قەيسەر، ئىستېداتلىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئانىلارغا بېغىشلايمەن
(غەزەل)
ئانا
رىشتى باغلانغان ئوغۇل، ھۆر قىزلىرغا دىلرەبا ،
كۆكسىدە جەننەت ئۇرۇن ئالغان ئانا سەن رەھنەما .
كۈن بىلەن ئايمۇ سالام بېرەر ساڭا ، ئۇلۇغ بىلىپ ،
نان يېقىپ ،تاماق ئېتىپ ، دەپ تۇرغۇنىڭدا :«مەرھابا»
بېرىسەن بالام دىبان جان رىشتىدىن ئوغۇز سۈتۈڭ،
تاشلىنىپ پەرزەنتلىرىڭنىڭ سۆيگۈسى ئوت باغرىغا .
ۋەسلىگە زەپ ئىنتىلىپ ، شەربەت توشۇق جامنى ئەمەس ،
چاڭقىدىڭ دەپ قۇيىسەن قەلىپ-يۈرىكىڭنى ئالدىغا .
بولسا يالماۋۇز جاپا مىسران قىلىچنى ئوينىتار ،
پەپىلەپ پۇشتۇڭنى قوشتۇڭ مەرد ئالىپ ئەۋلادىغا .
ئەسلىمەدۇر ئەڭ گۈزەل ماڭغان يۇلۇڭ . چۈشكەن ئوتەڭ ،
ئىزلىرىڭ گۈلدەستە سۇنغاي ئەلگە چاھار باغىدا .
راھىتىڭ-قەيسەرلىكىڭ مۈشكۈلنى ئەسىر ئەيلىگەي ،
چىقسا بوران ، ياغسا مۆلدۈر ئۆتمىدىڭ تار دالدىغا .
غەم-ئەلەمنى ئات غەيۇر ئۈمۈدىنى قىل قامچا قىلىپ ،
مىڭ توساقتىن كۈندە ھالىقىپ ، قايتمىدىڭسەن ئارقىغا .
«دەردىگە ئاسماقلىرىمنىڭ مۇپتىلا بولماق بەخىت.....»
دەپ غۇلاچ كەرگەن ئاناسەن ، مېھرى-قەھرى ھەم شىپا ،
ئىستىقبالىڭ ئىشكىڭنى ئاچتى دىدارىڭ بۈگۈن ،
سەن ئەزىز ، بەرنا لېتىپ-ئوخشار جاھان چىراقىغا .
جان ئانا: دەپ روھلىنار توۋلاپ كېرىمى دەرمەھەل ،
غەمگۈزارىمسەن ، سالام :-دەر ، مەڭگۈ دېمەس ئەلۋىدا.
.