يامغۇر ئىزھارى
ئاسمانلار كۆتۈرمەس بولدى دەردىمنى،
ئىزدەيمەن يېگانە ھەم تىنىچ شەھەر.
يەلكەمدىن باسىدۇ ئازاپنىڭ رەڭگى،
تۈنلەردىن ئويغانسا تۇمانلىق سەھەر.
كىملەردۇر قاچىدۇ پىغانلىرىمدىن،
بەلكىم ئۇ قاچمىدى مەن قاچتىم يىراق.
شارىلداپ تۆكۈلسەم ئارمانلىرىمدىن،
قىينايدۇ جۇدالىق بىر ئوتلۇق پىراق.
مەنزىلىم قاياندۇر ئېيتقىنا دۇنيا،
كىم تەشنا ئىزىمغا كىملەر ھەم بىزار.
بىر سۆيگۈ بىرنەپرەت قېينار نېمىشقا،
بىر تامچە مېھىرگە بولۇپ ئىنتىزار.
مەڭزىنى دەردىمدەك نەمدىگەن ئايال،
كەل بىللە كىتەيلى رەڭسىز ماكانغا.
ئاخىرقى تىنىقلار تاپقاندا كامال،
ئايلىنىپ تەقدىرداش مۇدھىش زامانغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-4 06:08 PM