مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 707|ئىنكاس: 6

ھىجران لىرىكىسى (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3083
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 01:54:20 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران لىرىكىسى(2)
  
 

ياش قۇرىغان كۆزلەردىن بەلكىم،
قانلار تەپچىپ تۇرىشى مۇمكىن.
سۆيگۈ نېمە بىلمەيدۇ ھەر كىم .
شاتلىق-قايغۇ ئىلگىرى- كىيىن .

تۇنجۇقىدۇ يۈرەكلەر ھامان  ،
قانلار قىلغاچ دىللارنى لەختە.
گۆش بىلەن قان بولسىمۇ تۇققان،
يۈرەك يار دەپ سوققان ئەمەستە .

سۆيگۈ ئۈچۈن ئوت بولۇپ ياندى،
يۈرەك كۆيدى چىدىدى ھامان ،
بىراق بىراۋ سۆيگۈدىن چاندى ،
بىلمەس كۆيۈك ھەممىدىن يامان.

قوقاس بولغان يۈرەك ئېھتىمال،
ھىس تۇيغۇدىن خېلىلا يىراق،
چۈشلىرىدە مۇدھىش بىر خىيال،
شاتلىق يىراق چىكىدۇ پىراق .

يۈرەك ئۆلدى قاينىدى نەپرەت .
ئاشىقلىق ئۇ ئەرزىمەس كۆپۈك.
كىتاپتىلا سۆيگۈ-مۇھەببەت ،
شۇنچە شىرىن شۇنچىلىك بۈيۈك.

يۈرەكلەرگە ئورنىتار ھىجران ،
سۆيگۈ شەيتان سۆيگۈدۇر قاتىل .
چىن يۈرەكتىن سۆيسىمۇ ئىنسان،
سۆيۈلۈشى تەس ئىكەن ئادىل .


ئەپچىلەم ئىجادىيىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-5 11:32 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 12:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ياخشى يېزىپسىز،مۇشۇنداق ئەسەرلىڭىزگە تەشنامىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 616 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 12:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر ،ھارمىغايسىز.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 10:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلغايسىز .

شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 10:44:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي ئۇكام ، ئەمدى بىراۋ ۋاز كىچىپ كەتسىلا ئاشىقلىقنى بىر ئەرزىمەس كۆپۈككە ئوخشۇتۇپ نەپرەتتە ياشاۋاتامسىز ؟ سىز دېگەن ئوغــال بالا ، كەتسە كەينىدىن بىراۋغا بەخت تېلەپ قويغۇلۇق (چاخچاق )
ئۇكام تېمىڭىزنى سىزگە باغلىۋالغىنىم ئەمەس . مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققان بارلىق ئاشۇ پېرسۇناژدەك كىشىلەرگە شۇنى دېمەكچى ؛
گەرچە مۇھەببەت شېرىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ ‹شېرىن› !
ئەمما ئادەم دېگەن ھاياتىدا ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كىلىدۇ  ، ئاشۇ سىناقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ ياشىغاندا ھېجراننىڭ قاشاڭ بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ يېتىۋەرمەي ،ئازاپ ، نەپرەت ،  ھېجرانغا جەڭ ئېلانمۇ قىلالايدۇ !

شېرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ . ھارماڭ ئۇكام .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106229
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-4-20
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 07:19:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت بەزىدە شۇنداق ھەسەلدەك تاتلىق يەنە بەزىدە بولسا مۇچ ‹لازا› كەبى زەھەردەك ئاچچىق!....مۇھەببەت بەجايىكى بورانلىق يامغۇردىن كىيىنكى كۈلۈپ تۇرغان قۇياشقا ئوخشايدۇ.  گەپنىڭ قىسقىسى ساپ مۇھەببەت- بەخىتتكە ئېرىشش ئۈچۈن بەدەل تۆلۈتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ!                                                                                                                             ھايات ئەگەر ئالدىسا سېنى،                                                                            مەيۈسلەنمە ھەرگىز بولما پەرىشان.                                                                                تىنچلانماق  لازىم  قايغۇدا،                                                                                            قۇۋناق كۈنلەر كېلىدۇ ھامان.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 12:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ھىسياتلىق،جانلىق چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش