مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1402|ئىنكاس: 18

مۇنبەر مۇلاھىزەلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 11:14:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەرلەرگە قاراپ باقسام، بىزدە بەك قىزىپ قايناپ كېتىدىغان بىرنەچچە تېما بار ئىكەن، ئاۋۋىلى دىنىي مەھەللەۋازلىق تۈسىنى ئالغان «مەن ئورۇق، سەن سىمىز» چىلىك مۇلاھىزەلىرى، يەنى، دىنىي مۇتالىئەلەر ، بۇ مۇلاھىزەلەر ۋە  تېمىلاردا مېنىڭ راست دەپ گەپ ئاڭلىتالماي، باشقىلارنى ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرەلمەي  تۈكۈرۈكلەرنى چاچرىتىپ ئاللىكىملەرنى ئاللىنىمەلەرنى دەپ تىللاپ –قاقشاپ كەتكەنلەرنى كۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئويغا چۈكۈپ كېتىمەن.

مىڭ يىللار مابەينىدە بىز ئۇلۇغ دىنىي ئىسلام بىلەن قەلبلىرىمىزنى نۇرلاندۈرۈپ ياشاپ كەلدۈك، بۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئەمما، «چىقاننىڭ ئۈستىگە كۇدۇمبا چىقىپتۇ» دىگەندەك، يېقىنقى يىللار مابەينىدە مائارىپ ۋە تەربىيەلىرىمىزدە ئىچىمىز كاۋاك قالغان جايلىرىمىزغا كىرىپ پاناھلىنىدىغان كەلگۈندى ئىدىيەلەر بىز خەقنى بەئەينى بايخانغا قوشقان كالىغا ئوخشتىپ قويغىلى قىل قالدى. نېرىسىنى قويۇپ مىسال قىلساق يىڭى ئەسىر مابەينىدىكى دىنىي مەزھەپۋازلىق كىشىنى چۆچۈتىدۇ ھەم ھەيران قالدۇرىدۇ.قارىسا ھەممىسىلا توغرىدەك تۇرغان، لېكىن، بىرى يەنە بىرىنى تەپكەك ھايۋانلاردەك تېپىپلا تۇرغان، ھەممىسى قۇرئان،ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ سۆزلەۋاتقان، لېكىن، ھەرقايسى تەرەپلەر قارشىسىنىڭ قاراشلىرىنى يەنە شۇ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ ئىنكار قىلىۋاتقان، ۋەزلەر تولا، قاراشلار تولا، لېكىن ھەممىسى بىرلىكنى ئەمەس، بەلكى، مەزھەپۋازلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، «مۇشۇكنى ھارۋىغا قاتسا كاتنىڭ ئاستىغا سۆرەيدۇ» دىگەندەك، ھەممىسى ئاۋامنى نەگىدۇر باشلاشنىڭ غىمىدە يۇرگەن. ئاۋام مۇللىلىرىمىزنىڭ پەتىۋالىرىنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى «كونىلار»، «يېڭىلار» دەپ ئايرىپ ھەممىسى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى ئۆزى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مەنزىرەلەر بىرگە نىسبەتەن يىڭى ھادىسە بولماي قالدى.  دىنىمىزدا تەپرىقەچىلىك گۇناھ ئىدى، جىنايەت ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇ بىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىمىزدىمۇ چالا قويماي ئومۇملىشىپ كەتتى. دىمەك، جىنايەت ۋە گۇناھ جەمئىيەتلەشسە ئۇ ئۇنىڭ جىنايەتلىك خارەكتىرى يۇقاپ كېتىپ ئۇ جىنايەت ۋە گۇناھ بولماي قالىدىكەن. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن خېلى تەربىيە كۆرگەن بىر زىيالىي چېغىدا ئۇلۇغ رەسۇلىمىز بايان قىلغان يەتمىش ئۈچ پىرقە ئىچىدىكى ئەڭ توغرا بولغان بىردىنبىر يولنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە نۇرغۇن قېتىملاپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزەمچە شۇنداق بىر توغرا يول فورمىلاسىنى تېپىپ چىقىپ زىددىيەتلىك مەسىلەلەرنى شۇ بۇيىچە باھالاپ توغرا ۋە خاتانى ئاشۇ فورمىلانىڭ تەنىجەلىرىگە ئاساسەن ئايرىپ باقتىم، ئاخىرىدا ئۆزەممۇ ئاشۇ توغرا دەپ قارالغان يولۇمنىڭ ياقلىغۇچىسى بولۇپ ياشىدىم. بۇ فورمۇلا نىڭ بىرىنچىسى شۇكى، زىددىيەتلىك مەسىلەلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ھەم ۋەز قىلغۇچىنىڭ قارىشىنىڭ تەكتى ۋە مۇددىئاسىنى مۇلاھىزە قىلىش.بۇيەردە مەزكۇر ناتىق ۋەزلىرىنى باشلاشتىن ئاۋۋال نىمەلەرنى تەستىقلاش، نىمەلەرنى رەد قىلىش توغرىلىق مەلۇم بىر قاراش تىكلەۋېلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىۋاتامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كىتابنى قولىغا ئېلىپ پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا سۆزلەۋاتامدۇ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئەھمىيەتسىز ئەمەستۇر. ناۋادا مەسىلەنىڭ جاۋابى ئالدىنقىسىنى چۆرىدىسە، ناۋادا ئۇ زىددىيەتلىك مەسىلەلەر بولۇپ قالسا ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن گۇمانلىنىش ھەققىمىز بار، ناۋادا كېيىنكىسىنى چۆرىدىسە زىددىيەتلىك مەسىلەلەردە ئاشۇ تەرەپكە ئىغىش ۋە ئۇنى ياقلاش  بىزدىن دوزاق ئوتىنى يىراقلاشتۇرىدۇ  دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچى فورمۇلايىم شۇكى، سۆزلىگۈچىنىڭ بايانلىرى بىز ياشاۋاتقان مەۋجۇد زامان ۋە ماكاندىكى زور كۆپچىلىك ئاۋامنىڭ ئۆملۈكى ۋە ئىتتپاقلىقىغا زەرەر يەتكۈزەمدۇ ياكى مەنپەئەت ئەكىلەمدۇ دىگەن مەسىلىگە جاۋاب ئىزدەش ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ، ئەگەر مەنپەئەت بەرمىسە ئۇ قاراشنى ياقىلاش ئارتۇقچىلىق، نەپ چىقمىغا مازاردىن قاچماق كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەممىگە پايدا قىلىدىغان خاسىيەتلىك دورىدۇر، ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەرقانداق بىر دىن ئەگەر ئۆملۈكنى دوست تۇتماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئۆملۈك بولمايدىكەن ھېچيەردە گۈللىنىش بولمايدۇ.فورمۇلانىڭ ئۈچىنچىسى شۇكى، سۆزلىگۈچى ناتىقنىڭ ۋەزلىرى كەڭ ئاۋامنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يېتەكلەمدۇ ياكى ئۇنىڭدىن قۇزغىنامدۇ دىگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىشنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارىمايمىز. بۇ مەسىلە ئاڭلىماققا سەن غەلىتە بىلىنىدۇ، لېكىن، بۇ مەسىلە دىيارىمىزنىڭ دىنىي مەزھەپۋازلىق مەسىلەلىرى ھەققىدىكى ئىختىلاپلىرىدىن توغرا تەرەپلەرنى خۇددى شاكاللار ئىچىدىن مېغىزنى ئايرىپ ئالغاندەك ئايرىپ ئېلىشتا ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە دەپ قارايمەن. بىلىش كېرەككى، دىنىي مەسىلەلەردىكى ئىنكارچىلىق ۋە تار مەھەللىۋازلىق مۇقەررەر يۇسۇندا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىنچىسى، تارىخ ۋە كەچمىش توغرىسىدىكى ۋايساش مەزمۇنىدىكى مۇلاھىزەلەر.

«ئۆتمۇشى ۋە تارىخى نۇرانە يۇرۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ نۇرانە كەلگۈسى بولمايدۇ» دىگەن ئىكەن مەرھۇم ئا.مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى. تارىخىمىزدىكى تالاي پىغانلىق ۋاقىئەلەر ۋە كەچمىشلەر قاتارىدا ئاپاق خوجا پاجىئەسى ھەممە قىزىقىدىغان بىر قىزىق نوقتا بولۇپ كېلىپتۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئاباق خوجاممۇ نۇرغۇنلىغان كەلگۈندىلەر ئىچىدىكى دۇنيانىڭ ھېچيېرىگە پاتماي بىر بىچارە بېشىنى كۈتۈرۈپ دىيارىمىزغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن مەخدۇم ئەزەمنىڭ پۇشتى ئىكەندۇق. ئاقكۈڭۈل بوۋىلىرىمىز مەخدۇم ئەزەمنى  ئۆز باغرىغا ئالغان ئىكەن، ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاباق خوجىنىڭ دۈشمىنى بولمىش دانيال خوجىمۇ دەل ئاباق خوجىنىڭ ئىككى ئەۋلاد يىراق قېرىندىشى ئىكەندۇق، ئەپسۇسكى، بىر ئاتىنىڭ ئىدىيەسىنى بۇ ئىككى كاللا ئۆزگىچە پەدە چىقىرىپ ئىككىگە بۆلۈپ پوق يىگەن خورازدەك چۇقۇشۇپ يۈرۈپتىكەن، ئەپسۇسكى، ئاقىۋەت ئاشۇ ئىككى ئەۋلىيايى ئەزەمگە ئەگەشكەن بىچارەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى يېقىنقى زامانلارغا قەدەر بىر-بىرىنى چىشلەشكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى بىزگە يەتكۈزۈپ كېلىپتۇ. بۇ تەسۋىرلىگۈسىز بىر كىرىزىس ئىدى، بۇ كىرىزىس دەل :«ئىشان خەقتىن، سوپى بىزدىن»، «ئوستام خەقتىن ، شاگىرت بىزدىن »بولۇشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

بىز بۈگۈنلەردە بۇلار توغرىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر ئوقۇپ، ئويلاپ، تەھلىل قىلىپ،  ئاخىرىدا ئاللىقاچان توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئاللىكىملەرنى تىللاشنى،  شۇ ئارقىلىق كۆڭلىمىزگە تەسەللىي تېپىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولدۇق. ئەپسۇسكى، ئاشۇ كىرىزىسلەر بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزگە سانچىلغان بىر ئوق ئىدى، بىز ئاشۇ ئوقنى تىللىدۇق، تىللاۋاتىمىز، يەنە تىللاپ- قاقشايدىغانلار تېخى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. لېكىن، ئاشۇ ئوقنى بىزگە كىم ئاتتى، ئەمدى بىز نىمە قىلىمىز؟ بۇ ئوقنى ئېلىۋېتىپ ئۆزىمىزنى داۋالاپ قەددىمىزنى كۈتۈرۈپ يۈرەمدۇق ياكى داۋاملىق تىللاپ يىغلاپ- قاقشاپ يۈرەمدۇق؟دىگەن بىر مەسىلە ھەربىر ئىنسان ئويلاپ باقىدىغان مەسىلە ئىدى. ئەقەللىيسى، بىز ئاشۇنداق قاقشاپ-قاقشاپ ئولتۇرۇپ تالاي سائەتلەپ ھاراق ئىچىشىمىز، يەنە ئاللىقانداق ئۆزىمىزلا بىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئالدىراشمىز-يۇ، پۇلدارلار پۇلىنى بانكىدا قويۇپ ئۈسۈم ئېلىشنىڭ كويىدا، پۇلسىزلار پۇل تېپىشنىڭ كويىدا، ھەممىمىز پۇل ئۈچۈنلا ياشاۋاتىمىزۇ، تاپقان پۇلىمىزنى قەيەرگە خەجلەش تۇغرىسىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىگىمىز ئوبدان بىلىدۇ. مىللەت ئۈچۈن قايغۇرۇپ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ كېتىمىزۇ، ئالدىمىزدا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرغان ھاجەتمەننىڭ ھالىنى ئاڭلاشقا ۋاقتىمىز يوق. ئۆيلىرىمىز كۈنسىرى سەرخىللاشتى، ئەمما، قانچىلىكىمىزنىڭ ئۆيىدە كىتاب تېپىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلىمىز. بىر سوتكىدىن قانچىلىك ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوۇشقا، پەرزەنتلىرىمىز بىلەن سىردىشىشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە سەرپ قىلىدىغانلىقىمىزمۇ ھەم ئۆزىمىزگە، ئاندىن ئىگىمىزگە ئايان. شۇڭا، مەن دەيمەن، مۇنداق ئەھمىيەتسىز مۇلاھىزە ۋە قاقشاشلاردىن كۈرە، ئاساسلىق ۋاقتىمىزنى كۆپرەك كىتاب كۈرۈشكە، كەسپىي ۋە ئۈنۋېرسال سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ پۇل تېپىش ھەممىدىن مۇھىمى، پۇل خەجلەش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ بىلىمىمىزنى ۋە يانچۇقىمىزنى، مۇنۇ ئىككى تۈر ئارقىلىق مېڭىمىزنى موللاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشنى ئەبزەل بىلىمەن. ھەممە ئائىلىدە بىردىن كىتابدان بولۇشىنى تەېسىيە قىلىمەن، تاپقان پۇلىمىزدا كىتاپپۇرۇشنىڭمۇ مەلۇم ھەققى بار، ئۇلارنىمۇ جايىغا يەتكۈزش كېرەك. نۇرغۇن كىتابلىرىمىزنى ئاباق خوجام كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەن، شۇڭا، بىز تېخىمۇ تىرىشىشىمىز، ئاشۇ بەش يۈز يىللىق ئۈزۈكچىلىكنى تولۇقلاشقا ئالدىراشلىرىمىز كېرەك ئىدى. ھەممىمىز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنىڭ تەقدىرىي ئىستىقبالى ھەققىدە سائەتلەپ ساختا مۇلاھىزەلەرنى تولا قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا يېزىقىمىزدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ ئۇقۇساق بىلىملىرىمىز موللىشىدۇ، شۇنداقلا، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە نەپ ئالمىسا يەنە يىڭى-يىڭى كىتابلارنىڭ روياپقا چىقىشى دەخلىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا سىز بىر كىتاب ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا سىز ئۆز يېزىقىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان بولىسىز.

ئۈچىنچىسى، مەۋجۇدلۇق، تەرەققىيات ۋە كىملىكىمىز ھەققىدىكى پىىرلەرگە يانداشقان مۇلاھىزەلەر. مۇشۇ مۇلاھىزەلەر ھەققىدە مۇنبەرلىرىمىزدە يەھۇدىيلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزەلەرنىڭ تولىمۇ  قايناپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ بىر ياخشى ئىش، پەقەت ماختاش ۋە مەدھىيەلەشتىن باشقا پىكىر نېرىپلىرىمىز سېسىپ كېتىۋاتقان بىر چاغلاردا ئۆزىمىزنىڭ پىكرىمىزنى سۆزلەۋېلىشمۇ كىشىگە ئالەمچە ھۇزۇر بېرىدۇ، لېكىن، شۇنىمۇ ئايدىلاشتۇرۇۋالغۇلۇقكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېخى ئانىسى،دادىسى ۋە ياكى بىر كىمىسى يەھۇدىيدىن بولغانلار يوق، مەن ھېچكىمنى يەھۇدىيپەرەس دەپ قارىمايمەن، لېكىن، بىز ياشاۋاتقان بۇ زاماندا يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادا تەرەققىياتتا ئالدىدا ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر. ھەرقانداق ئەمەلىيەتتىن يەكۈنلىسەك مەلۇم نەزەرىيە چىقىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ رېئال مەۋجۇدلۇقىمۇ دۇنيادا يەھۇدىلاردەك يامان كۈنلەرنى كۆرگەن ھەم كۈرۈۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆلگە بولغۇدەك مەلۇم ئىلغار ئامىللارنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقىنى ھەم ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.يەنە بىرى، جودائىزم ئىسلامېزم بىلەن سىغىشالمايدىغان بىر ئىدىيە سىستىمىسى بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا پىكىر شەيئىنى كۆپ تەرەپ، كۆپ نوقتىلاردىن كۈزىتىلگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ، شۇڭا مۇلاھىزىكار قېرىنداشلىرىمىزدىن شۇنى ئۈتۈنىمەنكى، ئۆزىمزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىدىتلىق بايان قىلساق مەيلى، ئەمما، باشقىلارغا تىل سالمايلى، دىلىغا ئازار بەرمەيلى، شۇنداق ھەدىس بارئىكەن:«ھەقىقىي مۆئمىن ياخشى سۆز قىلىدۇ، يا سۈكۈت قىلىدۇ» ئاندىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا:«قوڭنى قىسقان چوڭ ھۆنەر، قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر» دەيدىغان بىر ماقال بار. ھەر قەۋمنىڭ تەقدىرىي قىسمەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئاللىقاچان پۈتۈپ بولغانلىقىنى، ھەر ئىشنىڭ ئۇنىڭ سىرتىدا بولمايدىغانلىقىنى بىزلەر خېلى ئۇبدان بىلىمىزۇ، لېكىن، ئۆزىمىزچە، دانالىق قىلىپ سالىدىغانلىرىمىز كۆپ بولىدىكەن، مەسىلەن، يېقىنقى مۇلاھىزەلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا نۇرغۇن پىكىرلەر چۈشۈپتۇ، ھەممىسى دىگۈدەك پاساڭ باسمايدىغان پەرەزلەر، خالاس، ئەجەبا، بىزلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كېسىم پىچىش قولىمىزدىن كېلەمدۇ؟، مېكو ئەپەندى شۇنداق دىسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما، بەنى ئىسرائىللارغا شۆھرەت بەرگەن ئاللاھ ئۆزى خالىغاندا ئۇنى باشقىلارغا ئېلىپ بېرىشكە تامام قادىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىيلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يېڭىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئوقتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن شۈبھىلەنگىلى بولمايدىغان بايانلار تۇرسا، بۇ پەقەت قاچان قانداق قىلىپ دىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابى قالدى، بۇلار بىز مۇلاھىزە قىلىپ باقىدىغان تېما ئەمەس، (ھەرقانچە مۇلاھىزە قىلسىڭىزمۇ تاپالمايسىز) بىزنىڭ قىلىدىغانغا ئۇندىن باشقىمۇ ئىش يوقمىدى بىزگە؟ بىز پەقەت مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن، ياپۇنلار، نېمىسلار ياكى باشقىلار بولسۇن، شۇ توغرىلىق پىكىر قىلغۇچى، شۇنى مەلۇم دەرىجىدە تەتقىق  قىلغۇچى ھەرگىز شۇ ئاللىكىمپەرەس بولۇپ كەتمەيدۇ، بىز ئىلغار تەجرىبەلەرنى ئۆرنەك قىلىشىمىزئۈگۈنۈشىمىز كېرەك، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىزنىڭ تارىم دەريايىمىزدا ئاققان سۇ بىلەپ يۇغۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاشقازىنىمىزدا ھەزىم قىلىشىمىز بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.

مۇلاھىزەلىرىمىز ھازىر خېلى رەڭدار بولۇۋاتىدۇ، لېكىن، ئاللىكىملەرگە ئازار قىلىش، تىل سېلىش مۇنبەر مۇلاھىزەلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېلمىيلىك ئەمەستۇر. ئەگەر ياخشى بىر تېما ئوتتۇرىغا چىقسا ئۇنىڭغا پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالاپ قالسىڭىز ئىلمىي، دەلىللىك، پىكىر قىلسىڭىز، بىلىمىڭىزدىن ھەممىمىز زوق ئالىمىز، بىلمىگەنلەرنى بىلىمىز، شۇ ئارقىلىق قولىقىمىزنى سەمرىتىۋالىمىز، مەيلى قانداق تېما بولسۇن، سوغۇققان، ئېغىر-بېسىق، تارازىغا ئولتۇرغۇدەك پىكىر قىلساق، بولمىسا ئىنكاس سېلىقى بولمىغاندىكىن، قوڭنى قىسىپ سەبرىنى دوست تۇتۇپ ياخشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشىنى كۈتسەك، ئىشىنىمەنكى، بىز ئەڭ كۆپ نەپ ئالغۇچى بولۇپ قالغان بولاتتۇق


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 12:20:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،رەھمەت.

مېھرىماھ
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 12:43:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108235
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2014-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 01:46:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەھۇدىنىڭ ئازراقلا يامان گېپى چىقسا چىدىماي قالىدىغانلار بار،خۇددى شۇلارنىڭ پۇشتىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 09:41:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 12:43 AM
يەھۇدىي دەپ بولغۇچە قوڭىدىن قان كىتىدىغان نەچچىسى بار. ...

ئەپەندىم  سىز تېمىنى ياخشى ئۇقۇپ ئاندىن  چۈشۈنۈپ  ئاندىن دىمەكچى بولغىنىڭىزغا  سېلىشتۇرۇپ  ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىز قانداق  ....ئۆزىڭىزمۇ تۇنىمايدىغان ئاللىكىملەرنى تىللاپ كېتىپسىزغۇ ؟؟ سىزمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 09:42:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئوبدان تېمىنى چۈشەنمەپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 09:43:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
و بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sidam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-4 09:43 AM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 10:38:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 10:55:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا قان كەتكەندەك قىلىدۇ ...

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16618
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 10:55:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۈر قىلىشمۇ بىر خىل ئىبادەت دىيىلىدۇ،ھەركىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققىنى ياخشى،ئاخرىدا ھەقىقەت ئايدىڭلاشقۇسى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش