ۋاز كەچتىم
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
سەن كەچتىڭ خوش جانان مەنمۇ ھەم كەچتىم،
مېنىڭدىن ۋازكەچكەن«ئاشىق»دىلىڭدىن.
سەن كەتتىڭ يىراققا مەنمۇ ھەم كەتتىم،
ۋاپادىن ئايرىلغان سۆيگۈ بېغىدىن.
تارتىشماي كېتىۋەر ئەتىگە قاراپ.
ئىرىمە ھەتتاكى كۆز ياشلىرىمغا.
باغرىمدالىققىدە سەن سۇنغان ئازاپ،
ئاھ شۇلارھەمرادۇر يالغۇزلۇقۇمغا.
ھېچكىمسەن دەرتلىرىڭ تونۇش بولسىمۇ،
چاقىرسام سۆيگۈمنىڭ يەتمەيدۇ ئۈنى.
خىيالىم بىرساڭا تولۇپ تۇرسىمۇ،
مەڭزىمدىن تاراملاپ تۈگەر بىر كۈنى.
ۋاز كەچتىم قايرىلما ئىزدە بەختىڭنى،
ئۇھسىنىپ يالغاندىن قايغۇرما زىنھار.
سەن خۇشال تېپىۋەر سۆيگۈ تەختىڭنى،
مېنىڭسىز گۈللەرگە قونۇپ«بىغۇبار».
ئۆلۈمنى سېغىنىش
مەن قارا بەختىمگەيۆلىنىپ پەقەت،
كۈلگەنمەن ئۆزۈمگە ياكى ئۆلۈمگە.
ھېچ يۈرەك ئەسلىمەس ئىشەنمەس بىررەت،
مەن ئۆلۈپ كىتىمەن دېگەن سۆزۈمگە.
بۈگۈندىن يىراقلاپ ئۇنتۇلسام ئەگەر،
نىشانسىزقەدەملەر توختار ئېھتىمال.
مەنسىزمۇشاۋقۇنلۇق بۇ سوغۇق شەھەر،
باھانە يوق ياكى ئەسلەشكە ئامال.
بەرىبىر كىلىسەن ماڭا قول ئېچىپ،
سەھەردە ۋەياكى مۇدھىش كېچىدە.
كۈتىمەن ئامالسىز سېنى سېغىنىپ،
دەردىمنى ھېچكىمسىز قۇيۇپ ئىچىمگە.
ھېچكىم يوق سەندىن ھەم مېنىڭدىن باشقا،
بىردىنبىر ھەمراھىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم.
ياشاۋەر مېنىڭسىز بىۋاپا دۇنيا،
مەن كەلدىم ئېلىپ كەت خەيرلىك ئۆلۈم.
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى
ئەتە بەلكىم ئۆلۈپ كېتىمەن،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى.
ھاياتىڭدىن مەڭگۈ يۈتىمەن،
ئاققۇزمىغىن كۆز ياشلىرىڭنى.
بەلكىم يامغۇر ياغمايدۇ ئەتە،
كۆرەلمەيمەن ياكى قۇياشنى،
ھېچكىشىگە بەرمىدىم ۋەدە،
ئەتە يەنەتىرىك ياشاشنى.
نېچۈن دېمەسورىما مەندىن،
بۇ ۋىدالىق تاللىشىم ئەمەس.
ئايرىلغانداروھىم سوغ تەندىن،
تۈگەر ھەممەتوختايدۇ نەپەس.
ئەتە راستلا ئۆلۈپ كەتسەم گەر،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى.
كۆز ئاچماستامەن يوق بىر سەھەر،
ئۇنتۇپ كەتكىن مېنى ھەممىنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 01:44 PM