|
|
|
|
كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئەرىزنامىسى
شىنلاڭ تورى 31-ئۆكتەبىر خەۋىرى بۇ پەسىل يېڭىدىن Aدەرىجە قاتناشقان تەڭرىتاغ يىلىپىزى كوماندا ئەزالىرى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ئۈستىدىن كوللىكتىپ يازمىچە ئەرىز سۇنغان. ئەرىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كۇلۇب تەرەپ ئۇلارنىڭ مائاش ۋە مۇكاپات سوممىلىرى بەرمىگەن بولۇپ قوشۇلۇپ جەمئىي 1مىليۇن 900مىڭغا بارغان ھەمدە قەرىز ھېساباتى 3يىلغا يېقىنلاشقان. كوماندا ماھىرلىرى كۇلۇب باش دىرىكتورى لىجىيەن زوڭنىڭ بۇ ئىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھەمدە ئاخىرىدا چىدىيالماي كوللىكتىپ يازمىچە ئەرىز يېزىپ بارمىقىنى بېسىپ جۇڭگۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
خۇبىي خۇئاكەيئر كوماندىسى 2013-يىلى A دەرىجىسىنى ناھايىتى تەستە ساقلاپ قالغان ھەمدە ئىشنى 0دىن باشلاش ئۈچۈن بۇ يىل بېشىدا خۇبىييدىن شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كۇلۇب نامىنى تەڭرىتاغ يىلىپىزىغا ئۆزگەرتكەن. كۇلۇب دېرىكتورى لىجىيەن زوڭنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارا دىيىشچە ئۇدا 2يىل خۇبىي خۇئاڭشى شەھىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە پۇتبول بازىسى قۇرۇش توغۇرلۇق ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ تەستىققا ئېرىشەلمىگەن كېيىن كۇلۇب تەرەپ رەسمىي چېكىنىشنى قارار قىلغان ۋاقتىدا شىنجاڭ تەرەپنىڭ تەكلىپىگە ئېرىشكەن. شۇنداق قىلىپ كۇلۇب تەرەپ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشنى لايىق تاپقان.
تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 2014-يىللىق مۇسابىقىسىدە دەرىجىسىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما بۇ پەسلىدە مائاش بەرمەسلىك مەسلىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىن باشقا شىنجىن قىزىل ياقۇت ۋە چىڭدۇ تىيەنچېڭ كوماندىلىرىمۇ ئوخشاش ھالدا كۇلۇب تەرەپتىن بۇ ئىشقا نارازى ئىكەن.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ ئومۇمىي قەرىزى زادى قانچە؟
كوماندا ماھىرلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە : ئالدىنقى يىلدىكى 200مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات سوممىسىدىن ھازىرغىچە بېرىلگىنى 100مىڭ يۈەن ؛ بۇلتۇرقى 1ئايلىق مائاش، 3مەيدان غەلبە 2مەيدان تەڭلەشگەندىن مۇكاپات سوممىسى؛ بۇ يىلدىكى 4مەيدان مۇكاپات سوممىسىمۇ بىرىلمىگەن ھەتتا توپچىلارنىڭ مائاشى 8-ئايدىن كىيىن توختاپ قالغان؛ بۇيىل بۇ كوماندا مۇكاپات سوممىسىنى غەلبە قىلسا 300مىڭ يۈەن تەڭلەشسە 100مىڭ يۈەن قىلىپ بىكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇكاپاتتىن باشقا يەنە توپچىلارنىڭ مائاشىمۇ توختاپ قالغان. كوماندىدىكى ئاساسلىق ماھىرلارمۇ 4ئايدىن بېرى مائاش ئالالمىغانلىقىنى دېگەن. مەلۇم مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە كۇلۇب تەرەپنىڭ كوماندا كىيمىنى تەمىنلىگەن شىركەتتىنمۇ يەنە بىرقىسىم قەرزى بارلىقىنى ئاشكارلىغان. كوماندا ماھىرلىرى مەسئۇل خادىملار دىرىكتورىنىڭ بۇ ئىشىدىن نارازى بولغان ھەتتا باش دىرىكتور لى جىيەن زوڭ بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەچكە، كوماندا ئەزالىرى ھازىرغىچە باش دىرىكتورىنى ئۇچراتمىغان. كوماندا ماھىرىنىڭ دىيىشچە : ھەممىز نەچچە مىڭ كىلومتىرلىق يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ ھازىرغىچە جاپا چېكىپ كۇلۇبىمىزغا ياردەم بەرسەكمۇ يەنە مائاشىمىزنى تولۇق ئالالمىدۇق ھەتتا پەسىل باشلانغاندىن بۇيان ئۇ ئۆزىنى كۆرسەتمىدى.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي قەرىزى 1مىليۇن 900مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ئىشتا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىپ پەسىل ئاخىرىدا ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ قان تەرىگە كەلگەن مائاشىنى تولۇق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
مەنبە: http://sports.sina.com.cn/b/2014-10-31/18477390980.shtml
|
|
|
|
|
|