|
|
|
|
2014-يىلى11- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى جۇڭگۇدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قايسى كوماندىلىرى تەركىۋىدە توپ ئۇينايدىغان ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىزنى تۈۋەندىكىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن؛
1. شىرئەلىجان مۇختەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1991-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.92مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 20-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، يىراقتىن توپ ئېتىش تەنھەركەتچىسى، 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يىۇقۇرى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى نەتىجە ياراتقان. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلگەن. CBA چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋە ئادىلجان سۇلايمان، دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ۋاسكىتبول چولپىنىغا ئايلانغان.
2. مەۋلان تۇرسۇن، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدىن، 1984-يىلى 17-ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 2.05 مېتىر. بەدەن ئېغىرلىقى131 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇچى، 32-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
1997-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناشقا باشلىغان، 2006-يىلى تۇنجى قېتىم چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسېكىتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2-بولىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە فوشەن كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2014-يىلى 2-ئايدا NBL كوماندىسى جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلغان. جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسى دەرىجىسى ئۆسۈپ 2014-يىلى جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) گە قۇشۇلغان.
مەۋلان تۇرسۇن يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا ۋاكالىىتەن جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) گە قاتنىشىدۇ.
3. مەردان تۇرسۇن، ئۇيغۇر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدىن، 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 2.05مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى131 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇچى، 33-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
مەردان تۇرسۇن ئىلگىر-ئاخىرى بۇلۇپ جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، بېيجىڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى، شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2014-يىلى 9-ئايدا ئاكىسى مەۋلان تۇرسۇن توپ ئوينىۋاتقان جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلغان.
4. ئارىسلان ئادىلجان ئۇيغۇر، 18 ياش، بوي ئىگىزلىگى 1.85مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 81 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 5-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ئارىسلان ئادىلجان داڭلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئادىلجان سۇلايماننىڭ ئوغلى، ئۇ ئىلگىرى 1-ئاۋغۇسىت ياشلار كوماندىسىدا تەربىيەلەنگەن. دۆلەت ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىغا ۋاكالىىتەن جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( CBA ) مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
5. مۇرات ئادىلجان، ئۇيغۇر، بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر، ئېغىرلىقى 86 كىلوگىرام، مۇرات ئادىلجان 1985-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2000-يىلى يەنى 15 يېشىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2002-يىلى شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ ئۇزۇن يىل شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن. 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىزنىڭ جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىلەكداشمىز.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-5 01:56 AM
|
|
|
|
|
|