مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 1

ئازغۇن بەندە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3083
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 10:33:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازغۇن بەندە  



بىر بېقىشىڭ كار قىلماي يەنە،
ئىككى باقتىڭ خۇمالىق كۆزدە.
بېسىپ قالدىڭ ئۆزەڭچە پەدە ،
مەسخۇش قىلدىڭ خۇلقىڭدا سۆزدە.

كۆزۈڭ قاتقان ئوخشايدۇ بەلكىم ،
يۈرۈش تۈرۈش سالاپىتىمدە .
ئويلىماستىن مەن كىم؟زادى كىم؟ ،
قاراتتىڭ سەن ئامانىتىڭدە .

ئەقىل بىلەن ئېلىشتى ھىسيات ،
سۆزۈڭ قىلدى دىللارنى خەستە.
قىلغاچ باشتا شۇنچە ئېھتىيات،
تارتتىم سەندىن ئۆزۈمنى تەستە.

ئاھ كاج پەلەك سىنىدى قايتا،
غۇرۇرۇمنى قىلدىم دەپسەندە.
يىگىتلىكىم دېدى ئەلۋىدا،
بولالمايمەن ساڭا بەخشەندە .

كۈتۈلمىگەن ۋىسال پەيتىدىن ،
قۇتۇلماق تەس نېمىشقا شۇنچە .
ئادەم ئەسلى ھىسيات نەسلىدىن،
دەپلا باغلاپ قايرىلدى غۇنچە .

ئاھ ئۇرايمۇ ھەممىنى سەندىن ،
شەيتان نەسلى ئىكەن ئەسلىدە .
ئۆتمىدىمۇ ئەجىبا مەندىن ،
ئەسلى مەنمۇ ئازغۇن بىر بەندە.
      

ئەپچىلەم ئىجادىيىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91301
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم !!!
شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ،ياخشى يىزىپسىز ،زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش