراپ،
سىز يىغلىماڭ،يىغلىماڭ ھەرگىز.
سوغۇق دېمەڭ يارسىز كېچىنى،
كۆيمەكتىمەن سىزدە لاۋۇلداپ.
دەرتلىرىمگە تاشلىماڭ دىلنى،
كۈلكىڭىزنى كېتىدۇ ئالداپ.
ئىشقىڭىزدا ئۈنگەن چېچەكنى،
مېھىر بىلەن سۆيۈڭ ئۆزىڭىز.
ئىزىپ ئىزىپ لەختە يۈرەكنى،
يەنە ئىزىپ يىغلىماڭ ھەرگىز.
تاشلاپ قويۇڭ ئازاپقا مېنى،
ھەرنە ئىشقا سىز ئۈچۈن تەييار.
ئۇنتۇپ كېتىڭ ھەممە ھەممىنى،
دەردىڭىزنىڭ دەرمانى مەن بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 10:27 AM