مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 2

ئۇزدىل-ئانا مۇھەببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 03:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          ئانا مۇھەببىتى
                                 ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇزدىل

دوسلۇرۇمدىن بىرسى تەتىل ۋاقتىمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يىراق، گۈزەل يۇرتىدا بىللە ئۆتكۈزۈشۈم ئۈچۈن چاقىرغانىدى. ئۇ ماشىنا بىلەن يۈرگەندە پايتەخىتتىن يېرىم كۈنلۈك مۇساپە يىراقلىقتىكى كىچىك بىر شەھەردە تۇراتتى.
شەھەر گۈزەل بولۇپ ئەتراپىنى ئورمانلىقلار قورشاپ تۇراتتى. ئەمما مەن چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن ئاشۇ كۈنى ئايلىنىپ تاماشا قىلىشقا قۇربىم يەتمىدى. كېچە بولسا يېقىنلىشىۋاتاتتى ،مەن دوستۇمنىڭكىدە قېلىپ قېلىشنى لايىق كۆردۈم.
بىز خېلى پاراڭلاشتۇق ھەتتا ئۇخلايدىغان ۋاقمۇ بولغانىدى. كېچە سائەت ئون بولاي دېگەن چاغدا مەن كىتاب ئوقۇۋاتاتتىم تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئاۋاز ئىنتايىن مەيۈس ۋە ئۈمىدسىز ئىدى، تۇرۇپ -تۇرۇپ ئاڭلىناتتى. ئاۋازنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە باردىم. ئاۋاز يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىدىن كېلىۋاتاتتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە مەن دوستۇمدىن ئاشۇ ئاۋاز توغىرسىدا سورىۋىدىم دوستۇم ماڭا:
- ئۇ ئاۋاز ئۆزىدىن تولىمۇ يىراق جايدىكى ئوغلىنى چاقىرۋاتقان ئېلىشىپ قالغان بىر ئايالنىڭ ئاۋازى. مەن ئۇ ئايالنىڭ كۆپ ئىشلىرىنى بىلمەيمەن مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئۇ ئوغلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىكەن ،ھامىلدار مەزگىلىدە يولدىشى خېتىنى بېرىپ ئوغلىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ساراڭ بولۇپ قاپتۇ -دەپ سۆزلەپ بېرىپ كېلىپ،-نېمە بولدۇڭ؟ئاخشام ئۇ ئايالنىڭ ئاۋازى سېنى بىئارام قىلىپ ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئوخشىمامسەن؟ دەپ سورىدى، مەن:
-ياقەي، مېنى بىئارام قىلمىدى ئەمما ھەقىقەتەن قايغۇغا سالدى-دەپ جاۋاب بەردىم.

بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى بىر كۈنى مەن ئويناپ كېلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ ئورمانلىقلارنىڭ بىرىگە كىردىم، كۈن پاتاي دەپ قالغاچقا يىراقراق جايدىكى يوغان بىر تاشنىڭ يېنىغا بېرىۋالماقچى بولدۇم ، شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز ئېگىزرەك كەلگەن ، بۇغداي ئۆڭ ، قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن روبىرو ئۇچىرشىپ قالدىم .

ئۇ مېنى كۆرۈپ قورۇققان بولسا كېرەك يا تۇرۇپ قېلىشىنى يا كېتىپ قېلىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئاچچىقلانغان ھالدا :
-سەن نېمە قىلماقچى ؟نېمە دەپ ھەممىلا يەردە ماڭا ئەگىشىۋالىسەن؟ -دەپ سورىدى، مەن :
-كەچۈرۈڭ خانىم ، مېنىڭ سىزنى بىئارام قىلىش نىيىتىم يوق ،ھەمدە سىزگە ئەگىشىۋالغان يېرىممۇ يوق . مەن بۇيەرگە ياقا يۇرۇتلۇق مۇساپىر ، سىزنى تونىمايمەن دېدىم-دە ، ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەكچى بولدۇم.

لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز كىيمىمگە ئېسىلىۋالدى ،ئۇنىڭ چىرايىدىن مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا قىزىقىپ قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ مەندىن:
-سەن ياقا يۇرۇتلۇقمۇ؟ سەن ئۇنى يەنى ئوغلۇمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ساڭا ئۇزۇنغا قالماي كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتىمۇ؟
-دەپ سورىدى. ئاندىن يەنە ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى، مەن:
-خانىم ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ! ھەرقانداق بىر ياقا يۇرۇتلۇق ئادەمنىڭ سىزنىڭ ئوغلىڭىزنى تونۇشى ناتايىن، لېكىن سىز ماڭا ئىشنىڭ جەريانىىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىم مۇمكىن-دېدىم. ئۇ:

-مەن ئۆيىدىن ئازغىشىپ قالغان كىچىك بالىغا ئوخشاش ئۆزىنى يوقاتقان بىر ئايالمەن ، ئۇلار مەندىن بالامنى ئوغۇرلاپ كەتتى ،سېنىڭ ماڭا ياردەم قىلالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس دەپ ئەپسۇسلاندى. ئۇ شۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ سۆزىدىن بىردەم توختىۋالدى ،ئاندىن يەنە سۆزگە كىرىشىپ يۇرتۇمدىكى ھەممە كىشلەر دېگۈدەك پەقەت ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنىلا تىلغا ئالىدىغانلىقىم ، ئۇنىلا چاقىردىغانلىقىم ۋە ئۇنىلا ئەسلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ساراڭ دېيىشىدۇ ......ئاھ ! مەن نېمىنى خالاۋاتقاندىمەن ؟چۈنكى مەن نېمنى خالاۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن.

ئەگەر ئۇ شۇتاپ قايتىپ كەلسە ئۇنى تونىيالماسلىقىم مۇمكىن، شۇنداق تۇرۇپ مەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتىمەن. بۇگۈنلا ئەمەس بەلكى ھەركۈنى مەن ئۇنى ئىزدەۋاتىمەن . مەن بۇ ئېچىنىشلىق دۇنيادىكى ھاياتىمدا چاقماققا ئوخشاش چاقنىغان ئاندىن مەندىن تارتىۋىلىنغان كىچىك بالامنى دەپ ساراڭ بولۇپ قالغان بىر ئايالمەن.
ھەممىسىلا مېنى ساراڭ دەيدۇ ،چۈنكى مەن پۈتكۈل دۇنيادىن ئوغلۇمنى دەپ ۋاز كەچتىم . ئۇلار مەندىن ئوغلۇمنى ئوغۇرلاپ كەتتى ، قاچان؟ قانداق ئېلىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ھامىلدار مەزگىلىمدىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىنىڭ دادىسى كېلىپ خېتىمنى بەردى -دە ، بالىنى ئېلىپ كەتتى . مەندىن قاچان ئېلىپ كەتتى دەپ سورىمىغىن!

بالام ئالدىمدىن تۇيۇقسىز غائىب بولدى مەن ئۇنى پەقەت يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كۆرەلىدىم.
ئايال خۇددى كۆز ئالدىدا مەندىن باشقا بىر كىشى پەيدا بولغاندەك سۆزىدىن توختىۋالدى ،ئاندىن خۇددى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا مەۋجۈد ئەمەستەك كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان ھېلىقى مەۋھۇم كىىشىگە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.

-ۋاي بالام ،مەن سېنى بىز ئايرىلىپ يەتتە يىلدىن كېيىنلا ئاندىن كۆرەلىدىم ، لېكىن سەن مېنى تونىمىدىڭ ، ئاناڭنىڭ كۆزلىرىدىن ساڭا بولغان سېغىنىشىنى كۆرمىگەنمىدىڭ ؟ساڭا قۇچاق ئاچقان بىلەكلىرىنىچۇ؟سېنى ھىمايە قىلماقچى بولغان قەلىب نىداسىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىڭمۇ؟ نېمە دەپ سېنى دەپ ئۆزىنى يوقاتقان ئاناڭغا ئىپادە بىلدۈرمەي شۈك تۇرىسەن؟ سېنى ئۇزۇن كۈتكەنلىكىم سېنى قاتتىق سېغىنغانلىقىم يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟
سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۈنلەرنىڭ مېنى قانداق خوراتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟

ئاندىن ئۇ ئۆزىن تاپقاندەك بولۇپ ماڭا بۇرۇلۇپ :
-ئەپەندىم بالىلار ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆزگۈرۈپ كېتىدىكەن بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ، بۇ ئۇنىڭ قىياپىتى ،لېكىن ئۇ ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ .ئاخشام ئۇنى چاقىرسام كۈلگەنىدى ، بۇگۈن چاقىرسام بەڭباشلىق قىلىپ ماڭا يېقىنلاشقىلى ئۇنىمىدى .....ئۇلار مەندىن ئۇنىڭ بالىلىقىنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ئوغۇرلاپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ئىشقىلىپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئۇنىڭ دادىسى ۋە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى.
خۇددى ئاللاھ ئىگەم مېنى يالغۇزچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندەك ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى لېكن ئوغلۇم بۇ يۇرۇتتا ياشىيالماستىن مېنى بىللە پايتەخىتكە ئېلىپ كەتتى.

ئۇ چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قالغانىدى ،بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان قىز دوستى بىلەن توي قىلىشى ئۈچۈن سەپەر قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى ، مەن ئۇنداق قىلماسلىقىنى ئۆتۈندۈم. چۈنكى ئۇ  يولغا چىقىپ كەتسە مەن يەنە يالغۇز قالاتتىم لېكىن ئۇ  ئۇزۇنغا قالماي قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى خاتىرجەم قىلدى .
بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى كۆرگەن ئايالى بىلەن قايتىپ كەلدى ،لېكىن مېنىڭ ئوغلۇمغا بولغان مۇھەببىتىم  ئوغلۇمنىڭ ئايالىغا ياقمىغانىدى .نەتىجىدە ئايالى مېنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا مەن ئۆرىۋىتەلمەيدىغان توساقتىن بىرنى پەيدا قىلدى .ھەتتا بارا -بارا ماڭا قەتئىيلا گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى .

بىر يىلدىن كېيىن بالام ماڭا مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئارتۇقچە بىر ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئوچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ ئەمما ھېس قىلدۇردى .
مەن ئوغلۇمدىن ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىشىمنى ئەمما ئۇنىڭ پات-پات مېنى يوقلاپ تۇرىشىنى تەلەپ قىلدىم .ئۇمۇ قېتىلدى .
ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى ئايلاردا مېنى ئارلاپ-ئارلاپ يوقلاپ تۇرغان بولسىمۇ بارغانچە كەلمەيدىغان ھەتتا پۈتۈنلەي ئىزدىمەيدىغان بولىۋالدى.ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزەم پايتەخىتكە باردىم ،ئارقىدىنلا ئوغلۇمنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە ئايالىنىڭ يۇرتىغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئەمما تا ھازىرغىچە ئوغلۇمنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپالمىدىم.
ئەپەندىم ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرغاندەك مەن ئۆزىنى يوقاتقان بىر ئايال دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك قىلدى.

مەن ئۇنىڭغا تەسەللى سۆزلىرىنى قىلماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۇ سۆزلىرىنى تۈگىتىپلا ماڭا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى.

مەنبە : ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 862 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 02:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا مۇھەببىتى ئايالىنىڭ مۇھەببىتى ھەممىسى ئۆز يولىدا بولىدۇ ،بىرسىنى تاللاپ بىرسىدىن كىچىدىغان ئىش يوققۇ.؟
تۇرمۇشتا كۆپلىگەن كۆڭۇلسىزلىك ۋە چىقىن چۇقانلار مۇشۇ ئوغۇل كىلىن ۋە قېيىن ئانا ئوتتىرىسىدا ئۇقۇشماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ ..ئەملىيەتتە چۇشىنىپ يەتسە ھەممىسى بىر مۇھەببەت ،
تىمىدىمۇ يات كىلىن قىزنىڭ ئىچى كۆيمەيدۇ ،بىر ئوغۇل بولۇش ئورنىدا مۇشۇنداق بەخىتلىك خۇشال خۇرام كۇنگە ئىرىشتۇرگەن ئاشۇ ئانام ئەمەسمۇ ئانا رازى خۇدا رازى ،ئۇ ماڭا مىھمان ئۇنى ئاخىرقى ھاياتىدا خۇشال خۇرام قىلاي دىگەن ئوي كەلمىگەندىمۇ ،
بەزىلەر دەپ قويدىكەن ئانىسى ئوغلىنى مەندىن كۇنلەيدۇ دەپ بۇ ئەملىيەتكە ياتامدۇ .
بۇ بىر ئىچى تارلىق ئاتا ئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلسا خۇددىي ئۆزىدىن يىراقلاپ كىتىپ بارغاندەك ئايرىپ ئۆي تۇتسا ئوغلىنى تاندۇرۋالغاندەك ئىشقىلىپ 2لى تەرەپنىڭ بولمىغۇر خىياللىرى.
بىر يۇمۇردا دەيدۇ..:
ئىككى ئاغىنە ئۆز ئارا سۆزلىشىپ قاپتۇ ،
سىنىڭ ھاياتىڭداسىنى بىر ئۆمۇر ياخشى كۆرىدىغان سەن قانداق خاتالىق گۇناھ ئۆتكۇزگىن سىنى كەچۇرۋىتەلەيدىغان سەن ئۇچۇن بارلىقىنى ئايىمايدىغان ئايال بارمۇ؟
بار.
ئەمىسە كىم؟
مىنىڭ ئانام...
دىمەك ئانا مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ سۇيۇملۇك ئۇلۇغ مۇقەددەس.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1893
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 02:10:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىپسىز ،ھارمىغايسىز !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش