|
|
|
|
سېغىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى
نۇر مۇھەممەد شۈكران مەلىكە مۇھەممەدنىڭ <سېغىنىشنىڭ ئاخىرىقى چېكى> نامىلىق شېئىرىگە تەقلىد
لەۋلىرىڭ بىلىنمەي تىترەيدۇ سۆزلەپ،
كۆزىڭدىن ياشلىرىڭ تۆكىلەر ئۈنسىز.
بىر چىراي يېنىڭدا بولغاندەك زاھىر،
مۇھاببەت تولپاردۇر شۇنداق يۈگەنسىز.
يېنىڭدىن كەتمەيدۇ غېرىپلىق ھامان،
تەكرار بىر ناخشىغا بولىسەن خۇمار.
زۆھرەگە كېرىكى بولغاندەك تاھىر،
قەلبىڭدە ئۈزلۈكسىز پۈكىلەر تۇمار.
بىر تاشنى سۆيىدۇ يىگانە قۇمۇش،
قاراغۇجا ئاسماندا ئۇچالماس ئىگىز.
تۈنلەرگە خوشنىدۇ كۈندۈزلەر، ياپىر،
كىگىزلا بولغاچقا پارقىراق بىگىز.
سېغىنىشنىڭ ھەممىسى ئازاپتۇر ئازاپ،
تۈنجى كۈن، ئاخىرىقى سائەتمۇ ئازاپ.
سېغىنىش ئۆزىغۇ تاتلىق مۇھاببەت،
سېغىنىشتا ئۆتكەن كۈن ماغزاپتۇر ماغزاپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 05:11 PM
|
|
|
|
|
|