كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىزىنى بويلاپ بىر غەزەل
قەلەم قاشلىق پەرىيزادىم مېنى غەمگە دۇچار قىلدى ،
سېلىپ ئوتقا،ئېلىپ جانىم ئۆزىگە بەك خۇمار قىلدى.
قاچان چۈشتى بۇ باشىمگە مۇھەببەتنىڭ كۆيۈك ئوتى ،
شۇنىڭدىن سارى ئەقلىم لال،مېنى ئول يار بى كار قىلدى.
كېزەرمەن كويىدا يارنىڭ يېتەرمەن دەپ ۋىسالىگە،
ئىچۈرگەيمۇ شەرابى قۇت،بەغايەت ئىنتىزار قىلدى.
قېشىنى يا قىلىبان ناۋەكىنى ئوق، ئۈزەدۇركىم،
بەجايىكى سەيد يەڭلىغ بۇ كۆڭلۈمنى شىكار قىلدى.
ئايا دوستلار ئىشق ئەھلى دەير ئىچرە دۇر مۇدام.
كاسەئى مەيى ۋەھدەتنى بۇ مەھجۇر تىلتۇمار قىلدى.
2014-11.4 يېڭىھىسار مەھجۇر