ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ
دائىملىق ئــەزا
سەۋدالىقىــــم
.
. باشىمغا بالا بولدى سەۋدالىقىم، قەلبىمدە يارا بولدى سەۋدالىقىم. بىرلىرى ئاق بىلسىمۇ بۇ كۆڭلۈمنى، بىرىگە قارا بولدى سەۋدالىقىم. . كىم بىلدى سەۋدا بولۇپ يۈرگۈنۈمدە، دەردىدە تالاي كېچە كۆيگۈنۈمدە، قەدىرىم بىلەر بەلكىم ئۆلگۈنۈمدە، ساقايماس يارا بولدى سەۋدالىقىم. . بىلمىدىم پەس كۆردىمۇ شاھانىلەر، كار قىلماس بۇ ھالىمغا نە چارىلەر، قەلبىمنى ئۆرتىمەكتە باھانىلەر، دەردىمگە داۋا بولدى سەۋدالىقىم. . 2014 ـ يىلى 3 ـ نويابىر دۈشەنبە غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ