مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئاھ !تۈمەن كويلۇق پەردە ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 03:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخۇتۇركۇمىزنىڭ ئىلھامى قاچقان بولسا چاتاق بوپتۇ.ھېكايە ياخشى باشلانغان بولمىسا...ئەمدى مېنىڭ تەكلىپىم مۇنبەردىكى قەلىمى كۈچلۈك قېرىنداشلىرىمىز ۋەكالىتەن يېزىۋەتسە توخۇتۇركاممۇ باشقىچە پىكىردە بولماس دەپ ئويلايمەن .

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 06:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بىكار قالغان شانىياز دەسلەپتە تەكەخاننىڭ تەتەينى قانچۇق دەپ تىلللاشلىرىنى ، تەتەينى تەڭ ئاپرىپ قويىمىز دەپ مەھكەم تۇرىۋالغانلىقىنى ،ئاخىرىدا تەتەينىڭ نام كارتىسىنى دېرىزىدىن ئۇچۇرتىۋەتكەنلىكىنى ئويلاپ يۇزىنىڭ بىر تەرىپى بىلەن كۇلۇپ قويدى .ئايال خەق دىگەن ئاجايىپ بولىدۇ دىسە . بولدىلا ئۇنتۇپ كىتەي بۇ تەتەينى دۇنيا دىگەندە گۈزەل ئاياللار تولا ، بۇ ناھايىتى بىر تەتەيغۇ شۇ .
   ئەمما بۇ چاغدا شانىياز ئەلى مۇئەللىمنىڭ تەلىماتلىرىدىكى ئۇنتاي دىگەنسىرى ئۇنتىيالماسلىقتەك بىر گىرداپقا چۇشۇپ قالدى.ئۇنتاي دىگەنسېرى تەتەينىڭ چىرايى شۇنچە روشەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كىلەتتى .ئۇنتاي دىگەنسېرى ئەتتىگەن ئۇنىڭغا پىكا ماشىنا ئالدىدىكى ياردەم كۇتكەن كۆزلىرى ئىسىگە كەلدى .ئۇنتاي دىگەنسېرى تەتەينىڭ لېفىت ئالدىدىكى قىزغىن ئەھۋال سورىشى كەلدى .ئۇنتاي دىگەنسېرى ئۇنىڭ پەردە ئۆلچىگەندىكى ئاپپاق بىلى ئىسىگە كىلەتتى .ئۇنتاي دىگەنسېرى ئۇنىڭ خوشلىشى ئالدىدىكى ئىللىق تەبەسسۇمى شۇنچە روشەنلەشتى .......
ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم بىسسمىللاھىر رەخمانىر رەخىم . شانىيازنىڭ ئۆزىگە قاتتىق ئاچچىقى كەلدى . بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئۆتەۋاتقان بىر ئەدەم تۇرۇپ قىلۋاتقان خىيالىمنى قارا .بۇنداق گۇناھلىق خىياللارنى يىراق ئاپا !  ئەمما ئەقىل شانىيازنىڭ ھايۋانى نەپسىگە يول بىرەتتى . ئىسلام تەلىماتلىرىدا خىيال قىلساڭ گۇناھ ھىساپلانمايدۇ .سەن ئىبنى كەسىرنى ئوقۇغانتىڭغۇ ،خىيال قىلغانغا گۇناھ بولۇدۇ دىگەن چۇشەنچە  ئۇزاق ئۆتمەيلا مەنسۇق بولۇپ كەتكەن . شۇنداقتىمۇ ئايالى بار بالسىى بار دىنى ئىتقادى مۇستەھكەم بىر ئادەم ئۇچۇن بۇنداق خىياللارنى قىلىش ياخشى ئەمەستە .ئەلۋەتتە ياخشى ئەمەس .ياخشى يېرى تەكەخان سېنىڭ ئىچىڭگە كىرىپ چىقالمىغاندىن كىيىن سېنىڭ زادى نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ .تەكەخان بىلمىگەن بىلەن ئاللاھ بىلىدۇ . ئىچىڭدىكىنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ.شانىياز كاللاڭنى سىلكىۋەتكىن!
تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلىشىدىن شانىياز چۆچۇپ كەتتى . ھە مانا دىدى ئۇ ماشىنىنىڭ سولىغۇچ بىخەتەرلىكىنى بوشۇتۇپ .تەكەخان ماشىنىغا چىققان پېتى غوتۇلداپلا كەتتى :
-ھەي زادى سىزنىڭ كاللىڭىز نەدە چۆرگىلەۋاتىدۇ ،پۇل يوق ھەمياننى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ غېمىدا يوق ئولتارغىنىنى بۇ ئادەمنىڭ ، -ھە ئىچىدە پۇل قالماپتىكەنمۇ ، تۆنۇگۇنلا يۇز كوينى پاچىلاپ ئەللىك ئاتمىش يەتمىش كوي پۇل باردەك قىلغانغۇ . ھە ئەسلىدە بالىمىز ئۆزىنىڭ پۇل قاپچۇقىغا يۆتكىۋاپتۇدە ، توۋۋا ،ھازىرقى باللار پۇلغا نىمانچە ئامراق ،موشۇ ئەمەتجاننىڭ قولىغا يىڭنە سانچىيدىغان يېرىگە كەلدى .كەچكىچە دادسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ پۇل قاپچۇقى بىلەنلا ھەپىلەشكەن . ھەي !بىراق دۇنيا موشۇنداق بولۇپ كەتتى ،بۇنى بالىدىنلا كۆرگىلى بولمايدۇ . بىزنىڭ ئەڭ كۆپ تەكىتلەيدىغىنىمىزمۇ ئەڭ مۇھىم بىلىدىغىنىمىزمۇ ، ئەڭ كۆپ ئالماشتۇرىدىغىنىمىزمۇ پۇل بولغاندىن كىيىن باللار پۇلنى مۇھىم بىلمەي قالامتى .
   -ھە باياتىن ماشىنا تۇۋىدە خېلى تۇرۇپ كەتتىم ، زادى نىمىنىڭ خىيالىنى سۇرىۋاتقان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 06:50:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتەيخان بىلەن تەكەخاننىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلمىغىچە ھىكايىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قۇشۇلمايمىز.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 08:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي دېۋۇ بەش مىتىر نىينىغا بېرىپ پۇل چىقىرىش ماشىنىسىدىن پۇل چىقارسىڭىز بولمامدۇ ، كارتامنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلەتتىڭىزغۇ ، بىرەر كۇنى توت كوچىغا نامازغا كەلگەندە ئاخۇنۇم بىلەن ئازراق چېقىشىپ قوياي .مەسچىتكە تىلكامىرا ئورنىتىپ زامانىۋىلاشتۇرۋەتتىڭىزلەر ، ئەمدى شېرىن بۇلاققىمۇ كارتا سۇركەيدىغان ماىشنا قىلۋېلىڭلار  . دەپ قويسام بولغۇدەك .-يېنىمدا بىر گادا پۇل بارتى ، شۇنىڭدىن بىر پارچىنى چۇيلاپ ئالدىم .  
شانىياز  رول بۇراش چىرىغىنى سولغا ئۇرۇپ ماشىنىنى ئاستا قوزغاتتى . ماشىنا ئاستا مېڭىپ چاۋاغ كۆرۇكتىكى ئەگىلمىدىن قايرىلغاندا شانىياز تۇيۇقسىز تەكەخانننىڭ ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى .ۋاي نىم بولدى ۋۇي ساڭا ، نىمىگە شۇنچە ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتىڭ . قۇرغۇيۇڭ قولۇڭدا بولسا بەخىت دىگەن شۇ ، ئېرىڭ يېنىڭدا بولسا بەخىت دىگەن شۇ دەپتىكەن شانىياز دىگەن بىر مۇتەپەككۇر ، بولدى يىغلىما دەيمەن .
ئاۋۇ قاسىمنىڭ ئۆيىدە تەتەينى ئالىمەن دىگەندەك گەپلەرنى دەپ يۇردىڭىزغۇ ، -ۋاي ئەمدى خاتۇن ئۇنچىلىك چاقچاق دىگەن بولمامدۇ ئەر خەقلىنىڭ ئارىسىدا -سەن مېنى ئابدۇكېرىم ئابباسۇف دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟ نەدىكى بىر چاقچاقلارغا ئۇنچىلىك قىپ كەتكەن بارمۇ ؟-ئەمما ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىڭىزغۇ ، -ئەمدى خاتۇن ئىنسانچىلىق ، -ياق بۇ ئىشنى خۇدايىم كەچۇرسىمۇ مەن كەچۇرمەيمەن -شانىياز ماشىنىنى يولنىڭ چېتىدە توختۇتۇپ تەكەخانغا قارىدى :-ياۋ ئەجەپ بىر گەپ قىلىدىغان خاتۇنكەنسەن . ھە بوپتۇ ، ھەممە  ئىشنىڭ جازاسى بار ، بۇ ئىش ئۇچۇن بوينىمىز قىلدىن ئىنچىكە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 482 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى  ياخشى يىزىلىۋاتىدۇ ، داۋامىغا تەشنامىز. تەتەي بىلەن تەكەخاننىڭ بىر مەيدان جىڭى راستقا  ئايلانماس ھە..............سۇف.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1367 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئەنە شۇنداق نازۇك . دىلى ئاغىرسا  كۆزىگە زورلايدۇ .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 09:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاسادىپى بىر ئىشلار دىگىنە بۇ زامان ئاخىرىدا ،سەن ئۇنچىلىك قىلىپ كەتكۇدەك ئىشلارمۇ ئەمەس ، بۇ بولدى يىغلىما ،ھە ساڭا بىر ئالتۇن ئۇزۇك ئەپبىرىمەن . -ئالتۇننىڭ باھاسى شالاقلاپ چۇشۇپ كىتىۋاتقاندا ئالتۇن ئەپبىرىمەن دىسىڭىز بولمايدۇ ماڭا .- ۋاي ئۇنداق دىمە خاتۇن ئالتۇن بىلەن كۆمۇش ئاللانىڭ زىمىندىكى تامغىسى ئەمدى ئۆرلەيدىغان يېرىغىمۇ كەپ قالدى . ئشىقىپ بۇدا سىز كۆڭلۇمنى بەكمۇ يېرىم قىلدىڭىز . : مېنىڭ باغۇ بىر ئاي رۇمانتىك تۇرمۇش كەچۇرگۇم بار . شانىياز سەل ئىچىنى تىڭشاپ قالدى .تەكەخاننى ئالغاندا شانىياز مۇھەببەتلەشمەي توي قىلىش دىگەن جەميەتتىكى يېڭى مودا بويىچە شاق شۇقلا ئۇياندىن تونۇشۇپ بۇياندىن توي قىلۋەتكەن .تويدىن كىيىن مۇھەببەتلىشەرمىز دەپ قويغان بىلەن ئىشنىڭ توللىقىدا بالىسى ئەمەتجانمۇ تۆت ياشقا كىرەي دەپ قالدى . -دىمەك سېنىڭ مېنى جازالىغان ھىساپتا بىر ئاي رومانتىك تۇرمۇش كەچۇرگۇڭ بار ، شۇنداقمۇ ، -شۇنداق ، سىز كۆڭلۇمنى ئاز يېرىم قىلمىدىڭىز بۇگۇن . -بۇ گىپىڭغۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ، ئەمما خاتۇن مېنىڭ بۇ ئۇچ مىڭ كويلۇق مائاشىم پەقەت بىر ئاي  ئۇرغۇيچە تۇرمۇش كەچۇرۇشكىلا يىتىدۇ .فىرانسوزچە تۇرمۇش كەچۇرۇشكە چورتلا يەتمەسمىكى ، بىر ئاي دىگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس ،بۇ دىگەن قومۇل فىرانسىيە ئەمەس ، مال باھاسى شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن قىممەت ، مائاش شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن ئاز ، مۇنداق بولسۇن بىر ھەپتە فىرانسوزچە ياشاپ باقايلى .شۇنىڭغىمۇ چىقىنالىساق بولىدۇ دىگىنە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110132
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-9-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ، بەكلا قىزىقىپ ئوقۇدۇم

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5681
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2503 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىق چىقىۋاتىدۇ ... داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز...ئەمدى باش قەھرىمانلىققا تەتەيخاننى ئالماشتۇرساق بولارمىكى.....

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 01:29:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخوتۇر ئەپەندى سىز شانىيازما؟

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش