قىزىم مەكتەپكە كىرگەن يىلى ،يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتى شەھەرگە يۆتكىلىش سەۋەپلىك بىزمۇ شەھەرلىك بولۇپ قالدۇق ، شەھەر شۇ قەدەر پاكىزە ،قەۋەت –قەۋەت بىنالار ،سودا –سارايلار ،سۈنئى ئوسۇلدا بەرپا قىلىنغان چىملىقلار ،دەم ئېلىش ،چىنىقىش ئورۇنلىرى ،ئويۇنچۇق ئويناش ئۆيلىرى ،تېخى يازنىڭ كىرىشى بىلەن ھەر كۈنى كەچلىكى قىزىپ كېتىدىغان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان خەلق باغچىسى ،بىر تەرىپىگە قارىسا جۈپ –جۈپ بۇلۇشۇپ لەرزان مۇزىكىغا جۆر بولۇپ تانسا ئوينىشۋاتقان ئەر- ئاياللار ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشۋاتقان كىچىك بالىلار ،فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ ،ھەر خىل شەكىللەردە ئۆزگىرىشىنى تاماشا قىلغاچ، سۈنئى كۆل بويىدا ئولتۇرۇشقان ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر ،ئەيۇھەنناس نېمە دىگەن قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن شەھەر تۇرمۇشى بۇ؟!
دەسلەپتە بۇ تۇرمۇشنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان خۇشاللىقلىرىنىڭ تۇرتكىسىدە ئاغزىمىزنى ئېچىپ يۇمالمايلا قالدۇق ،لىكىن بارا-بارا ئەتراپىمىزدا نىمىدۇر بىر نەرسە كامدەك ،بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ،قەيەرلىرىدىندۇر بىز ئىزدەۋاتقان نەرسىلەر يوقتەك بىر خىل كەيپىياتتا بولۇپ قالدۇق ... ئىھتىمال شۇ قەدەر پاكىزە كۆرۈنگەن بۇ شەھەرنىڭ ئادەمنى چۈچۈتكۈدەك بولغانغان ھاۋاسىغا ۋە تەبئى بولمىغان ،قايتا-قايتا تازىلاشلاردىن كىيىن ئىچىۋاتقان سۈيىگە ،يەنە نىمىلەرگىدۇر كۆنىشەلمىگەندىمىز ...
...
،ھىچكىمنىڭ بىر-بىرى بىلەن كارى يوق ،ھەتتا خۇشنىلارمۇ تۈزۈك كىرىش –چىقىش قىلمايدىغان ،ھەممەيلەن ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن شۇ قەدەر ئالدىراش . ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىنىشكەن شەھەرلىكلەرنىڭ ، بۇلۇپمۇ قىنىق گىرىمىگە قوشۇپ ، ،ھەر خىل رەڭلەردە بويىۋالغان ،قىزىل سۆسۈن ،كۆمۈش رەڭلەردىكى ئوزۇن قىسقا چاچلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىشىپ ، نەلەرگىدۇر ئالدىراش كېتىۋاتقان قىز-چوكانلارنىڭ ،چىرايىدىن بىر خىل سۈنئىلىك مانا مەن تۇرىدۇ ،سەپ سىلىپ قارىسىڭىز نىمىشقىدۇر بۇ چىرايلاردىن بىرخىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان.ئىھتىمال تەبىئى نەرسىلىرى بولمىغان شەھەر تۇرمۇشىدىكى سۈنئى قاينام –تاشقىنلىقنىڭ ، كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل بىسىمىدىن بولسا كېرەك...
تۇلا ھاللاردا ئاشۇ سۆيۈملۈك يېزامنى ئويلاپ كېتىمەن ،يېزا تۇرمۇشى ئاجايىپ بولىدۇ ،كىشىلەر شۇ قەدەر مېھماندوست ،ئاق كۆڭۈل ،ئىشچان .
بۇ كىشىلەر سەھەر تۇرۇشۇپ ناشتىلىرىنى قىلىپ بۇلۇپلا ،ئېتىزلىرىغا قاراپ مېڭىشىدۇ ،بۇ يەر ئۇلارنىڭ چىنىقىدىغان كۆڭۈل ئاچىدىغان جايلىرى ،قۇساقلىرى ئاچقاندا بولسا قۇدۇقتىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۇغا نانلىرىنى مىنىشىپ ئۇلتۇرۇپ مەزە قىلىپ يىيىشىدۇ ،سۇپ-سۈزۈك مۇزدەك سۇنى ئۇچۇملاپ ئېچىپ ئۇسۇزلىقىنى قاندۇرىدۇ .قىز –چوكانلارنىڭ چىرايىدىن بولسا ئۇپا –ئەڭلىك ئەمەس تۇپا تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ ئەمما ،شۇنداق سەپ –سېلىپ قارىسىڭىز بۇ چىرايلارنىڭ تىگىدىن ئاجايىپ بىر خىل تەبئى گۈزەللىك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ ،ئادەملەرمۇ ،دەل- دەرەخلەرمۇ ،ھايۋانلارمۇ ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسىنىڭ تەبئىسى مانا بۇ يەردىن چىقىدۇ شۇڭا مەن يېزىنى ياخشى كۆرىمەن ،شۇ يېزا تۇرمۇشىنى دائىم سېغىنىمەن ...
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ،قىزىممۇ چوپ-چوڭلا بۇلۇپ قالدى ،ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ بىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىۋەتتى ،قىزىمنى مەكتىپىگە ئوزۇتۇپ قويۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،مەن تۇرۇپ –تۇرۇپ مۇزدەك تەرلەيدىغان ۋە كالتە- كالتە يۈتەلىدىغان بولۇپ قالدىم ،باشتا زۇكامدىن بولسا كېرەك دەپ يۈرىۋەردىم ،بىراق نىمىشقىدۇر ئاسان چارچايدىغان ۋە بارغانچە مادۇرسىزلىنىدىغان بولۇپ قالدىم شۇنداق قىلىپ مەن دۇختۇرغا كۆرۈنۈپ بىقىش ئۈچۈن شەھەرلىك دۇختۇرخانىگە باردىم ...
مانا كىسەللەر ياتىقىدا ياتقىلى نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ،كۈندە دىگۈدەك بىر قولۇمدا ئاسما ئۇكۇل ،يەنە بىر قولۇمدا قەلەمنى تۇتقۇنۇمچە ئۈتكەن –كەچكەن ئىشلار توغرۇلۇق يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن ...
دۇختۇر مېنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتتار بولغانلىقىمنى ھەمدە ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا ،خۇددى ئاسمان گۈمۈرلۈپ چۈشكەندەك ،يەر جاھاپ پىقىراۋاتقاندەك بولۇپ تامغا يۈلۈنۈپ قالدىم ،خۇددى ئۆزەم بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرۋاتقاندەك ،ئويغۇنۇپ كەتسەملا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغاندەك ،قولۇرۇمنى چىمدىپ باقتىم ،ئەمما بۇ بىر رىئاللىق ئىدى ،مەن بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى...شۇنداق قىلمايمۇ نېمە ئامال ؟!
"دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك كارۋات قايسى ؟ئەلبەتتە ئۇ كىسەل كارۋىتى!
باشقىلار ساڭا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشى مۇمكىن،پۇل تېپىپ بېرەلىشى مۇمكىن ،ئەمما ساڭا ۋاكالىتەن كېسەل بۇلۇپ بېرىدىغان ئادەم جاھاندا ئەسلا يوق ،ھەم ئۇنداق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ !
بىرەر نەرسەڭ يوقاپ كەتسە ،ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ تېپىپ كېلەلەيسەن ،ئەمما ئادەمنىڭ ھاياتى يىتتۈرۈپ قويۇپ تېپىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ئىكەن! ئادەم ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا ،ئوقۇپ بۇلالمىغان بىر كىتاپنىڭ بارلىقىنى بىردىنلا ھىس قىلىدىكەن ،بىلگۈڭ بارمۇ ؟ئۇنىڭ نامى <<ساغلام ھايات!>>"...بۇ قۇرلارنى مەن قايسى كىتاپتا ئوقۇدۇم بۇغىنىسى ماڭا نامەلۇم ، پەقەت بۇنى ئامىرىكىلىق ياش مىليادىر جوبىس ئەپەندىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ دىگەنلىكىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە .
نېمە دىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر-ھە؟!ئادەم ھايات چېغىدا ئۆلمەيدىغاندەك خۇددى مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك بەخىرامان يۈرىشىدىكەنمىز ،ئايىغى چىقماس خىزمەت ،ئۆي ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرى ئىچىدە قاھشىشىپ يۈرۈپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدىكەنمىز ...ئەمما ئەجەل ھىدى بۇرنىمىزغا پۇرىغاندا بولسا ،بىز تېخى قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ شۇ پىتىچە تۇرغانلىقىنى ھىس قىلغان چېغىمىزدىلا ئاندىنن ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەنمىز ،بۇنى بىز كىسەل كارۋىتىدا يىتىپ ئەمەس ،بەلكى ھايات بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ ياتقان چاغلىرىمىزدا بىلەلىگەن بولساق ئىدۇق ،ئاخىرقى تىنىقلىرىمىزدا ئەپسۇس ،پۇشايمان ئىلكىدە ئىڭراپ ياتمىغان بولار ئىدى ...
مەن ھايات مۇساپەمنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاۋىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمىزدىكى ،ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مەن يازغان ماقالىلارنى كۆرۈپ مېنى ماختاپ تۇرۇپ :"سىز چوڭ بولغاندا يازغۇچى بولۇپ قالغۇدەكسىز !چوقۇم تىرىشىڭ ،ھەرگىز يېزىقچىلىقنى تاشلىۋەتمەڭ" دىگەنلىرىنى ئەسكە ئالدىم ...توغرا،مەن كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا يېزىقچىلىققا قىزىقاتتىم ،ھەتتا مەن يازغان ماقالەم مەكتەپنىڭ رادىئو كانىيىدا ئاڭلىتىلغاندا خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتكەن ئىدىم ،ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا ھەۋەس بىلەن قاراشقان ئىدى ،بىراق مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ،ئەدەبىيات كەسپىگە ئەمەس خەنزۇ تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ ،يېزىقچىلىقنى تاشلاپ قويغان ئىدىم ،...
مەن ئۆلۈمنى كۈتۈپ يىتىشىم كېرەكمۇ؟ ياق !، ،ئەمدى بولسىمۇ ھاياتىمدىن ئاز-تۇلا خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ قۇياي! ، مەن مانا مۇشۇنداق ئارزۇنىڭ تۇرتكىسىدە ئۇزۇن يىللار تاشلىۋەتكەن خاتىرەمنى ۋاراقلاش ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم ...
مانا ئەتراپىمدا كىسەل ئازابىدىن ئىڭراشقىنىچە ياتقان ماڭا ئوخشاش كېسەللەر ،ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي نالە قىلىشۋاتقان ،بىراق مەن بولسام دەل ئەكسىچە ،بۇرۇنقى چاغلىرىمدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ،قايغۇ ھەسرەتلىرىمنى قولۇمدىكى خاتىرە يۈزىگە تۈكۈش ئارقىلىق ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئاغرىق ئازاپلىرىنى ئۇنتۇماقتىمەن...
تۇرۇپلا يولدۇشۇم ئىسىمگە كېلىپ قالدى ،مەن ئۈلۈپ كەتسەم ئۇ يەنە بىرىنى ئالارمۇ ؟ خۇددى مىنى ئەركىلەتكەندەك ئۇنىمۇ ئەركىلىتىپ ،قۇچىقىغا ئالارمۇ؟ مەن خىيالەن شۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم ، بىر خىل كۈندەشلىك مەندە غەليان كۆتەردى ..
ياق ياق! ئۇ بۇنداق قىلمايدۇ ،ئۇ ئۇ ماڭىلا تەئەللۇق !!!ئارقىدىنلا يەنە ئۇنىڭ ساقال –بۇرۇتلىرى ئۆسكەن ،قىزىرىپ ئولتۇرلۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرىتىمگە تىككىنىچە يالغۇز ئۆيدە ياش تۈكۈپ ھەسرەتلىنىپ ئولتۇرغان كۆرىنىشى كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ ،خۇددى بىرى يۈرۈگۈمگە پىچاق سانجىغاندەك تولغىنىپ كەتتىم ،قىلغان ئويۇمدىن يەنە ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم ...
مانا چاچلىرى كۆمۈشتەك ئاقارىپ كەتكەن ،بەللىرى سەل ئالدىغا ئىگىلگەن ئاتام ئۆگەي ئانام بىلەن كىرىپ كەلدى ،تۇرۇپلا ئاتامغا قاراپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى ،نىمىلەرنىدۇر دىگۈم كەلدى ئەمما ئاۋازىم چىقمىدى،ئۆگەي ئاپام ئاستا كېلىپ مېنى باغرىغا باستى .
شۇ دەقىقە پۈتۈن بەدىنىمگە ئىللىق بىر سىزىم تارالغاندەك بولدى ،مەنمۇ جانسىز تېنىمنى ئۇنىڭ بارىغا ئاتتىم ...
_ سىز چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسىز ،قىزىم !بۈگۈن چىرايىڭىز ئوبدانلا بولۇپ قاپتۇ ،قاراڭ مەڭزىلىرىڭىزگىمۇ قان يۈگۈرۈپ .
_ دىگىنىڭىزدەك بولغاي ،رەخمەت ئاپا !،دىيەلىدىم ئارانلا ،"ئاپا" دىگىن بۇ سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ،پەقەت ماڭا تۇنۇش ئانامنىڭ ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلغاندەك بولدى .نىمىشقىمۇ بۇنى بۇرۇنراق سەزمىگەن بولغىيتتىم-ھە؟!...
مېنىڭ قاتتىق تۇرىۋىلىشىم بىلەن يولدۇشۇم دۇختۇرخانىدىن مېنى ئۆيگە ئېلىپ چىقتى ،چۈنكى مەن ئاخىرقى تىنىقلىرىمنى مەن ئۈچۈن شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ،ۋاپادار بولغان يولدۇشۇمنىڭ قوچىقىدا ئۆتكۈزۈشنى ، ئۇنىڭ مەن قېنىپ قېنىپ قانمايدىغان شۇ تۇنۇش ھىدىنى پۇراپ يېتىپ ئاخىرقى مىنۇتلارنى ئۆتكۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ...
مانا كۆزۈم ئىشىكتە قىزىم ئەتە چۈشتىن كىيىن كەلمەكچى ،ئەمما مەن ئەتىگە ئولىشالامدىم ،ئەي قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم مېنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار، ئۇ بولسىمۇ : جان- جىگەر يۈرەك پارەمنى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشتىن بۇرۇن ئانىلىق مېھرىم بىلەن يەنە بىر قېتىم قۇچىقىمغا ئېلىپ باغرىمغا چىڭ باسالىغان بولسام ...
تۈگىدى