ئانام
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
«ئانام» دىسەم سۆيۈنەر دىلىم،
نۇرلىنارمەن يېنىپ-يېنىشلاپ.
ئوخشىتارمەن پەرىشتىلەرگە،
كۈيلىرىمگە قېتىپ بېغىشلاپ.
غەمسىز ئىدىم ئانام مېھرىدە،
ئەركىلەيتتىم سۆيۈپ باغاشلاپ.
بىزار بولۇپ قالسام بۆشۈكتىن،
تەۋرىنەتتى مېنى ھاپاشلاپ.
چېقىۋالسا پاشا،كۇمۇتىلار،
يەڭگىل سىلاپ، ئۇۋۇلاپ،قاشلاپ.
پۇتلىرىمغا سانجلسا شوخا،
ئېچىشاتتى يۈرىگى ياشلاپ.
ئەقىل تاپتىم ئانام ئەجرىدە،
بەڭۋاش،بىغەم،خۇلقىمنى تاشلاپ.
ئارزويۇمنىڭ بىرى ھەرەمگە،
ئاپارغۇم بار يۈدۈپ،ھاپاشلاپ.
2014-يىل11-ئاي 3-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 03:18 PM