|
|
|
|
شاياردا بايرام،شاياردا ساياھەت
دوستلۇق رىشتىنى باغلىدى كارامەت
شايار ناھىيەسىنىڭ 2014- يىللىق << تارىم دەرياسىغا باغلانغان رىشتە ، شاياردا ئۇچىرىشش >> توغراق ئالتۇن كۈز ساياھەت بايرىمى توغرىسىدا
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز.ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەرھات مىجىت
شايار ناھىيەسىنىڭ 2014- يىللىق << تارىم دەرياسىغا باغلانغان رىشتە ، شاياردا ئۇچىرىشش >> توغراق ئالتۇن كۈز ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى 24-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى.
24-ئۆتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ناھىيەلىك پەن – تېخنىكا ، مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.سەۋەبى،بۇ يەردە ساياھەت بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغانىدى. باشلىنىش مۇراسىمىدا ۋىلايەت،ناھىيە ۋە شايار ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىياشىڭ شەھەرىدىن كەلگەن ئالاقىدار رەھبەرلەر تەبرىك سۆزى قىلدى.ئارقىدىن جىياشىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى،ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى،شايار ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى،كۇچا ناھىيەلىك كۆسەن ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئارتىستلىرى «توغراق روھى»،«قىپ-قىزىل چوغلۇق»،«بىر ئائىلە كىشىللىرى»،«كۆسەن پەرىلىرى»قاتارلىق 10غا يېقىن مول مەزمۇنلۇق ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ،بايرام مۇققەددىمىسىنى ئاجايىپ جانلاندۇرىۋەتتى.سەنئەت نومۇرلىرىدىن مەنىۋىي زوق ئالغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
ئويۇندىن كېيىن ئاپتونۇم رايۇن ئىچى –سىرىتىدىن تەكلىپ قىلىنغان رەھبەرلەر،مەدەنىيەت-سەنئەت،ئاخبارات خادىملىرى قاتارلىق ھەر ساھە،ھەر كەسپتىكى مېھمانلار ۋە ناھىيە خەلقى مەيدانغا رەتلىك تىزىلغان << شاياردىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار >> فوتو سۆرەت كۆرگەزمىسى ۋە يەرلىك يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان << مىڭ يىللىق توغراق ، يۈز يىللىق رىشتە >> ناملىق ئالتۇن توي ۋە يېڭى توينى خاتىرلەش پائالىيىتى شايار بازىرىنىڭ چىنىباغ كەنتى تەۋەسىدىكى توغراق شاھى مەنزىرەگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى . ھەرقايسى يېزا – بازار ( مەيدان)لارىدىكى يېڭىدىن توي قىلغان 10 جۈپ قىز – يىگىت ۋە 50يىللىق «ئالتۇن توي» مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن 10 جۈپ بوۋاي – موماي تويلۇق لىباسلىرىنى كىيىپ ،چەكسىز شاتلىققا چۆمگەن ھالدا،پەلەككە ياڭرىغان نەغمە – ناۋا ۋە ئۇرۇغ – تۇققان ، دوسىت – بۇرادەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان 300 دىن ئارتۇق مېھماننىڭ ئالىي تىلەكلىرى ئىچىدە بىر – بىرىنى قولتۇقلىشىپ قىزىل پاياندازغا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئالتۇن توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن بوۋاي – مومايلار ئۆزلىرىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى بەخىتلىك نىكاھ ھاياتىنىڭ سىرلىرىنى كۆپچىلىككە بايان قىلدى ھەمدە يېڭىدىن توي قىلغان قىز – يىگىتلەرگە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭدىن كىيىن يېڭى توي قىلغان قىز– يىگىتلەر ۋە ئالتۇن توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن بوۋاي – مومايلار بەخىت تىلەكلىرى يېزىلغان شارچىلارنى كۆككە قۇيىۋەتتى ۋە توغراق شاھى ئاستىدا بىرلىكتە سۆرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى . نەق مەيداندىكى ئاممىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە توي تۈكۈن ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىش پىلاكانتىغا ئىمزا قۇيۇپ ، ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئىجىل – ئىناق ئۈتۈپ ، ئائىلىسىنى تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭىچە توي ئىستىلىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومتتى ۋە ناھىيەنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئالتۇن توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن بوۋاي – مومايلار بىلەن يېڭىدىن توي قىلغان قىز- يىگىتلەرگە سوۋغا ۋە خاتىرە سۆرىتى ھەدىيە قىلدى .
25-ئۆكتەبىر ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ناخشا-مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى قاتناشقان<< 2014- يىللىق ئالتۇن كۈز توغراق مۇزىكا بايرىمى >> پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەت << شايار خەلىقىنىڭ دوستى كۆپ >> ناملىق مۇزىكا بىلەن باشلاندى . توغراق مۇزىكا ئەتىرىتى ، «جىلەن» مۇزىكا ئەتىرىتى قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇر،خەنزۇ مۇزىكا ئەتىرەتلىرى ۋە ناخشىچىلار ئاممىغا << شايار توغرىقى >> ، << مەشرەپ >> ، << سۈيۈملۈك قىزىلگۈل >> ، << ياشلىق مىلودىيەسى >> قاتارلىق ۋەتەننى،يۇرتنى،دوستلۇق-ئىناقلىقنى،چىن مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان، خەلىقنىڭ ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن، يۈكسەك ھاياتى كۈچكە ئىگە نۇمۇرلارنى ئۇرۇنلىدى . بۇنىڭ ئىچىدە جىلەن مۇزىكا ئەترىتى ئۇرۇنلىغان ئىجادىي ناخشا << شايار توغرىقى >> دا توغراقنىڭ مىڭ يىل تىك تۇرۇپ ياشايدىغانلىقى ، قۇرىغاندىن كىيىنمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدىغانلىقى ، يىقىلسىمۇ يەنە مىڭ يىلغىچە چىرىمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت قەيسىرانە خىسلىتى ۋە ئۇنىڭ ئۈزىگە خاس گۈزەللىكى نامايەن قىلنغان . << ئەگەر بۇمۇ مۇھەببەت بولمىسا >> ۋە << تەتۈر جەڭ >> دىگەن نۇمۇرلار پائالىيەتنى تېخمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى .
بۇ قېتىمقى مۇزىكا بايرىمىدا ئىجادىي ناخشا-مۇزىكىلارىمۇ ، ھازىرقى زامان مودا ناخشا-مۇزىكىلارىمۇ ئورۇنلۇنۇپ ، شايار خەلىقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەتكە ھېرىسمەن،گۈزەل تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان يۈكسەك روھى قىياپىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى .
26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن << توغراق ئالتۇن كۈز ساياھىتى >> ياشانغانلار مەيدان ئۇسۇلى مەخسۇس مەيدان كۆرىكى ناھىيەلىك پەن – تېخنىكا ، مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ ، ھەرمىللەت خەلىقىگە بىرمەيدان نەپىس مەدەنىيەت ئۇزۇقى بەردى. ياشانغان ئۇسۇل ھەۋەسكارلىرى جانلىق، خوشاللىق ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتتا شوخ مۇزىكىلارغا جۆر بۇلۇپ، << ئوڭدىن كەلگەن ئامەت >><< قىزىل بۆلجۈرگەن >> ، << مىللى خىسلەت >> ،<< بۈگۈن كېچە ئۇسۇل ئوينايمىز >> ، يالغۇز كىشىلىك ناخشا << شىنجاڭ ياخشى >> قاتارلىق 10 نەچچە سەرخىل نۇمۇرلار ئارقا – ئارقىدىن ئۇرۇنلاپ ، ئۈزلىرىنىڭ ساغلام ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان روھى قىياپىتنى نامايەن قىلىپ ، كۆپچىلىككە گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە توغراق ساياھەت بايرىمىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشتا بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى.
تەڭىرتاغ تورى تەھرىر،مۇخبىرلار بۈلۈمنىڭ مۇدىرى جاڭ شىنپىڭ مۇنداق دىدى : مەن مۇشۇنىڭ بىلەن تۆت قېتىم قاتناشتىم . تۆت قېتىملىق توغراق بايرىمى بىر بىرىدىن ياخشى ئۆتكۈزۈلدى . ئالدىنقى قېتىملىقلاردا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى يوق ئىدى . بۇ قېتىم بۇ كۆرگەزمىلەر بىرلا جايدا ئۆتكۈزۈلۈپتۇ . بۇنىڭ بىلەن تەنەرخ تىجىلىپلا قالماي يەنە كىشىنى ئىنتايىن زوقلاندۇردى . مىنڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىرقەدەر ياخشى بۇلۇپ ، دېھقانلارنىڭ مول – ھۇسۇل شاتلىقىنى كۆرەلىدۇق .بۇ پائالىيەت ئىلگرى يالغۇز ناخشا – ئۇسۇل بىلەن تۈگەيتى . بۇ قېتىم ناخشا – ئۇسۇل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەزمۇنلار بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ.
جىياشىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ، گۈزەل – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ماشۆۋېن مۇنداق دىدى : مەن شايارغا كىلىپ ، شايار خەلىقىنىڭ قىزغىنلىقى ، مىھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم . شۇنداقلا شاياردىكى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ۋە ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلاندىم . بۇنىڭدىن كىيىن مەدەنىيەت-سەنئەتنى ۋاستە قىلىپ،ھەر جەھەتتىن تەجىربە ئالماشتۇرۇپ،ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى دەي چىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى : << تارىم دەرياسىغا باغلانغان رىشتە ، شاياردا ئۇچىرىشش >> ناملىق توغراق ئالتۇن كۈز ساياھەتچىلىك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ناھىيەمىزنى تېخمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىپ ، ناھىيەمىزنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچى- سىرتىدىكى تۇنۇلۇش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت . بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق تېخمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ناھيەمىزگە كىلىپ مېھمان بولۇپ،ساياھەت قىلىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ ، شايارنىڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان خىسلىتىدىن بەھىرمان بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
سۆرەتتە :توغراق بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 07:28 PM
|
|
|
|
|
|