بىۋاپا
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
ئۇنتۇپ كەتتىم ئۆتمۈشلىرىڭنى،
كەلگۈسۈڭمۇ ماڭا ناتونۇش.
مەن سۆيمىگەن ئەزەلدىن سېنى،
يۈرىكىم ھەم بولمىغان بىھۇش.
ئاپئاق ئەنە سۆيگۈنىڭ بېتى،
نە ھاجەتتۇر يىغلاپ ئاھ ئۇرۇش.
باغرىمدا ئوت يانمايدۇ نېچۈن،
ئۇخلىمىغان ھەسرەت دېغىدا.
سەبىيلىكتىن ئايرىلدىڭ بۈگۈن،
ئۆز ئەپتىمنى كۆرگەن چېغىڭدا.
سەن قەلبىڭدىن قىلمىدىڭ سۈرگۈن،
ئۆزۈم كەتتىم كىمنىڭ يېنىغا.
قايرىلمىغان گەۋدەمدە كۆزۈڭ،
ھەسرەتلىنىپ كۈلدۈڭ ئىچىڭدە،
مەن بىلەن تەڭ كەتتى يۈرۈكۈڭ،
ئاھ!قالغىنى سەندە ھېچنىمە.
ئېيتىلمىغان بىر تالاي سۆزۈڭ،
توزۇپ كەتتى مەنسىز كېچىدە...
خەير سۆيگۈ
ئازابىڭدا ئاقمايمەن يارىم،
يېتىپ ئاشار ئۆزۈمنىڭ ئاھىم.
رەنجىمەيمەن بىراۋنى سۆيسەڭ،
بولالمىساڭ چىن ۋاپادارىم.
غەمكىن بولۇپ بەزلەپ يۈرمىگىن،
ئاڭلاشقا ھېچ يوقتۇر دىل رايىم.
سەنسىز يەنە قۇياش چىقىدۇ،
سەن يوق باھار يەنە كېلىدۇ.
گۈلدىن تانسا ئالا كېپىنەك،
بۇلبۇل ئەزىز بىلىپ سۆيىدۇ.
نېمە كۈنگە كۆنمىگەن ئىنسان،
جۇدالىققا يۈرەك كۆنىدۇ.
كېتىۋەرگىن كېتەرسەن ھامان،
قەدەملەرنى سۆرىشىڭ يالغان.
سۆيۈلگىنىم ئەمەس رېئاللىق،
ئازاپلارغا چىلىنىپ ياتقان.
ئىشىكىنى ئاچتىم سۈكۈتنىڭ،
مەندە قالدى بىر تەن مۇزلىغان.
ھىجران نالىسى
سەن مېنىڭدىن ئايرىلار بولساڭ،
ھىجراننىڭ قوينىدا تولغىنىپ
مەڭزىمنى بويلاپ ئاقار بولساڭ.
مەن سېنىڭسىز ياشىماق بولسام،
گۈلۈمنىڭ بەرگىنى توزىتىپ
چۆلدە تىكەن يا قامغاق بولسام.
يۈرسەڭ پىراقتا،كەتسەم يىراققا،
نە ھاجەت مەن ئۈچۈن مىسرالار تۈزۈش،
نە ھاجەت سەن ئۈچۈن شېئىرلار يېزىش.
ئارتۇقچە ھەممىسى ئارتۇقچە ئازاپ
سۆيگۈسىز يۈرەكتىن مۇھەببەت قېزىش.
يۈرىكىمدىن ۋاز كېچەر بولساڭ،
كۆزنىڭ غەمناك چاناقلىرىدا
ھاياتىمدىن ھەم يۈتەر بولساڭ.
مەنزىلىمدىن مەن تانماق بولسام،
ھەسرىتىمنىڭ قىرغاقلىرىدا
ئۆلۈمىمگە يول ئالماق بولسام.
قەلبىڭ ماناندا،تىلىم سۇئالدا،
نە ھاجەت مەن ئۈچۈن لاۋۇلداپ كۆيۈش،
نە ھاجەت سەن ئۈچۈن باغرىمنى يېرىش.
ئارتۇقچە ھەممىسى ئارتۇقچە ئازاپ
بىر قەترە سۆيۈلۈش مىڭ پاتمان كۈتۈش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 06:15 PM